

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1.ئۇ يولدا ماشىنا توسالماي تۇرغان بىر قىزنى ماشىنىسىغا سېلىۋالدى . قىز ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئايلىنىپ چۈشتى . ئۇ ئامالسىزلىقتىن قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى .
ــــــــ ئۇ دۇنيادا بېسىمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى .
2.دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ،دوختۇر ئۇ قىزنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇنى دادا بولىدىكەنسىز ، دەپ مۇبارەكلىدى ، ئۇ بالا مېنىڭ ئەمەس دېدى ، لېكىن ھېلىقى قىز بالىنى ئۇنىڭ ،دەپ چىڭ تۇردى .
ـــــــــ بۇ ئىشتىن ئۇ بەك خاۋاتىرلەندى .
3. ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئاتا - بالىلىقنى تەكشۈرتۈپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى .تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بالا تاپالمايدىغانلىقىنى ، تۇغما مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، ئۇنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلاندى .
ـــــــــ بۇ ئىشتىن ئۇ بەكمۇ ئازاپلاندى
4.ئۆيگە قايتىدىغان يولدا ، ئۇ ئۆيدىكى ئۈچ بالىسىنى ئويلاپلا ماڭدى .
ـــــــــ ئۇنىڭ يۈرىكى پارە –پارە بولۇپ كەتكەن ئىدى .
5.ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ئايالى خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنىڭ يەنە ھامىلدار بولغانلىقىنى ئېيتتى .
ـــــــــئۇ نەچچە قېتىم ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر ئازاپلىنىپ كەتتى .
6. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشكە قۇلاق سالماي ئايالى بىلەن ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتىدى . بەك ئاقكۆڭۈل بولغانلىقى سەۋەپلىك ، ئۆيىنى ئايالىغا تۇتقۇزۇپ ئۆزى قۇرۇق قوللا چىقىپ كەتتى .
ـــــــــ ئۇ ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى .
7.بىر كۈنى ئۇ دوختۇرخانىدىكى قەدىناس دوستى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى ،دوستى ئۇنى بىر يانغا تارتىپ :« قانداق بولدى ؟ ئۆتكەن قېتىمقى ھېلىقى قىز سېنى قاقتى - سوقتى قىلماقچى بولغان ئىكەن – دە ،مەن بىر قاراپلا بىلىۋالغان ئىدىم ، سېنىڭ قانداقلىقىڭنى بىلمەمدىم مەن ، شۇڭا ساڭا ياردەم قىلىشنى ئويلاپ سېنى بالا تاپالمايدۇ ، دەپ قويغانتىم ،ھى ...ھى ...ھى ... دوستلۇققا يارامدىكەنمەن ؟ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلارسەن ئەمدى ؟»
ــــــــ ئۇنىڭغا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىلىندى .
8. ئۇ يەنە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى .
ــــــــ بۇ بېسىملار سەۋەپلىك ئۇنىڭغا نەپەس ئېلىشمۇ تەسلىشىپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتاتتى .






