

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. بانان، سۈت:ئاۋۋال بىر تال باناننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى پاكىزە يۇيۇۋەتسە تېرىنى سىلىق ھەمپاقىراق قىلىپ،تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.
2.تۇخۇم ئېقى: تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ ھەم يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ.
3.زەرچىۋە پاراشوكى،سۈت: زەرچىۋە پاراشوكى بىلەن سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيگەن داغنى يوقىتىپ، يۈزدىكى سېرىق تۈكلەرنى ئازايتىدۇ.
4.ئارپا، پىشلاق،پەمىدۇر شىرنىسى: ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى سۇغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
5.بەرەڭگە پارچىسى:يۈزىدە سەپكۈن ۋە تاتۇق ئىزى بار خانىم-قىزلار خام بەرەڭگە پارچىسىنى يۈزگە چاپلاپ بەرسە، سەپكۈن بىلەن تاتۇق ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
6.تەرخەمەك شىرنىسى:تەرخەمەك شىرنىسى ئەڭ ئېسىل تېرە چىڭايتىش سۇيۇقلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يۈزگە تەكشى سۈرۈپ15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.
7.چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى: چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى تەبئىي ئاقارتقۇچى ئاگېنت بولۇپ، ئۇنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
8.ھەسەل: ھەسەلنىڭ تېرىنى سىلىق،پارقىراق قىلىش ھەم قورۇقلارنى ئازايتىش رولى بار.
9.ماندارىن شەربىتى: ماندارىن شەربىتى مايلىق تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى بولۇپ، تېرىسى مايلىق خانىم-قىزلار ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە، تېرىدىكى ئارتۇق مايلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرلىشىنى كونتىرول قىلىدۇ.
10.مۇزپارچىسى: مۇز پارچىسى تەر تۈشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ ھەم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.






