大数跨境
0
0

تېلفوننىڭ سىگنالى ياخشى بولمىسا ، تورىڭىز ياخشى ئىشلىمەي قالسا

تېلفوننىڭ سىگنالى ياخشى بولمىسا ، تورىڭىز ياخشى ئىشلىمەي قالسا aymehri
2017-05-03
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭبەزىدە تېلفونىڭىزنىڭ سېگنالى



ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بەزىدە   تېلفونىڭىزنىڭ سېگنالى  ياخشى  بولماي قالىدۇ ، يەنە  بەزىدە  تورىڭىز  ياخشى  ئىشلىمەي    تورغا چىقىشتا  قىينىلىسىز  ، ئۇنداقتا  بۇ  مەسىللەرنى ھەل  قىلغىلى  بولامدۇ ؟  ئەلۋەتتە  بولىدۇ ، ئامالى   بولسا   تېلفوننىڭ  « ئايروپىلان  ھالىتى » نى  قوزغىتىش .بەزىلەر  بەلكىم ئىشەنمەسلىكى  مۇمكىن .تۆۋەندە  بۇ  مەسىلە  توغۇرلۇق  توختىلىپ  ئۆتىمىز .

تېلفوننىڭ  ئايروپىلان  ھالىتىنى قوزغىتىشنىڭ  نۇرغۇن  ياخشى تەرەپلىرى  بار  .


1. ئۇخلىغان  ۋاقىتتا   تېلفوننى ئېتىۋەتمىسىڭىزمۇ  ،«ئايروپىلان  ھالىتى» نى   قوزغىتىپ قويسىڭىزلا  ، تېلفوننىڭ  رادىئەتسىيىسىنى  ئەڭ تۆۋەن  چەككە   چۈشۈرگىلى  بولىدۇ. ئۇخلىغاندا  تېلفون  رادىئەتسىيىسىنىڭ   تەسىرىدىن  ساقلىنىش  ئۈچۈن  ، ياكى   تېلفوننى   ئېتىۋېتىشىمىزگە   ياكى   ئۆزىمىزدىن   يىراق   جايغا   قويۇپ   قويىشىمىزغا   توغرا   كېلىدۇ.  لېكىن   ھەر  ئىككى  ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە  چۇشلۇق  قولايسىز تەرەپلىرى  بار  ، ھەتتا بەزى  تېلفونلارنى  ئېتىۋەتكەندىن كېيىن  سائىتى  جىرىڭلىمايدۇ . شۇڭا   نۇرغۇن ئادەملەر  قولايلىق  بولىشى ئۈچۈن  چوقۇم   تېلفوننى ئەتمەيلا  ياستۇقىنىڭ  ئاستىغا قويۇپ  ئۇخلايدۇ. ئەجىبا  تېلفوننىڭ  رادىئەتسىيىسى  مېڭەمگە  تەسىر قىلىپ ، دۆتلىشىپ  قالارمەنمۇ ،  دەپ ئەنسىرمەمسىز؟  تېلفوننىڭ  «ئايروپىلان ھالىتى» نى  ئېچىپ  قويسىڭىز بولىدۇ ، تېلفون  ئايروپىلان  ھالىتىگە كىرگەندىن  كېيىن ،رادىئەتسىيىسى  ئەڭ  تۆۋەن چەككە  چۈشىدۇ . بۇنداق  بولغاندا يەنە  تېلفوننى  ئېتىپ  ئاچقاندىكى  ۋاقىتنى  تېجەپ  قالالايسىز ،  ھەم  تېلفوننى قولىڭىزنى  ئۇزاتسىڭىزلا  يېتىدىغان يەرگە  قويۇپ  قويالايسىز ، سائەتنىڭ  جىرىڭلىماي  قويىشىدىنمۇ ئەنسىرمەيسىز .

2.  تورنى  قايتا قوزغىتىش  . تېلفوندا  بەزىدە توردا  مەسىلە  كۆرىلىدۇ ياكى تور   پۈتۈنلەي   ئۈزۈلۈپ  قالىدۇ  ، بولۇپمۇ   تونىل  ياكى  لېفىتتىن  چىققاندىن كېيىن  سېگنال  يوقاپ كېتىش  ،  تور ئۈزۈلۈپ  قېلىش  ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك   بولىدۇ.  بۇنداق ئەھۋال  ئاستىدا  تېلفوننىڭ « ئايروپىلان   ھالىتى »  نى بىر  قوزغىتىپ   ئاندىن يەنە  ئېتىۋەتسىڭىز  بولىدۇ. بۇ جەريان  تېلفوننى  قايتا قوزغىغان  بىلەن  باراۋەر بولۇپ ، تېلفونىڭىز   تور  ئۇلىنىشىنى  قايتا  تەكشۈرىدۇ  ،  بۇ  ئۇسۇل  ئالما تېلفونلارغا   تولىمۇ  مۇۋاپىق كېلىدۇ.


3.   باشقىلارنىڭ  دەخلى  قىلىشىدىن   ساقلىنىش .  يالغۇزلۇقنى  خالاپ  قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا  باشقىلارنىڭ  سىزنى ئاۋارە  قىلىشىنى  خالىمىسىڭىز ، تېلفوننىڭ  « ئايروپىلان ھالىتى » نى  قوزغىتىپ   قويسىڭىزلا ، سىزنى  ھېچكىم  تاپالمايدۇ . ئەگەر  تېلفون  قوبۇل  قىلىشنى  ياكى ئۇچۇر  كېلىشىنى  خالىمىسىڭىز ،   تېلفونىڭىزنىڭ  «ئايروپىلان ھالىتى » نى  قوزغىتىپ  قويغاندىن كېيىن  ئاندىن  سىمسىز  تورغا  ئۇلىۋالسىڭىز   بولىدۇ . بۇنداق  تورغا چىقىپ  ئويۇن  ئوينىسىڭىزمۇ باشقىلار   تېلفون  قىلىپ ئويۇنىڭىزغا   دەخلى   قىلالمايدۇ.

4.  كەزمە  مۇلازىمەت  ھەققى  . سىرتلارغا  چىقىپ  ساياھەت  قىلغان  ۋاقتىڭىزدا   ئەگەر  شۇ  يەرنىڭ تورغا  چىقىش  كارتىسىنى بېجىرمىگەن  بولسىڭىز  ، ئەڭ  ياخشىسى  تېلفونىڭىزنىڭ   «ئايروپىلان ھالىتى » نى  قوزغىتىپ  قويۇڭ ، ئاندىن   سىمسىز  تورغا  ئۇلىۋالسىڭىز  بولىدۇ. بۇنداق  بولغاندا  يۇقىرى سوممىلىق  كەزمە  مۇلازىمەت ھەققى  تۆلەش  ئاۋارچىلىقىدىن  قۇتۇلىسىز .

5.  تېلفوننىڭ توكىنى  تېجەيدۇ . تېلفون  ئىزچىل سىگنال  قوبۇل  قىلىش ۋە  سىگنال  ئىزدەش  ھالىتىدە  تۇرغاندا   بولۇپمۇ سىگنال  ياخشى  ئەمەس ۋاقتىدا   تېلفوننىڭ   توكى ھەددىدىن  زىيادە  بەك خورايدۇ . تېلفوننىڭ  «ئايروپىلان  ھالىتى » نى  ئېچىپ قويۇش  تېلفوننىڭ  داۋاملىق توردىن  ئۇچۇر  قوبۇل قىلىش  خىزمىتىنى  توختىتىدۇ ،   بۇ  ئۇسۇل بەزى  تېلفونلارنىڭ  ئۆزىدە بار  بولغان   توك تېجەش  ھالىتىدىنمۇ  بەك ئۈنۈملۈك.      







【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624