

ئىلان ئالاقە ئۈندىدار:xjtv003
ئەسكەرتىش :ئۇزلان شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى سالونلاردىن باشقا سالونلار كۆچۈرمەڭ ،بايقالسا بىۋاستە پاش قىلىندۇ


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
59قسم |
|||
68قسم |
67قسم |
تولۇق قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ68-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ69-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ70-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ71-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ72-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ73-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ74-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ75-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ76-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ77-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ78-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ
ئېلان بىسىش ھەققىدە چۈشەنچە
ئەجرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ھەم ئۈستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر، ھۆرمەت بىلەن ھىكايە كىتاپ سالۇنى
يالاڭتۆش كۈيئوغۇل
ئاپتۇرى: مۇنىرە ئۇزلان
69-قىسىم
پەقەت غالىپ قېرىنداشلىق مېھرىنى دەپ ئۇلارغا ھېچقاچان يامانلىق ئويلاپ باقمىدى، رەيھانمۇ ئىزچىل بوزەك بولۇنۇپ كەلدى.
ئۆركەش خوتۇنىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ۋاقتىنچە چىداپ كەلگەنىدى، لېكىن ئۇ بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ بۇنداق نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، شۇ تاپتا ھەتتا ئۆزىنىڭ داچىسىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ!
-ئۆركەش، مومامغا مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا پېتىندىڭمۇ؟ بۈگۈن مەن سېنى ئەدەپلەپ قويمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ،-دېدى پەرھات غەزەپ بىلەن.
ئۆركەش مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ مەنسىتمىگەن ھالدا:
-پەرھات، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا سەن پەقەت بىر چۈمۈلىگە ئوخشاش، ھېچنىمىگە ئەرزىمەيسەن،-دېدى.
ھۆرنىسا موماي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، غەزەپ بىلەن:
-ئۆركەش، سەن ماڭا تىزلىنىپ كەچۈرۈم سوراپ، داچىنى قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ، سېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرۈۋېتەي! بولمىسا مەن ھازىرلا رەيھاننى سەن بىلەن ئاجرىشىشقا بۇيرۇپ، سېنى بۇ ئائىلىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن، بۇ ئائىلىدىن ئايرىلساڭ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ ئاچ قېلىپ ئۆلمىگىنىڭنى مەن بىر كۆرەي،-دېدى.
بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرغان رەيھان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆركەشنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
-مەن قوشۇلمايمەن! سىز مېنىڭ مومام بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، يەنە بۇ ئائىلىنى باشقۇرۇپ كەلگىنىڭىز ئۈچۈن مەن ئىزچىل نېمە دېسىڭىز ماقۇل دەپ كەلدىم، سىلەر دادامنى شۇنچە بوزەك قىلدىڭلار، ئۆركەشنى بوزەك قىلدىڭلار، يەنە بىزنى مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى دەپ قارامسىلەر؟ مەن ئۆركەش بىلەن مەڭگۈ ئاجراشمايمەن!-دەپ ۋارقىرىدى.
ھۆرنىسا موماي ئاچچىقلىنىپ، غالىپقا قاراپ:
-قارا، سېنىڭ باققان قىزىڭنى، ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ دېگەن مۇشۇ دە!-دەپ ۋارقىرىدى.
غالىپ بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ھۆرنىسا مومايغا تىكىلىپ قارىدى، شۇ تاپتا ئۇ ئىلگىرىكىدە قورقۇنچاقلىق بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ناھايىتى نارازى بولغان ھالدا مومايغا قاراپ تۇراتتى.
خېلىلمۇ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئادەتتە بەك توخۇ يۈرەك ئىدى، ئۆيدىمۇ خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى، ھۆرنىسا موماينىڭ ئالدىدا گەپ ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، لېكىن ھازىر ھۆرنىسا مومايغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراشقا پېتىندىمۇ؟
خېلىل دەرھال:
-غالىپ، دەرھال قىزىڭ بىلەن كۈيۈئوغلىڭنى تىزلاندۇر، ئاپامنىڭ ئاچچىقلىنىۋاتقىنىنى كۆرمىدىڭمۇ؟-دېدى.
ئادەتتە ئەڭ قورقۇنچاق غالىپنىڭ چىرايى شۇ تاپتا تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ خېلىلغا قاراپ:
-ئاكا، داچىنى باشقىلار ئۆركەشكە سوۋغا قىلغان، ئۇ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلسۇن، قانداق قىلسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، قىزىم كىم بىلەن توي قىلىدۇ، بۇ ئىشنى سىلەر تېخىمۇ باشقۇرالمايسىز! بۇ داچىنىڭ قىممىتى 130 مىليون، بۇ ئائىلىنىڭ پۈتكۈل بىساتىدىنمۇ كۆپ، سىلەر نېمىگە ئاساسەن ئىگىلىۋالماقچى بولىسىلەر؟-دېدى.
ھۆرنىسا موماينىڭ ئاچچىقىدا پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، ئۈستەلدىكى پىيالىنى ئېلىپ، غالىپقا ئاتتى. لېكىن غالىپ ئۆزىنى قاچۇرماي، پىيالە «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا تېگىپ، بېشى بىردەمدىلا ئىششىپ، چاي ئۇنىڭ يۈزىنى بويلاپ ئاقتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا مىدىر - سىدىر قىلمىدى.
-دادا!-رەيھان قاتتىق ۋارقىراپ، كۆز چانىقى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى.
ئۇ ئۆزى ھاقارەتكە ئۇچرىسا بولىدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ دادىسىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويمايدۇ.
غالىپ سوغۇققانلىق بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-ئاپا، ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا، بىز قايتايلى،-دەپ گېپىنى تۈگىتىپ، يان تەرىپىدىكى ئۆركەش بىلەن رەيھانغا:
- بىز ماڭايلى،-دەپ كەينىگە قاراپمۇ قويماي سىرتقا قاراپ ماڭدى.
رەيھان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، زالدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى، ئۆركەشمۇ زالدىكىلەرگە قاراپمۇ قويماي كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى.
شۇ تاپتا خېلىل ئاچچىقتىن يېرىلاي دېگەنىدى، ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە ھۆرنىسا موماي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان، بۈگۈن ئۇ يەنە ئابرۇيلۇق تۇغقانلارنىمۇ چاقىرىپ، ھەيۋە قىلىپ، غالىپنى داچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغۇزماقچى بولغان، ئەگەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرمىسا، ئۇنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولغانىدى.
ئۇنىڭ ئويى بويىچە، غالىپ ئادەتتە ئەڭ قورقۇنچاق بولغاچقا، ئاپىسى بىر ئېغىز گەپ قىلسىلا تىترەپ، ۋاقتى كەلگەندە، چوقۇم ياۋاشلىق بىلەن داچىنى قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بېرەتتى. رەيھانغا كەلسەك، ئۇ رەيھاننى ئەسلا كۆزگە ئىلمايدۇ، ياتلىق بولغان ئايالنىڭ قانداقمۇ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتلىق بولغىنى بىر يالاڭتۆش، ئۆركەشتەك ئىچ كۈيئوغۇلنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ھېچقانداق ئورنى يوق، ھەتتا گەپ قىلىش سالاھىيىتىمۇ يوق!
بىراق، خېلىل غالىپنىڭ موماي بىلەن تاكاللىشىشقا پېتىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. رەيھانمۇ موماينىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى. ھەتتا ھېلىقى يارىماس ئۆركەش موماينى يۈزىدىن يۈزىگە نومۇسسىز دەپ تىللاشقا پېتىندى!
-سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەقىقەتەن يۈزسىزكەنسىلەر!-دېدى خېلىل ۋارقىراپ، ئارقىدىن ئۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ:
-ئاپا، ئۇلارنىڭ بۇنداقلا كېتىشىگە يول قويساق بولمايدۇ! ئەگەر بۈگۈن مۇشۇنداقلا بولدى قىلساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىزنىڭ گەدىنىمىزگە مىنمەمدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆيدە يەنە سىزنىڭ ئورنىڭىز بولامدۇ؟-دەپ موماينى كۈشكۈرتتى.
