

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ھەممە ئادەم قىز بالىنى ئانىنىڭ ياخشى ھەمراھى دېيىشىدۇ . بۇ ئانىغا قاراڭ ، شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىككى ئەڭ يېقىن ھەمراھىنى ئېكراندا گەۋدىلەندۈرۈپتۇ .
بۇ ئۈچى راستىنلا ئانا بالىمۇ ؟
ئېنىقلا ئۈچ ئاچا - سىڭىل تۇرمامدۇ .
خۇلاسە شۇكى : ئانىسى بىلەن ئاچىسى رەسىمگە ناھايتى چىرايلىق ، نازاكەتلىك چۈشىدۇ ، سىڭلىسى بولسا شەيتانلىق قىلىپ ھەرخىل قىلىق چىقىرىپ چۈشىدۇ .
بۇ ئۈچىنىڭ ھەتتا كىيىمىدىن تارتىپ ناھايتى ماسلاشقان بولۇپ ، كاتەكچە كۆينەك ، مايكا ،پادىچىلار كۆينىكى ...يەنە چاچ پاسونىغىمۇ خېلى كۈچ چىقارغاندەك قىلىدۇ .
ئۆينىڭ سىرتىدا تارتىلغان رەسىملىرىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ، قاراڭلار ، سىڭلىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىگە...
پەرىشتىلەر بايرىمىدا بۇ ئۈچ ئانا بالا يەنىلا ئىنتايىن ئوماق ياسانغان .
بەزى ۋاقىتتا سىڭلىسىنىڭ كەپسىزلىكى سەۋەپلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر ، ئېكرانغا پەقەت ئانىسى بىلەن ئاچىسىلا چىققان
لېكىن سىڭلىسىمۇ ئانىسى بىلەن ئاچىسىنى تاشلاپ قويۇپ مۇنداق ئوماق رەسىملەرگە چۈشكەن ...
يۇقارقىلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىغا قىزىقىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ناھايتى گۈزەل .ئۆزلىرى قول سېلىپ پېچىنە - پىرەنىكلەرنى ياساش ، روژدىستىۋا بايرىمىدا ئارچا دەرىخى بېزەش ،ھەپتە ئاخىردا ئائىلە بويىچە دالا پائالىيىتىگە چىقىش ،دېڭىز بويىدا ئاپتاپقا قاقلىنىش ...
بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا - ئانىنىڭ ھەمراھ بولىشىدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق ئىش بولمىسا كېرەك . ئىككى قىزنىڭ خاراكتىرى بىرىنىڭ جىمغۇر ، يەنە بىرىنىڭ بولسا شوخ .سىڭلىسى سەۋەپلىك ئاچىسىمۇ مېھىر - مۇھەببەت ، مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى .
ئاپپارات بىلەن قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىش - ھەركەتلىرىنى ئالبومغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ سوۋغا بولسا كېرەك .






































