

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
مېنىڭ سۆزۈم : سۈكۈت ئىلكىدە چوڭقۇر ئويلانغان ۋاقتىمدا ،كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ھېس قىلالايمەن ...
بىر ئەرنىڭ ھېكايىسى : كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقۇچە ، ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا بىر ئەر دىققىتىمنى تارتتى .
ئۇ ئەر ناھايتى پاكىز ، ئاددىي ، يارىشىملىق كىيىنىۋالغان بولۇپ ،يۈزىدە يىللارنىڭ يالدامىسى بولغان ئىنچىكە - ئىنچىكە قورۇقلار بار ئىدى .
ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرى تۇرۇپ تۇرۇپ ماشىنا ئەينىكىنىڭ سىرتىغا تىكىلەتتى ، بۇ ئەر ھاياتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا پاتقاندەك قىلاتتى ...
تۇرۇپ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ قالاتتى ، ئورۇندۇقنىڭ كەينى يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ ھارغىن بەدىنىنى ئارام ئالدۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى ...
ئۆزۈمنىڭ كۆپ يىللىق ھەركەت ئىلمى تەتقىقاتى ، پىسخىكا ئىلمى تەتقىقاتى ، ھەمدە جەمئىيەتتىن توپلىغان تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم قىلدىمكى : بۇ ئادەمنىڭ تېلفونىنىڭ توكى قالمىغان ...
مېنىڭ ئاخىرقى سۆزۈم : مېنىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ھېس قىلىدىغان ۋاقتىم تېلفونۇمنىڭ توكى تۈگەپ قىلغىلى ئىش تاپالمىغان ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ...