شۇ تاپتا ھۆرنىسا موماينىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ باشقىلارنى كونترول قىلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك. ياقۇپ بوۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل بۇ ئائىلىنى ئۆزى باشقۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمگە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرمىدى ھەم بۇ ئۆيدە دېگىنى قىلىپ كەلدى.
بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۈگۈن رەيھاننىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن غەزىپىنى قوزغىدى.
ئۇ ئەسەبىيلەشكەن ھالدا:
-بىزنىڭ ئائىلىدىن مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىز چىقىپتۇ، سىلەر ھەممىڭلار مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى! مەن ئۆلۈپ كەتمىسەملا ھەممىڭلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭلار كېرەك،-دەپ ۋاقىراپ تۇرۇپ، يەنە:
-دەرۋازىنى تاقاڭلار، ئائىلىمىزنىڭ قائىسى بويىچە ئىش كۆرىمىز،-دېدى غەزەپ بىلەن.
بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ دېگىنى ھېساپ ئىدى، ئادەتتە ئۇنىڭغا ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان غالىپ بۈگۈن ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا پېتىندى، يەنە يەنە نەۋرە قىزى ۋە نەۋرە كۈيئوغلىمۇ بار، ھەتتا ئۇنى كۆزگە ئىلمىدى!
موماي كۆڭلىدە، ھۇ ۋاپاسىزلار، ئەگەر بۈگۈن ھەرقايسىڭنى قاتتىق جازالىمىسام، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلىدە مېنىڭ گېپىم يەنە گەپ بولامدۇ، دەپ ئويلىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر بۈگۈن ئۇلار مۇشۇنداقلا كېتىپ قالسا، ئۇلارنىڭ داچىسىنى قانداق تارتىۋالىدۇ؟ ئۇ ياشاپ مۇشۇ ياشقىچە كەلگۈچە ئۇنداق ھەشەمەتلىك داچىدا تۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان، ھازىر بۇ داچا ئوغلىنىڭ قولىدا، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەشەمەتلىك داچىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك تە! ئۇلار بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۇلار داچىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
شۇ ھامان بىر توپ قوغدىغۇچىلار دەرھال كېلىپ، ئۈچەيلەننى قاتمۇقات ئورىۋالدى. ئۆركەش قورونىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، قوغدىغۇچىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ:
-كىم ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىشقا پېتىنىدىكەن، مېنى تۈزۈت قىلمىدى دەپ ئاغرىنمىسۇن!-دەپ ۋارقىرىدى.
-ھۇ يارىماس، نېمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن؟-ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قوغدىغۇچى غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆركەشنى كالتەك بىلەن ئۇرماقچى بولدى.
ئۆركەشنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، ھېلىقى قوغدىغۇچىنىڭ قولىدىكى كالتەكنى تارتىۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ پۇتىغا ئۇردى.
قوغدىغۇچى پۇتىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، پۇتلىرى بوشىشىپ ئۆركەشنىڭ ئالدىدا تىزلاندى، بايىقى تاياق زەربىسىدىن ئۇنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى!
ئۆركەش ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي، ئىككى قولى بىلەن كۈچەپ ھېلىقى كالتەكنى ئىككى پارچە قىلىپ، يەرگە تاشلىۋەتتى.
ھويلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاڭ تاڭ قالدى. بۇ كالتەك قارىياغاچ ياغىچىدىن ياسالغان بولۇپ، قاتتىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىككى قاۋۇل ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ سۇندۇرماق تەس ئىدى، لېكىن ئۆركەش بىر كۈچەپلا سۇندۇرۇۋەتتى.
غالىپ ئۆركەشنىڭ قول سالغانلىقىنى كۆرۈپ «ئۇھ» دېدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈيئوغلىنىڭ بۇنداق قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئۇ كۆڭلىدە قارىغاندا، بۈگۈن قىزىم ئىككىمىز بۇ ئائىلىدىن ساق - سالامەت ئايرىلالايدىكەنمىز، دەپ ئويلىدى.
بۇ ئائىلىدىكى قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى خېلىل ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ يېقىن ئادەملىرى ئىدى.
خېلىل چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:
-ئۆركەش، سېنىڭ يەنە بۇنچىلىك كارامىتىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بىراق سەن بىر ئادەم تۇرۇپ، بۇنچە كۆپ ئادەمگە قانداق تاقابىل تۇرالايسەنكىن قېنى، مەن بىر كۆرۈپ باقاي،-دېدى.
-ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار،-دېدى پەرھاتمۇ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.
ئۇ بۈگۈندىن پايدىلىنىپ ئۆركەشتىن ئۆچ ئالماقچى بولدى.
بىر توپ قوغدىغۇچى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ، بىردىنلا ئۆركەشكە قاراپ ئېتىلدى، ئۆركەش پىسەنت قىلماي، بىر نەچچە قوغدىغۇچى ئېتىلىپ كەلگەندە، بىر تېپىپلا، ئىككى قوغدىغۇچىنى تېپىپ ئۇچۇرۇۋەتتى.
ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان قوغدىغۇچىنى ھەش-پەش دېگۈچە يىقىتتى!
ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان رەيھان بۇنىڭدىن ھاڭ - تاڭ قالدى، ئۇ ئۆركەشنىڭ بۇنداق ماھارىتى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
قىزىنىڭ ھاڭ - تاڭ قالغان ھالىتىنى كۆرگەن غالىپ دەرھال چۈشەندۈرۈپ:
-رەيھان، سەن ئادەتتە ئىشقا كەتكەندە، ئۆركەش ھەمىشە ئۆيدە تېلېۋىزورغا ئەگىشىپ گۇمپا مەشىق قىلاتتى،-دېدى.
-ئۇ يەنە گۇمپا ئۆگەنگەنمۇ؟-دېدى رەيھان ھەيران بولۇپ.
غالىپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
-ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى ئاز ئەمەس،-دېگەچ، ئۆركەشنىڭ بىر نەچچە قوغدىغۇچى بىلەن جان تىكىپ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە يەنە بىر ئاز خىجىل بولدى.
ئۇلار ئىلگىرى ئۆركەشنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئۆيدە كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىشكە بۇيرۇغان، لېكىن ئۆركەشمۇ ئەر كىشى، ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى بار. قايسى ئەر كىشى بىر ئۆمۈر ئۆيدە كىر يۇيۇپ تاماق ئېتىشنى خالايدۇ؟ قارىغاندا، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆركەشكە يۈز كېلەلمەيدىكەن.
بۇ چاغدا ئۆركەش ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قوغدىغۇچىنى ئۇرۇپ يىقىتقان بولسىمۇ، چىرايىدا قورقۇنچتىن ئەسەر يوق ئىدى.
ھويلا ئىچىمۇ قالايمىقان بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەرىدە بىلەن موماي ئاللىقاچان ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى، ھويلىدا قېپقالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر ئىدى.
ياندىكى پەرھات بۇنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى، ئۆركەشنىڭ ماھارىتىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۆركەشنىڭ ئاستا ـ ئاستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، پەرھات چىشىنى چىشلەپ، بىر پالتىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا مېڭىپ ئۆركەش بىر قوغدىغۇچىنى تەپكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى.
رەيھان بۇنى كۆرۈپ:
-ئۆركەش، پەخەس بولۇڭ!-دەپ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتى.
پەرھات غەزەپ بىلەن:
-ئاناڭنى، ئۆلگۈر، مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!-دەپ ۋارقىرىدى، شۇ تاپتا پەرھاتنىڭ بارلىق ئۆچمەنلىكى يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، ئۆركەشنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى.
غالىپمۇ قورققىنىدىن ئىككى پۇتى بوشىشىپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.
ئۇلار ...ئۆركەشنىڭ جېنىنى ئالماقچىمۇ؟
ئۆركەش تۇيۇقسىز قولىنى كۆتۈرۈپ، پالتىنىڭ سېپىنى تۇتۇۋېلىپ، پەرھاتقا قارىدى.
داۋامى بار ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يوللىندۇ
تولۇق قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ68-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ69-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ70-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ71-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ72-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ73-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ74-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ75-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ76-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ77-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ
ئەسەرنىڭ78-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ


