

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىز ھەممىمىز يەرلىك تۇخۇمنى ئادەتتىكى تۇخۇمغا قارىغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ ئويلايمىز ، ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ ؟
1.يەرلىك تۇخۇم بىلەن ئادەتتىكى تۇخۇمدىن قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ؟
نۇرغۇن ئادەملەر يەرلىك تۇخۇمنى يېيىشلىك ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى دەپ ، ئويلايدۇ . لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە ، يەرلىك تۇخۇم تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نىسبىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەسكەن .
يەرلىك توخۇ بېقىش مۇھىتى ، توخۇنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە بولۇپ ، بۇ مۇھىتلارنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەپلىك ، يەرلىك توخۇ تۇخۇمىمۇ ھەرخىل نىجاسەتلەرنىڭ تەرىپىدىن بۇلغىنىشقا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارمۇ بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ .
2. ئاق شاكاللىق تۇخۇم بىلەن قىزغۇچ شاكاللىق تۇخۇمنىڭ قايسىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ؟
قىزغۇچ شاكاللىق تۇخۇمنىڭ ئاق شاكاللىق تۇخۇمغا قارىغاندا بىر دىنبىر پەرقى شۇكى ـــ شاكىلى سەل قېلىن . ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ ، لېكىن ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئوپئوخشاش .
3.تۇخۇم سېرىقى قانچە سېرىق بولسا ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ ؟
تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقىغا جايلاشقان .ئەگەر توخۇ يېمىنىڭ ئىچىدە يېشىل يۇپۇرماق ياكى قوناق قاتارلىقلار بولسا ئۇنداقتا تۇخۇم سېرىقىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ قېنىق بولىدۇ ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .
4.تۇخۇمنى قانچە ئۇزۇن پىشۇرسا شۇنچە ياخشىمۇ ؟
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، تۇخۇمنى قانچە ئۇزۇن پىشۇرسا ، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى ئىككى ۋالىنتلىق تۆمۈر ئىئونى ۋە گۈڭگۈرت ئىئونى بىرىكىپ تەستە ئېرىيدىغان چۆكمە تۆمۈر سولفىدنى ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ ، سۈمۈرلىشى تەسلىشىدۇ . تۇخۇم پىشۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى تۇخۇمنى سوغۇق سۇغا سېلىپ ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت پىشۇرسا بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا تۇخۇم يېرىم پىشقان ھالەتتە بولىدىغان بولۇپ ،تۇخۇم سېرىقىمۇ يېرىم قاتتىم يېرىم سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ .بۇنداق تۇخۇمنى بەدەننىڭ سۈمۈرۈشىمۇ ئاسان بولىدۇ .
5. تۇخۇمنى خام ئىچكەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولامدۇ ؟
ئەمەلىيەتتە خام تۇخۇم ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ ، خام تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە سالمونىللا باكتىريىسى بولىشى مۇمكىن .خام ئىچكەندە ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىپ ، قىزىش ، ئىچى سۈرۈش ، قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
6. تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇخۇم يېسە ياخشىمۇ ؟
تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قىرقى مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا تۇخۇم يەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز . لېكىن ئوزۇقلۇقلار ناھايتى مول بولغان ھازىرقى دەۋىردە ، بۇنداق قىلىش زامانغا ماسلاشمايدۇ . تۇغۇپ قوپقان ئاياللار ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .كۈندە ئىككى تۇخۇم يېگەننىڭ سىرتىدا يەنە گۆش ، سۈت ، پۇرچاق ، ئاشلىق ، مېۋە تۈرىدىكىلەرنى يەپ بېرىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولىدۇ .
7. تۇخۇمنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى قانداق ئايرىيمىز ؟
1. كۆزىتىش
ياخشى تۇخۇمنىڭ شاكىلى يىرىك بولۇپ ، ئۇزاقلىشىپ قالغان تۇخۇمنىڭ شاكىلى سىلىق بولىدۇ ، كۆكىرىپ قالغان تۇخۇمدا داغ بولىدۇ .
2. كۆتۈرۈپ بېقىش
سۈپەتلىك تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقى نورمال بولىدۇ . ناچار تۇخۇم بولسا سەل يېنىك بولىدۇ .
3.پۇراپ بېقىش
تۇخۇمنىڭ ئۈستىنى تىنىقىمىز ئارقىلىق ھوردىغاندىن كېيىن ، پۇراپ باقساق ياخشى تۇخۇم سۇس ھاك پۇرايدۇ .















