大数跨境
0
0

چېكىدىن ئاشقان ئىمتاھان سوئالى

چېكىدىن  ئاشقان  ئىمتاھان  سوئالى aymehri
2017-05-28
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭمەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتىغىمۇ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

مەۋسۈملۈك ئىمتىھان  ۋاقتىغىمۇ  ئاز قالدى . مەلۇم  ئالىي  مەكتەپنىڭ پىروفېسسورى  سوئال  چىقىرىش  ئۈچۈن  كۆپ كاللا  قاتۇردى ، ھەتتا  كۈندۈزلىرى  گېلىدىن تاماق  ئۆتمەس ، كېچىلىرى  ئۇخلىيالماس  بولۇپ  قالدى . ھەقىقەتەن  باش ئاغرىغۇدەك  ئىشتە  بۇ ، 30 يىللىق  ئوقۇتقۇچىلىق  ھاياتىدا  ھەر  قېتىم مۇشۇ ئىشلار  ئۇنى  قىينايتتى ، دەرسلىك  كىتابتىكى  بارلىق  مەزمۇنلارنى ئۇ  ئەنە شۇنداق  كاللا  قاتۇرۇپ ،  ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سوئال چىقىرىپ بولدى.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان   مەۋسۇمئاخىرىدا ئۇ ئىلاجىسىز ئەينى يىللىرى چىقارغان  ئىمتىھان  سوئالىنى  باشقىدىن  قوللىناتتى . بۇنداق  قىلىش  گەرچە پىروفېسسورغا   ئاسان  چۈشسىمۇ،ئەمما  بۇ  خىل  ئىمتىھان سوئالى  چىقىرىشقا مەكتەپ  ئوقۇتۇش  باشقارمىسىدىكىلەرنىڭ  پىكرى  چىقىشتى ۋە  بۇنداق  قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگىنىشىگە  پايدىسىز ، ئەڭ  ياخشىسى  ئىمتىھان  سوئالىڭىزنى ئۆزگەرتىپ  بېقىڭ ، دېيىشتى  .

ئاپلا، ما  ئىشنى، تازىمۇ  بېشىمنى  ئاغرىتتىغۇ  بۇلار، ئەسلىدىمۇ دەرسىمگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلاركۆپ ئەمەستى،  پىروفېسسورنىڭ  قاپاقلىرى  ساڭگىلاپلا كەتتى.

پروفېسسورىنىڭ  دەرسى  ئالى  مەكتەپنىڭ  زۆرۈر  تاللانما دەرسلىكى  ئىدى، شۇڭا ھەر  مەۋسۇمدە  نەچچە  يۈز  ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ  دەرسسىنى  تاللايتتى.  ئەمما پىروفېسسور  ئەزەلدىن  يوقلىما  قىلمىغاچقا  ھەر  قېتىملىق دەرسكە  ئارانلا  ئون نەچچە ئوقۇغۇچى  قاتنىشاتتى، پەقەت  مەۋسۈملۈك  ئىمتىھان  ۋاقتىدىلا  نەچچە  يۈز  ئوقۇغۇچى ئىمتىھان  مەيدانىغا  پەيدا  بولاتتى.  ھەر  قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن، بۇنداق  كۆپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان  قەغىزىنى  تەكشۈرۈش پىروفېسسورغا  ئېغىر  كېلەتتى.ئەمما  ھەر  قېتىم  ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىمتىھان  سوئالىغا  بەرگەن  جاۋابى  ئانچە پەرقلەنمەيتتى، ئاخىرىدا   ھەممىسى  دېگۈدەك   لاياقەتلىك  بولاتتى. ئەمەلىيەتتە،كۆپ  سانلىق ئوقۇغۇچىلار  بىر  ئادەمنىڭ كانسىپىكىنى  كۆچۈرۈپ، ئىمتىھانغا  ئاز  قالغاندا  كېچىلەپ  تەييارلىق  قىلىپ، لاياقەتلىك  بولاتتى، دەل  مۇشۇنداق  بولغاچقا پىروفېسسورنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى  كۈنسايىن  كۆپىيىشكە  باشلىدى. پىروفېسسور  بۇ ھەقتە  قاتتىق  ئويلىنىشقا  باشلىدى  ۋە « ئامال  قىلىپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز بويامچىلىق  قىلىپ  ئىمتىھاندىن  ئۆتۈۋېلىشىغا  يول  قويماسلىق كېرەك ، ئۇلارغا دەرسىمنى  ئەستايىدىل  ئاڭلىغاندىلا  ئاندىن  نومۇرغا  ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  قويسام  بولغۇدەك»دېگەن  قارارغا  كەلدى .

  مەۋسۈملۈك  ئىمتىھان  يېتىپ  كەلدى. ئادەتتىكى  كۈنلەردە قۇپقۇرۇق  تۇرىدىغان  پەلەمپەيلىك  سىنىپ  بۈگۈن  ئىمتىھان  بەرگىلى  كەلگەن ئوقۇغۇچىلار  بىلەن  لىقتولغان  بولۇپ،  ئوقۇتۇش  باشقارمىسىنىڭ  خىزمەتچىلىرى  ئىمتىھان  قەغىزىنى تارقىتىش  بىلەن  ئالدىراش  ئىدى . 

مەكتەپ  قائىدىسى  بويىچە، ئىمتىھان  كۈنى  دەرس بەرگەن  ئوقۇتقۇچى  ئىمتىھان  مەيدانىدا  بولماسلىقى  كېرەك  ئىدى. پىروفېسسور  كۆڭۈل  قويۇپ  تۈزۈپ چىققان  ئىمتىھان  سوئالى  ھەر بىر  ئوقۇغۇچىنىڭ  قولىغا  تارقىتىپبېرىلدى، ھەش – پەش  دېگۈچە  ۋاراڭ-چۇرۇڭغا  تولغان  سىنىپ،تىپتىنچ بولۇپ قالدى، نۇرغۇن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  چىرايىدا  ھەيرانلىق  ئەكس  ئېتىشكە  باشلىدى، ھەتتا  سوغۇق  تەرمۇ  چىقىپ  كەتتى  .

پىروفېسسور  كۆڭۈل  قويۇپ   تەييارلىغان  ئىمتىھان  سوئالى  مۇنداق ئىدى: «تۆۋەندىكىلەردىن  كىمنىڭ   مۇشۇ  دەرس  ئوقۇتقۇچىسى  ئىكەنلىكىنى  تاللاپ چىقىڭ» دېگەن  سوئال  ئاستىغا تۆت  ئەر  كىشىنىڭ  رەسىمى  بېرىلگەن ئىدى . 

خالىدە  ئوسمان  تەرجىمىسى



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624