

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بۇ يىلقى مودىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىش ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا چاچنى قانداق ياساش مەسىلىسى سىزنىڭ تۇنجى بولۇپ بويلىشىدىغان مەسىلىڭىز بولىدۇ ،ئەلۋەتتە . بۈگۈن ئوخشىمىغان يۈز شەكلىگە ماس كىلىدىغان ئوخشىمىغان چاچ پاسونلىرى توغۇرلۇق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان يارىشىملىق چاچ پاسونىنى تاللىيالىسىڭىز ئەجەب ئەمەس .
ئەگەر سىزنىڭ يۈزىڭىز يۇمىلاق بولسا ،يۈزىڭىزنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئۇزۇنلىقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ .پېشانىڭىز بىلەن ئېڭىكىڭىز سەل كىچىك بولىدۇ .يۈزىڭىزنىڭ ئومۇمىي شەكلى يۇمىلاق كۆرىنىدۇ .
يۇمىلاق يۈزگە ماس كېلىدىغان چاچ شەكلى : يۇمىلاق يۈز كەلگەنلەر بالا چىراي كۆرىنىدىغان بولۇپ ، چاچ شەكلىنى تاللىغاندا چوقۇم سىزنى پىشىپ - يېتىلگەندەك كۆرسىتىدىغان چاچ شەكلىنى تاللىشىڭىز كېرەك . چېچىڭىزنى ئىككى تەرەپكە ئايرىپ ، چوڭ دولقۇن شەكلىدە چۈشىرىۋالسىڭىز ، يۈزىڭىز ئۇنچە چوڭ كۆرۈنمەيدۇ .
يەنە چېچىڭىزنى بىر ياندىن ئايرىپ ،قىسقا تەرىپىنى قۇلىقىڭىزنىڭ كەينى تەرىپىگىراق ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز ، ئۇزۇن تەرىپىنى ئىچىدىن تېشىغا قايرىلغان چوڭ دولقۇن شەكلىدە چۈشۈرۋالسىڭىز ،يۈزىڭىزنىڭ ئومۇمىي كۆرىنىشىنى سەل « ئۇزارتىدۇ »، بۇنداق يۈز شەكىلدىكى قىزلار يەنە ماڭلاي چاچ قويىۋالسىمۇ بولىدۇ .
ئۇزۇنچاق يۈز شەكلى . يۈزىڭىزنىڭ ئۇزۇنچاق يۈز شەكلىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىسىز ؟ يۈز شەكلىڭىز ئورۇق ئۇزۇن بولسا ،پېشانىڭىز ، مەڭىز سۆڭىكىڭىز ، ھەم ئاستىن ئېڭىكىڭىزنىڭ كەڭلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولسا ،ئەمما يۈزىڭىزنىڭ كەڭلىكى ئۇزۇنلىقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىچىلىك كىچىك بولسا سىزنىڭ يۈز شەكلىڭىز ئۇزۇنچاق يۈز شەكلىگە تەۋە بولىدۇ .
ئۇزۇنچاق يۈز شەكلىگە ماس كېلىدىغان چاچ شەكلى : ئۇزۇنچاق يۈز شەكىللىك بولسىڭىز چېچىڭىزنى ئېڭىكىڭىزگە كەلگۈچە ئۇزۇنلۇقتا قويسىڭىز ، ماڭلاي چاچ قويىۋالسىڭىز ياكى چېچىڭىزنىڭ ئالدى تەرىپىنى سەل قىسقارتىۋەتسىڭىز يۈزىڭىزنىڭ كەڭلىكىنى ئاشۇرالايسىز .يەنە چېچىڭىزنى سەل كۆپتۈرۈرۈلگەن شەكىلدە ياسىۋالسىڭىزمۇ يۈزىڭىز يۇمىلاق كۆرىنىدۇ .تەبىئىي ، سەل چېچىلىپ تۇرىدىغان چاچ شەكىللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇزۇنچاق يۈزىڭىزگە ماس كېلىۋېرىدۇ.
ئېللىپىش شەكىللىك يۈز شەكلى . ئۆزىڭىزنىڭ ئېللىپىس شەكىللىك يۈز ياكى ئەمەسلىكىڭىزگە قانداق ھۆكۈم قىلىسىز ؟ پېشانىڭىز ئېڭىكىڭىزدىن سەل كەڭ بولسا ، يۈزىڭىزنىڭ ئومۇمىي شەكلى تەتۈر قويۇلغان توخۇ تۇخۇمىغا ئوخشىسا يۈزىڭىز ئېللىپىس شەكىللىك يۈز شەكلى بولىدۇ ، ئۇزۇنچاق يۈز شەكلىگە سەل ئوخشاپ كېتىدۇ ،لېكىن ئېڭىكىڭىز ئۇزۇنچاق يۈز شەكلىدىن سەل يۇمىلاق ،يۈزىڭىزنىڭ ئومۇمىي شەكلىمۇ بىر قەدەر يۇمىلاق بولىدۇ .
ئېللىپىس شەكىللىك يۈزگە ماس كېلىدىغان چاچ شەكىللىرى :ئېللىپىس شەكىللىك يۈز شەكلى بەلكىم قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇكەممەل يۈز شەكلى بولىشى مۇمكىن ، قىسقا چاچ ، ئۇزۇن چاچلارنىڭ ھەممىسى ماس كېلىدۇ . مۆرىسىگە كېلىدىغان چاچ ئەڭ يارىشىدۇ ، لېكىن چاچ پاسونى تاللىغاندا ئىمكانقەدەر يۈزىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى نامايان قىلالايدىغان چاچ شەكىللىرىنى تاللىغىنى ياخشى .
چاسا يۈز شەكلى . چاسا يۈز شەكلىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز ؟ پېشانە ،مەڭىز ، ئېڭىكىڭىزنىڭ كەڭلىك نىسبىتى ئاساسەن ئوخشاش بولسا ،كىشىگە تىك تۆت بۇلۇڭدەك تۇيغۇ بەرسە بۇ چاسا يۈز بولىدۇ .
چاسا يۈز شەكلىگە ماس كېلىدىغان چاچ شەكلى : ئەگەر سىزنىڭ يۈزىڭىز چاسا شەكىللىك يۈز بولسا ، ئۇنداقتا چېچىڭىزنى ئۈستىگە تارىۋالسىڭىز بولىدۇ . چاچنى قاتۇرۇپ تارىۋالماي سەل چېچىلدۇرۇپ تاراشقا دىققەت قىلىڭ ،چېچىڭىزنىڭ ھەممە يېرىنى تەكشى قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ .يەنە چاچنى ئالدىغا تارىغاندا ، قۇلاقنىڭ ئالدىغا چۈشۈرىدىغان چېچىڭىز سەل جىق بولسا ياخشى .پېشانە قىسمىڭىزدىنمۇ ئازراق چاچ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ .










