


ئىلان ئالاقە ئۈندىدار:xjtv003
ئەسكەرتىش :ئۇزلان شىركىتى ھەمكارلىقىدىكى سالونلاردىن باشقا سالونلار كۆچۈرمەڭ ،بايقالسا بىۋاستە پاش قىلىندۇ


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
105قسم |
|||
0قسم |
0قسم |
تولۇق قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ168-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ
ئېلان بىسىش ھەققىدە چۈشەنچە
ئەجرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ھەم ئۈستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر، ھۆرمەت بىلەن ھىكايە كىتاپ سالۇنى
يالاڭتۆش كۈيئوغۇل
ئاپتۇرى: مۇنىرە ئۇزلان
167-قىسىم
رەيھان كىيگەن سۇ ئۈزۈش كىيىمى ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى خېلىلا يېپىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رەيھاننىڭ مۇكەممەل بەدەن شەكلى، ئۇزۇن ھەم ئاپئاق پاچاقلىرىغا قاراپ، ئۆركەشنىڭ قانلىرى قىزىپ كەتكەندەك بولدى.
رەيھاننىڭ يېنىدىكى سۈبىنۇرنىڭ بوي ـ تۇرقىمۇ رەيھاندىن قېلىشمايتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ رەيھاننى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ئۇياتسىزلىق بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئىدى.
سۈبىنۇر ئۆركەشنىڭ ئۆزىگە قاراپ سەل ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا قاراپ قاش ئېتىپ قويدى.
ئۆركەش شۇ تاپتا كۆز ئالدىدىكى گۈزەل ئىككى قىزغا قاراپ كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى، لېكىن يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، چاندۇرماي باشقا ياققا قاراپ ئۇلارنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ئولتۇرۇۋالدى.
رەيھان بىلەن سۈبىنۇر ئىككىسى خۇددى مودېللارغا ئوخشاش ئۆركەشنىڭ يېنىغا ئاستا مېڭىپ كەلدى، ئۆركەش بۇلارغا قاراپ ئۆزىنى خۇددى مودا كىيىم كۆرگەزمىسىگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
ئارقىدىن ئىككىيلەن ئارىشاڭ كۆلچىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن سۇغا كىردى.
رەيھاننىڭمۇ تۇنجى قېتىم يولدىشىنىڭ ئالدىدا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىشى بولغاچقا، سەل تارتىنىپ قالدى بولغاي، سۈبىنۇرنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۆركەشكە ئىككى ـ ئۈچ مېتىر كېلىدىغان جايدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.
بىراق شۇ تاپتا سۈبىنۇرنىڭ خىيالى ئېنىقلا ئۆركەشتە ئىدى.
ئۇ بىر تەرەپتىن رەيھان بىلەن خۇش ياقمىغان ھالدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆركەشكە پات ـ پات ئوغرىلىقچە قاراپ قويدى.
ئۆركەش ئايالىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامالسىز ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ، ئاندىن ئارىشاڭدا كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئالدى.
ئارىشاڭدىكى ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ بەكلا راھەتلەنگەن بولسا كېرەك، ئۇ ئىككىسى بىردەم پاراڭلىشىپلا، ئۇيقۇسى كېلىپ ئەسنەپ قويۇشتى.
دېمىسىمۇ رەيھان يېقىندىن بېرى بەك چارچاپ كەتكەن ئىدى، يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە كېلىپ يېڭىدىن شىركەت ئاچىمەن دەپ يۈرۈپ، تولا پالاقشىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى.
بۇ چاغدا رەيھان ئىسسىق ئارىشاڭ سۈيىدە ئولتۇرۇپ ھارغىنلىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك، بىردەمدىلا مۈگدەشكە باشلىدى.
ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئۇ ئارىشاڭ كۆلچىكىنىڭ يېنىدىكى لۆڭگىنى ياستۇق قىلىپ بېشىغا قويۇپلا يېتىپ، ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.
ئۆركەشمۇ كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى، دەل شۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا ئەتراپىدىكى سۇلارنىڭ شىلدىرلىشىدىن چۆچۈپ كۆزىنى ئېچىپلا قاچانلاردىدۇر ئۆزىنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ كەلگەن سۈبىنۇرنى كۆردى.
