

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلمايدۇ .
ئورۇنسىز گەپلەر جىق بولۇنسا ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ ؛يامان نىيەتتە ئېيتىلغان سۆزلەر باشقىلارغا ، ئاخىردا ئۆزىگە زىيان سالىدۇ ؛ باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئورۇنسىز قىلىنغان سۆزلەر ئادەمنى دوست - بۇرادەر ، ئۇرۇق - تۇققانلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ .
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سەمىمىي بولۇڭ ، ھەرگىز ئۇلارنىڭ ھەق - ناھەق ئىشلىرىغا باھا بەرمەڭ . ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى بىلىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىڭ .
2. باشقىلارنى كۆزىچىلا ماختاپ ئۇچۇرمايدۇ .
ئادەم بىر ئۆمرىدە ، ئېرىشكەن بەزى نەتىجىلىرىنىڭ غۇۋالىق ئىچىدە كۆمۈلۈپ قېلىشى سەۋەپلىك چۈشكۈنلىشىپ ، ئۆز نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ ؛ بەزى ھەركەتلىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قېلىشى سەۋەپلىك خۇدىنى يوقىتىپ ، چىقىش يولىنى تاپالمايدۇ . تۇرمۇشتا ، ئەگەر بەزى ئىشلار بەك كۆپتۈرۋېتىلسە ، ئادەمگە ئازار بېرىپ قويىدۇ .ئادەم ھەرقانچە مۇنەۋۋەر بولسىمۇ ، ئەخلاقى ياخشى بولمىسا ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ .
3. ھەممە ئىشتىن رەنجىپلا يۈرمەيدۇ .
ھايات شۇنچىلىك قىسقا ، ھەممە ئىشتىن ئاغىرنىپ يۈرىيدىغانغا نەدە ۋاقىت ؟ ئاغىرنىشلار قانچە كۆپ بولغانسىرى ، باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ ، دوستلىرىڭىزمۇ سىزدىن يىراقلىشىدۇ . ھاياتلىقتىكى بىر كۈننى ئاغىرنىش بىلەنلا ئۆتكۈزگەندىن ، شۇنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققىنىڭىز ئەۋزەل .
ھەقىقىي ئەقىللىق ئاياللار ، ئۆمرىدە بۇ ئۈچ ئېغىز سۆزنى ھەرگىز دېمەيدۇ ، سىز قىلالاپسىزمۇ ؟









