


ئىلان ئالاقە ئۈندىدار:xjtv003
ئەسكەرتىش :ئۇزلان شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى سالونلاردىن باشقا سالونلار كۆچۈرمەڭ ،بايقالسا بىۋاستە پاش قىلىندۇ


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
30-قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ22-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ23-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ24-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ25-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ26-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ27-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ28-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ
ئېلان بىسىش ھەققىدە چۈشەنچە
ئەجرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ھەم ئۈستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر، ھۆرمەت بىلەن ھىكايە كىتاپ سالۇنى
قىرى خوتۇنغا ئاشىق ئەر
ئاپتۇرى: مۇنىرە ئۇزلان
21-قىسىم
-تولا ئۇنىڭ كويىدا بولما، ئۇ سەندەك غىتمەك ئەمەس، ئەر كىشىگە قىزىقمايدۇ!
-قارە مانا، باھادىرنى قوغداپ كەتكىنىڭنى، يەنە تېخى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىدىم دەيسەن!
باھادىر ئىشخانىسىدا تۇرۇپ دېرىزىدىن پەسكە كۆز يۈگۈرتۈپ چاقچاقلىشىپ كېتىپ بارغان ئىلغار بىلەن سەرۋىنازنى كۆرۈپ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ ئاچچىقى كەلدى، كېيىنكى دەقىقىدە ئۇ تېلېفونىنى چىقىرىپ سەرۋىنازغا تېلېفون قىلدى.
تېلېفوندىن سەرۋىنازنىڭ كۈلۈشۈپ چاقچاقلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەي، نېمە گەپ؟
-توختامنىڭ ئىشى پۈتمىدى، ھازىرلا ئىشخانامغا كېلىڭ!
-قانداق ئىش بولسا ئۈندىداردا دېسىڭىز بولمامدۇ؟
-ياق، بولمايدۇ، ھازىرلا يېنىمغا كىرمىسىڭىز بولمايدۇ!
-مېنىڭ ھازىر جىددىي ئىشىم بار!
-سەرۋىناز، پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ يوقمۇ؟-دېدى باھادىر سۈرلۈك ئاۋازدا قورقاق سالغاندەك.
-مەن سىزگە ئۈچ مىنۇت ۋاقىت بېرىمەن، ئۈچ مىنۇتقىچە دەرھال ئالدىمغا ئۈنۈپ بولۇڭ!
باھادىر تېلېفوننى قويۇۋېتىشىگە، سەرۋىناز ئۇنى ئەبلەخ دەپ تىللىدى.
-ئىلغار، مەن سەن بىلەن بىللە بارالمايدىغان بولدۇم. جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى، مەن سەل تۇرۇپ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا باراي!
سەرۋىناز بىناغا چىقىپ باھادىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغان كەلگەندە، كاتىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى كىرگىلى قويماي ئالدىنى توستى.
-خاپا بولمايسىز، بۇ بىزنىڭ باش لىدىرنىڭ ئىشخانىسى، كىرسىڭىز بولمايدۇ!
-سىلەرنىڭ باش لىدىر ئۆزى ماڭا تېلېفون قىپتىكەن، كىرسەم نېمىشقا بولمايدۇ؟
سەرۋىناز شۇنداق دەپلا ئىشخانىغا ئۈسۈپ كىردى.
-ھەي، سىز نېمانداق قىلىسىز...
كاتىپ سەرۋىنازنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ئىشخانىغا كىردى.
-باش لىدىر، بۇ...
-ھېچقىسى يوق، سىز چىقىپ كېتىڭ!
-ماقۇل!
كاتىپ ئىشخانىدىن يېنىپ چىقىپ دەرھاللا سىرتتىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن غەيۋەت قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى.
-بۇرادەرلەر، چوڭ خەۋەر بار، ئاڭلامسىلەر؟
-نېمە خەۋەر؟
-بىزنىڭ باش لىدىر مەبەتلىشىپتۇ!
-نېمە؟ راستما؟ بۇ قاچانقى ئىش ئەمدى؟
-بايىقى، ئابايا باش لىدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتكەن قىز بالىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بەك سەت چىرايلىق، خام يېگۈدەكلا قىز بالىكەن.
