大数跨境
0
0

كونا تېما، يېڭى جاۋاپ: مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز كىمنى قۇتقۇزىسىز؟

كونا تېما، يېڭى جاۋاپ: مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز كىمنى قۇتقۇزىسىز؟ aymehri
2017-04-27
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭبۇ كونا بىر تېما سەۋەپلىك

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بۇ  كونا  بىر  تېما  سەۋەپلىك  كېلىپ چىققان   ھېكايە.

بىر  كۈنى  تۆت ئەر  ئىشخانىدا  ئولتۇرۇپ مۇنداق  بىر  مەسىلە ئۈستىدە  تالىشىپ  قاپتۇ : ئەگەر  سىز،  ئانىڭىز ، ئايالىڭىز   ۋە ئوغلىڭىز  تۆتىڭلار   بىر كېمىگە  ئولتۇرۇپ ، تۇيۇقسىز   كېمە ئۆرۈلۈپ  كەتسە  ، ھەممىڭلار سۇغا  چۈشۈپ  كەتسەڭلار، سىزنىڭ  پەقەت بىرلا  ئادەمنى  قۇتقۇزۇش ئىمكانىيىتىڭىز   بولسا ، سىز   ئەڭ  ئالدى  بىلەن كىمنى  قۇتقۇزىسىز ؟


كۆپچىلىك ئۆز-ئارا  مۇنازىرە  قىلىشىپتۇ، بىرىنجى  ئەر دەپتۇ  : « مەن ئوغلۇمنى  قۇتقۇزىمەن ، چۈنكى  ئۇ تېخى  كىچىك ، ھاياتلىق  مۇساپىسى ئۇزۇن ، شۇڭا  ئەڭ  قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكى  ئوغلۇم  بولىدۇ » ؛ ئىككىنجى  ئەر دەپتۇ  : «  ئايالىمنى قۇتقۇزىمەن  ، ئوغلۇمغا  كەلسەم ، ئايالىم  ساق –سالامەت  بولسىلا ، ئوغۇل  دېگەن  يەنە تېپىلىدۇ » ؛ ئۈچىنچىسى   دەپتۇ : «  كىم ماڭا  ئەڭ  يېقىن بولسا  شۇنى  قۇتقۇزىمەن ، جىددىي  ئەھۋال ئەمەسمۇ ، ئويلىنىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت  يوق » . تۆتىنجى  ئادەم بەكمۇ  يۇۋاش  ئىكەن ، ئۇ دەماللىققا  قانداق  تاللاشنى  بىلەلمەي   قاپتۇ.  ئۆيگە قايتقاندىن  كېيىن ، ئايرىم-ئايرىم  ئوغلى ،  ئايالى ۋە  ئانىسىدىن   سوراپتۇ .  ئوغلى  پەرۋاسىزلا  جاۋاب   بېرىپتۇ  : «  بىزنىڭ  بۇ  يەردە  دەريا بولمىسا  ،  قانداقسىگە سۇغا  چۈشۈپ  كەتكىدەكمىز ؟ مۇمكىن  ئەمەس ! » ــــ  كىچىك بالىلار  مەسىللەرگە  ھەمىشە يۈزەكىلا  قارايدۇ ؛  ئايالى نارازى   بولغان  ھالدا دەپتۇ : «  ئەلۋەتتە  ئاۋال بىز  ئانا-بالىنى  قۇتقۇزىشىڭىز كېرەك  » ــــ ئاياللار  ھەمىشە ئېرىنى  بەك  قابىليەتلىك ،  شۇڭا  ھەممە مەسئۇلىيەتنى  ئۈستىگە  ئېلىشى كېرەك   دەپ  ئويلايدۇ ؛ ئەڭ   ئاخىردا ئۇ  يەنە  بۇ مەسىلىنى  ئانىسىدىن  سوراپتۇ ، ئۇ  گېپىنى   تېخى دەپ  بولالماستا  ،ئانىسى ئۇنىڭ  قولىنى  چىڭ سىقىپ  تۇرۇپ  دەپتۇ : « بالام  ،  ئەگەر راستىنلا  شۇنداق  بولسا ، سەنمۇ  سۇغا  چۈشۈپ كەتمەمسەن ؟  مەن  سېنى قۇتقۇزىمەن...»  ئانىسىنىڭ  جاۋابىنى ئاڭلاپ  ئۇ  ئېسەدەپ يىغلاپ  كېتىپتۇ...


سىز   بولسىڭىز  كىمنى قۇتقۇزىسىز؟   بۇ مەسىلىنى  ئادەم  قانچە ئويلىغانسىرى  شۇنچە  بىئارام بولىدۇ ،  بەلكىم  سىزمۇ ھېكايىدىكى  يۇۋاش  ئادەمدەك قانداق  تاللاشنى  بىلمەي تېڭىرقاپ  قالىسىز.   لېكىن بۇ  ھېكايىنى  ئوقۇغاندىن كېيىن  ،  ئىشىنىمەنكى ، كۆڭلىڭىزدە  نۇرغۇن  نەرسىلەرنى چۈشىنىپ  يەتتىڭىز.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624