ئۆركەش بۇنى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىشقا تەمشەلگەندە، سۈبىنۇر بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ لېۋىنى توسۇپ، پەس ئاۋازدا:
-رەيھان ئۇخلاپ قالدى، ئۇنى ئويغىتىۋەتمەڭ،-دېدى.
ئۆركەش رەيھانغا بىر قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ راستتىنلا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇھ تارتىپ قويۇپ پەس ئاۋازدا:
-ئىككىمىز بۇ ھالىتىمىزدە يېقىن ئولتۇرساق قاملاشمايدۇ، بولۇپمۇ رەيھاننىڭ كۆز ئالدىدا بۇنداق قىلماسلىقىڭىز كېرەك،-دېدى.
سۈبىنۇر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا:
-رەيھان ئۇخلاپ قالدى! مەن پەقەت سىزگە رەھمەت ئېيتماقچى، بايىقى ئىشتا، سىز يەنە بىر قېتىم مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز،-دېدى.
ئۆركەش سۈبىنۇرنىڭ ئەركىلەپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن:
-مەنمۇ شۇ ئۇلارنىڭ يولسىزلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئەدىپىنى بېرىپ قويدۇم خالاس، بۇنچىلىك ئىشقا رەھمەت ئېيتمىسڭىزمۇ بولىدۇ،-دېدى.
سۈبىنۇر ئەستايىدىللىق بىلەن:
-شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن!-دېدى نازلانغىنىچە ئۆركەشكە قاراپ.
ئارقىدىنلا يەنە ئۆركەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلىكىنى قۇچاقلىۋالدى.
ئۆركەش بۇنى كۆرۈپ جىددىيلەشكەن ھالدا:
-سۈبىنۇر، بۇنداق قىلماڭ، رەيھان كۆرۈپ قالسا ياخشى بولمايدۇ،-دېدى.
سۈبىنۇر كۈلۈپ قويۇپ:
-ئۇنداق بولسا، رەيھان كۆرمىگەندە مۇشۇنداق قىلسام بولىدىكەندە؟-دەپ قايتۇرۇپلا سورىدى.
ئۆركەش ئامالسىز:
-مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس،-دېدى.
سۈبىنۇر ئۇنىڭ بىلىكىنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ:
-سىز ئۇنداق دېگەنسېرى مەن تېخىمۇ بەكرەك قۇچاقلايمەن، ئەڭ ياخشىسى رەيھانمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن، ئاندىن ئىككىڭلار ئاجرىشىپ كېتىڭلار، بۇنداق بولغاندا سىز مەن بىلەن بىللە بولالايسىز،-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆركەشنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قاپىقىنى تۈرۈپلا:
-بۇنداق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ، سىز رەيھاننىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئەمەسمۇ؟-دەپ سورىدى.
سۈبىنۇرمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن:
-مەن سىزنىڭ دەسلەپتە رەيھان بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، توي ئىشىڭلارنى ئۇنىڭ بوۋىسى ئورۇنلاشتۇرغاچقا، ئۇ سىزگە مەجبۇرىي ياتلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا تا ھازىرغىچە بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق ھېسسىيات يوق ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلىمەن،-دېدى.
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۈبىنۇر ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا:
-ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا سۆرىشىپ يۈرىسىلەر؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆزۈڭلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنى تېپىۋالساڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟ بۇنداق بولغاندا ھېچكىم ھېچكىمگە دەخلى قىلمايدۇ!-دېدى.
ئۆركەش قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ:
-سىز مېنىڭ رەيھانغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئەسلا چۈشەنمەيسىز،-دېدى زەردە بىلەن.
سۈبىنۇر قايتۇرۇپلا:
-ئۇنداقتا سىز مېنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى چۈشىنەمسىز،-دەپ سورىدى.
ئۆركەش بېشىنى لىڭشىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن:
-ھەممىنى چۈشىنىمەن، لېكىن سىزگە ماقۇل بولالمايمەن، كەچۈرۈڭ،-دېدى.
سۈبىنۇر ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىياپەتتە:
-نېمە ئۈچۈن، سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىشقا رازى بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپلا، سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان بىرسىنى تاللاشنى ھەمدە ئۇنى قوغلىشىپ بېقىشنى خالىمايسىز؟-دەپ سورىدى.
ئۆركەش پەس ئاۋازدا:
-ئالدىنقى قېتىم مەن سىزگە ئىككىمىز ماس كەلمەيمىز دەپ ئېنىق دېگەن، مەن رەيھان بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىككىمىزنىڭ بىللە بولۇشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن رەيھان بىلەن ھەرگىز ئاجراشمايمەن، سىزنىڭ ماڭا ۋاقىتىڭىزنى ئىسراپ قىلىشىڭىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق،-دېدى.
سۈبىنۇر دىمىغىنى قېقىپ قويۇپ بوش ئاۋازدا:
-ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولسىمۇ، مەن سىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن!- دېدى.
ئۆركەش ئامالسىز:
-سىز راستتىنلا ئۇچىغا چىققان ئەخمەق ئىكەنسىز، مەن ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە، توي قىلمىغان، قىز دوستى يوق بويتاق ئەر بىلەن رەسمىي مۇھەببەتلەشكەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟-دېدى.
سۈبىنۇر بۇنى ئاڭلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ:
-ئۆركەش، مەن پە قەت سىزنىلا ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، سىز مېنى تۇنجى قېتىم قۇتقۇزۇۋالغاندىن باشلاپلا سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان. ئارىلىقتا شۇنچە كۆپ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەن سىزنى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئەمدى بولغاندا مېنى باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىڭ دېسىڭىز مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايمەن،-دېدى.
سۆزلەۋېتىپ ئۇنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى، ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن:
-ئاخشام سىزنى چۈشەپ قاپتىمەن،-دېدى.
ئۆركەش ھەيران بولغان ھالدا:
-مېنى چۈشەپ قاپسىزمۇ، چۈشىڭىزدە نېمىنى كۆردىڭىز؟-دەپ سورىدى.
سۈبىنۇر قىزىرىپ تۇرۇپ:
-مەن سىز بىلەن توي قىلىپ چۈشەپ قاپتىمەن، ئاندىن...-دەپ گېپىدىن توختىۋالدى.
ئۆركەش:
-ئاندىن نېمە؟-دەپ سورىدى.
سۈبىنۇرنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ، خۇددى پاشا غىڭشىغاندەك پەس ئاۋازدا:
-ئاندىن چۈشۈمدە مەن سىزگە پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتىمەن،-دەپ پىچىرلىدى.
ئۆركەش ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
-چۈش دېگەن ئادەتتە تەتۈرىسىگە ماڭىدۇ،-دېدى.
سۈبىنۇر دەرھال:
-ئۇنداق بولسا چىرايلىق بىر قىز تۇغۇپ بېرەي، مەنمۇ قىز بالىغا بەك ئامراق،-دېدى.
سۈبىنۇرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆركەش نېمە دېيىشنى بىلەلمەيلا قالدى.
ئۆركەش ئامالسىز يەنە بىر قېتىم:
-سۈبىنۇر، ئىككىمىزنىڭ ئىشى راستتىنلا مۇمكىن بولمايدۇ، سىز مېنى پەقەتلا چۈشەنمەيسىز،-دېدى.
سۈبىنۇر كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ:
-چۈشەنمىسەم ئاستا-ئاستا چۈشىنىپمۇ قالارمەن، سىز رەيھان بىلەن ئاجراشمايمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى ھېچقىسى يوق، مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق خۇپىيانە ھالدا ياخشى كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتسەممۇ مەن شۇنىڭغا رازى،-دېدى.
ئۆركەش بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلەلمەيلا قالدى. سۈبىنۇر مەن سىزگە ئاشنا بولاي دېمەكچىمىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىشقا ئۇ قانداقمۇ ماقۇل بولسۇن؟
ئۆركەش رەيھاننى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، ئەينى يىلى رەيھاننىڭ بوۋىسى ئۇنى ئۆزىگە ياتلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغاندا، گەرچە ئۇ ئىنتايىن نارازى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، زىتىغا تەگسىمۇ، رەيھان ئەزەلدىن ئۆزىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپمۇ باقمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئايگۈل ھەدە كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىن، رەيھان ئىزچىل ئاپىسى نۇرنىسادىن يوشۇرۇپ، ئۆزىگە پۇل بېرىپ ئايگۈل ھەدىگە دورا پۇلى تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان تۇرسا، ئۆركەش رەيھاننىڭ ئۆزىگە قىلغان بۇ ياخشىلىقلىرىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن؟ شۇنداق تۇرسا ئۇ قانداقمۇ سۈبىنۇرنىڭ ئۆزىگە ئاشنا بولۇشىغا ماقۇل بولسۇن؟
دەل شۇ چاغدا قاتتىق ئۇخلاۋاتقان رەيھان تۇيۇقسىزلا يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلدى.
ئۆركەش بۇنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ـ دە، دەرھال قولىنى سۈبىنۇرنىڭ قۇچىقىدىن تارتىۋالدى.
سۈبىنۇر رەيھانغا بىر قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ تېخى ئويغانمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆركەشكە تېخىمۇ يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى.
ئۆركەش تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قايمۇقۇپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى، سۈبىنۇرنىڭمۇ يۈزى قىزىرىپ شۇ ھامانلا ئۆركەشنىڭ يېنىدىن رەيھاننىڭ يېنىغا كېتىپ قالدى.
ئەمما، ئۆركەش رەيھاننىڭ ئويغىنىپ كېتىپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېچنېمە دېمىدى.
رەيھان بۇ چاغدا كۆزىنى ئاچتى ۋە خورسىنغان ھالدا:
-ۋاي-ۋۇي، ئارىشاڭغا چۈشۈش ھەقىقەتەن بەك راھەت ئىكەن! يېقىندىن بېرى بەكلا چارچاپ كەتكەن بولسام كېرەك، ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىپتىمەن، لېكىن ھازىر خېلىلا ھاردۇقۇم چىقىپ، ئۆزۈمنى بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن!-دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، سۈبىنۇرنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
-سۈبىنۇر، بۇ ئارىشاڭنىڭ سۈيىمۇ ئۇنچە بەك قىزىق ئەمەس ئىكەنغۇ، يۈزۈڭ نېمانچە قىزىرىپ كەتتى؟-دەپ سورىدى.
سۈبىنۇر خىجىل بولغان ھالدا يۈزىنى تۇتۇپ قويغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئارىشاڭ سۈيىغۇ قىزىق ئەمەسكەن، شۇغىنىسى يېنىمدا سەندەك چىرايلىق بىر ساھىبجامال سوزۇلۇپ ياتسا، مۇشۇنداق قىزىپ تۇرالماي قالىدىكەنمەن،-دەپ گېپىنى تۈگىتىپلا، رەيھاننى غىدىقلاپ قويدى.
رەيھان دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى، سۈبىنۇر بولدى قىلماي رەيھانغا سۇ چېچىشقا باشلىدى، رەيھانمۇ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە كۆلچەكنىڭ سۈيىنى پۇتلىرى بىلەن سۈبىنۇرغا چاچتى.
شۇ تاپتا بۇ ئىككى قىز بايا خۇددى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەكلا سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتاتتى.
سۈبىنۇرنىڭ بەدىنى تېخىمۇ تولغان بولۇپ، بىر چەتتە تۇرغان رەيھانمۇ ئۇنىڭدىن ئانچە قېلىشمايتتى، ئۇمۇ ئوخشاشلا كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر گۈزەل قىز ئىدى.
ئۆركەش بۇ ئىككىسىگە قاراپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇلارغا يەنە قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ-تېنەپ بېشىنى سۇغا تىقىۋالدى.
سۈبىنۇر بۇنى كۆرۈپ قەستەن مەسخىرە قىلىپ .
داۋامى بار ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يوللىندۇ
تولۇق قىسىمغىچە يېڭىلاندى

ئەسەرنىڭ168-قىسمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىنى بىسىڭ

داۋامنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بىسىڭ