-شۇ شۇ، مەنمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق قىز بالىكەن.
-مېنىڭچە بۇ قىز بالا يۈزدە توقسان پىرسەنت باش لىدىرنىڭ قىز دوستى، بايا ئۇ باش لىدىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئىشىكنى چەكمەيلا ئۈسۈپ كىرسىمۇ، باش لىدىر ھېچنېمە دېمىدى. بۇرۇن بىرەرسى ئىشىكنى چەكمەي كىرىپ قالسا باش لىدىر تىللىمىسىمۇ ھومىيىپ قوياتتى، لېكىن بايىقى قىز بالىغا ھېچنېمە دېمىدى. شۇنىڭغا قاراپ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرىدىكەن دەپ قالدىم.
-ئەمىسە ئۇ بىزنىڭ باش لىدىرنىڭ لايىقىكەن، بىزنىڭ كېيىنكى ئايال خوجايىن دېگەن شۇ. بۇندىن كېيىن ئۇنى كۆرۈپ قالساق ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلايلى، بولمىسا بېشىمىزغا پىت تېرىۋالمايلى يەنە.
سەرۋىناز ئۇلارنىڭ قىلىشقان غەيۋەتلىرىدىن بىخەۋەر باھادىر بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇراتتى.
-مەن كىردىم يېنىڭىزغا مانا، توختامنىڭ قانداق ئىشى باركەن؟ قانداق ئىشى بولسا ئۇدۇللا دەڭ!
-ھېچقانداق ئىشى يوقكەن!
-ھېچقانداق ئىشى بولمىسا مېنى نېمىشقا چاقىرىپ كىرىسىز؟ كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ؟
-ھەئە دەردى بار، شۇڭا قىلغىلى ئىش تاپالماي چاقىرىپ كىردىم سىزنى!-دېدى باھادىر قىلچە نومۇس قىلماي.
شۇ كۈنى ئاخشىمى مېھراي بىلەن بەزمىخانىدا بىر چاڭ ئويناپ يانغان شادىيە مېھراينىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە باھادىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سەرۋىنازنى قوغلاپ چىقارماقچى بولدى.
ئۇ بەزمىخانىدىن يېنىپ چىقىپ بىر قاراڭغۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، ئىككى لۈكچەكنىڭ كەينىگە چۈشۈۋالغانلىقىنى سەزمىدى.
-ھوي ھۇي، ھۈشت!
ئادەم يوق يەرگە كەلگەندە كەينىدىكى ئىككى لۈكچەك ئۇنىڭغا ئىسقىرتىپ گەپ ئاتتى.
-ئوماق سىڭلىم، ئۆزىڭىز يالغۇز ماڭدىڭىزمۇ؟
شادىيە شۇندىلا كەينىگە چۈشكەن قاۋۇل، تەتۈر ئۇستىخان ئىككى ئەرنى كۆرۈپ بىر ئاز قورقتى.
-كىم سېنىڭ سىڭلىڭكەن؟ يوقال!
-ئوھۇي، ئاچچىقىڭىز نېمانداق يامان سىزنىڭ؟ ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن بىر چاڭ ئويناپ كەلمەمسىز؟
-ئاچاڭ بىلەن ئوينا، كۆزۈمدىن يىتە ماڭ!
ئارىدىن بىر لۈكچەك ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ سۆرەپ ماڭدى.
-نېمە قىلىسەن؟ قولامنى قوياپ بە، بولمىسا ۋارقىرايمەن، يوقال، كۆزۈمدىن يىت!
-ۋارقىرا، تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىرا! سەن قانچىلىك ۋارقىرىساڭ مەن شۇنچىلىك خۇشال بولىمەن گۈزىلىم، ھى ھى ھى...
لۈكچەك ئۇنى سىلىماقچى بولۇۋىدى، شادىيە سومكىسى بىلەن لۈكچەكنىڭ بېشىغا ئۇردى.
-ھەممىمىز بۇ يەرگە كۆڭۈل ئاچقىلى كەلگەن، سەن پاسكىنا نېمەڭگە دۇرۇس قىياپەتكە كىرىۋالىسەن؟ ياخشى قىز بالا مۇشۇنداق يەرگە كېلىپ يۈرەمدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئاكاڭنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قوي!-دېدى لۈكچەك مۇشتۇمىنى تەڭلەپ.
-ماڭا چېقىلما، نېرى تۇر، بولمايدىغان بولسا ئاياپ قويمايمەن!
-ماقۇل، قېنى مېنى بىر ئاياپ قويمىغىنە، بولە تېز ئومىقىم!
لۈكچەك ئۇنى قۇچاقلاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سۆرەپ كىيىمىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى.
شادىيە قورقۇپ كەتكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلىپ ۋارقىراۋاتقاندا، كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۇنى قويۇۋەت!
لۈكچەكلەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ تولىمۇ چىرايلىق، بەدىنى تولغان، سۈتتەك ئاپئاق گۈزەل قىزنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تېخىمۇ بىزەڭلىك بىلەن ھىجايدى.
-ئوھۇي، يەنە بىر كاساپەت كەپتۇغۇ؟ بۇمۇ ياخشى بولغىنى، بىرىمىزگە بىردىن، ئالماشتۇرۇپ ئوينايدىغان بولدۇق!
سەرۋىناز ئالدىرىماي ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېغىز ئاچتى:
-ماڭا قارا ئاكا، بۇ قىز بالا بەك كىچىككەن. ئۇ ئىش ئۇقمايدۇ، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىنى مانا مەن ئالاي، قانداق؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان لۈكچەكلەر سەرۋىنازنىڭ بەدىنىگە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۆز تىكىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ شادىيەنى قويۇپ بەردى.
-بۇ يەردىن تېز كېتىڭ!-دېدى سەرۋىناز ئۇنىڭغا.
-لېكىن...
-لېكىن پېكىننى قويۇپ تېز مېڭىڭ!
شادىيە ماقۇل دېگىنىچە كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قاراپ قاچتى.
بىراق تېخى يىراققا بېرىپ بولماي تۇرۇپلا كەينىدىن تاراڭ تۇرۇڭ، پالاق پۇلۇق قىلغان ئاۋازلار بىلەن ئەر كىشىنىڭ ۋايجان، ئېھ دەپ ئىنجىقلىغان ئاۋازى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلاندى.
شادىيە قەدىمىنى توختىتىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ بايىقى چىرايلىق قىزنىڭ ئىككى لۈكچەكنى ئۇرۇپ يىقىتىپ بىرىنىڭ بېشىغا دەسسەپ يەنە بىرىنىڭ بېشىنى تامغا تىرەپ كاللىسىغا ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-يەنە قىزلارنى بوزەك قىلامسەن؟
-يا... ياق، ئەمدى... ئەمدى بۇنداق قىلمايمەن. ئاچا، خاپا بولماڭ!
سەرۋىناز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ پاشنىسىنى لۈكچەكنىڭ جان يېرىگە تەڭلىدى.
-ئا... ئاچا، مەن... مەن خاتا قىپتىمەن. ئەمدى... ئەمدى قىزلارنى بوزەك قىلمايمەن، مېنى... مېنى كەچۈرۈۋېتىڭ!-دەپ يالۋۇردى لۈكچەك.
سەرۋىناز قىلچە رەھىم قىلماي ئۇنىڭ جان يېرىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇۋىدى، لۈكچەكنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازى پۈتۈن كوچىنى بىر ئالدى.
-خاتالىقىڭنى ماڭا تونۇپ بەرمەي بېرىپ ساقچىلارغا تونۇپ بەر!
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان شادىيە قاتتىق ھەيران قىلىپ سەرۋىناز كۆزىگە بەئەينى كىنولاردىكى قۇتقازغۇچى ئايال پالۋاندەك كۆرۈنۈپ كېتىپ كۆزلىرىدە ئۇنىڭغا بولغان چوقۇنۇش نۇرلىرى ئەكس ئەتتى.
-ۋاھ... ئاچا، سىز بەك يامانكەنسىز!
شادىيە دەرھاللا يۈگۈرۈپ كېلىپ سەرۋىنازغا يېپىشتى.
-سىز نېمىدېگەن چىرايلىق، مەن سىزگە بەك ئامراق بولۇپ قالدىم، بايا لۈكچەكلەرنى بەك پەيزى ئۇردىڭىز جۇمۇ ئىشقىلىپ، سىز بەك ئاقساكەنسىز! ئاچا، سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە؟ بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ مەن سىز بىلەن دوست بولۇپ قالسام بولامدۇ؟
شادىيە توختىماي ۋاتىلداپ سەرۋىنازنىڭ كەينىگە كىرىۋالدى.
سەرۋىناز قەدىمىنى تاققىدە توختىتىپ:
-ماڭا قاراڭ سىڭلىم، بۇندىن كېيىن ئۆزىڭىز يالغۇز بۇنداق خەتەرلىك يەرلەردە يۈرمەڭ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟-دېدى.
-ماقۇل ئاچا، ئەمىسە بىز دوست بولۇپ قالساق بولامدۇ؟ بولمىسا مەن سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى قوشۇۋالاي. ئاچا، مەن سىزگە راستتىنلا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم، سىز بىلەن بەك دوست بولغۇم بار!
شادىيە تېلېفونىنىڭ سىكانىرلايدىغان يېرىنى ئېچىپ كۆزىنى پارقىرىتىپ سەرۋىنازغا ئۈمىد بىلەن تىكىلدى.
-ماڭا قاراڭ سىڭلىم، ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئۈندىدارىنى قالايمىقان قاتماڭ، بىلدىڭىزمۇ؟-دېدى سەرۋىناز كۈلۈپ كېتىپ.
شادىيە ئۇنىڭغا بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قېلىۋاتاتتى.
-ئاچا، سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟
-بار!
-ئەمىسە يەنە بىرسى جىقراق بولۇپ قالسىمۇ مەيلىغۇ ھە؟
سەرۋىناز پوسۇققىدە كۈلۈپ سالدى.
-مېنىڭ ئاكام بەك كېلىشكەن، يەنە تېخى ۋەششى پۇلى بار، شۇغىنىسى كۆزى تازا ياخشى ئەمەس. ئاڭلىسام ھازىر بىر ساختىپەز پاسكىنا ئۇنى ئالداپ كېتىپتۇمىش، ئەگەر كۆڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىز، مەن ئۇنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ قويىمەن، ماڭا يەڭگە بولۇڭ، بولامدۇ؟ سىز بەك چىرايلىقكەنسىز، ئەمما ئاكاممۇ سىزدىن قېلىشمايدۇ.
-سىڭلىم، مېنىڭ يەنە ئىشىم بار ئىدى. خوش، كېيىن كۆرۈشەرمىز!
شادىيە بۇنداق چىرايلىق ئاچاشنى مۇشۇنداقلا قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمەي يالغاندىن پۇتىنى قايرىۋالغان بولۇپ ۋايجان دەپ ۋارقىراپ سەرۋىنازغا ئېسىلىۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدى.
-ئاچا، مەن... مەن پۇتۇمنى قايرىۋالدىم. ئەمدى ئۆيۈمگە قانداق كېتىمەن؟ بولمىسا سىز مېنى ئاپىرىپ قويۇڭ، بولامدۇ؟
-ئۆيىڭىزگە نەدە؟-دەپ سورىدى سەرۋىناز.
-ئاقساراي قورۇسىدا!
-ئاقساراي قورۇسىدا؟
-ھەئە. تاتلىق ئاچا، مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇڭە، بولامدۇ؟
-ماقۇل!-دېدى سەرۋىناز ئۇنىڭ تاتلىق ئاچا دېگەن گېپىگە ئالدىنىپ.
ئۇ شادىيەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى ماڭغاچ ئىلغارغا ئۇچۇر يوللىدى.
-ئىلغار، مەن بايا باھادىرنىڭ ئومىقىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغاندەك قىلىمەن. ھازىر ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى ماڭدىم، سەل تۇرۇپ يېنىڭلارغا باراي!
داۋامى بار ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يوللىندۇ
30-قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ22-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ23-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ24-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ25-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ26-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ27-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ28-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ


