大数跨境
0
0

نېمىشقا گىرىمىڭىز چىرايلىق چىقمايدۇ؟

نېمىشقا  گىرىمىڭىز  چىرايلىق  چىقمايدۇ؟ aymehri
2017-08-07
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

نېمىشقا  گىرىمىڭىز چىرايلىق  چىقمايدۇ  ؟ گىرىم  قىلىش تەرتىپىڭىز قالايمىقانبولغاچقا .

باشقىلارنىڭ  شۇنداق ياراشتۇرۇپ  قىلىۋالغانگىرىمىغا  قاراپ  ، ھەم  ھەۋەسلىنىپ  ھەم ئۆزىڭىزنى  كەمسىتىپ  قالامسىز ؟  نىمىشقا   گىرىمنى شۇنداق  ياخشى  قىلغاندەك قىلسىڭىزمۇ  يەنە  كۆڭلىڭىزدە ئويلىغاندەك  ئۈنۈمگە  ئېرىشەلمەيسىز ؟ چۈنكى  سىزنىڭ  گىرىم قىلىش  قەدەم  - باسقۇچلىرىڭىز  توغرا  ئەمەس ،  تۆۋەندىكى  قەدەم باسقۇچ  بويىچە  ئۆزىڭىز كۆپرەك  مەشىق  قىلىپ بەرسىڭىزلا  سىزمۇ  گىرىمىڭىزنى باشقىلار  سىزگە  ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان  دەرىجىدە  قىلالايسىز .



بىرىنجى  قەدەم :  گىرىمنى  ياخشى قىلىشنىڭ ئالدىنقى  شەرتى    چوقۇم ئالدى  بىلەن  تەگلىك گىرىمنى  ياخشى  قىلىش  .  گىرىم  قىلىشتىن بۇرۇن  ئېمۇلسىيە  سۇيۇقلىقىنى يۈزىڭىزگە  تەكشى  سۈرۈڭ ،  ئاندىن  بۇلۇت  بىلەن  يېنىك ئۇرۇپ  ئېمۇلسىيە  سۇيۇقلىقىنى يۈزىڭىزگە  تولۇق  سىڭدۈرۈڭ .  تەگلىك  گىرىم  مۇشۇنىڭ  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ .  

ئىككىنجى  قەدەم :  داغ  يېپىش .  داغ  يېپىش قەلىمى  بىلەن  يۈزىڭىزدىكى داغ  بار  ئورۇنلارغا نىسبەتەن  داغ  يېپىش ئېلىپ  بارسىڭىز  بولىدۇ . كالپۇكىڭىزنىڭ  ئەتراپىغىمۇ  ئازراق سۈرسىڭىز  بولىدۇ  ، بۇنداق  بولغاندا  كېيىنكى لەۋ  گىرىمى  ئۈچۈن ئاساس  سالغىلى  بولىدۇ.


ئۈچىنجى  قەدەم : قاش  سىزغاندا  ئالدى بىلەن  قاش  قەلىمىنى ئىشلىتىپ  قېشىڭىزنىڭ  ئومۇمىي شەكلىنى  سىزىۋېلىپ  ، ئاندىن  قاش  ئۇپىسى بىلەن  ئىچىنى  بويىسىڭىز بولىدۇ  .  تېخىمۇ تەبىئىي  چىقسۇن  دېسىڭىز قاش  چوتكىسى  بىلەن قېشىڭىزنى  تەكشى  تارىۋەتسىڭىز بولىدۇ  .

تۆتىنجى  قەدەم :  بىزنىڭ  سىزىۋاتقىنىمىز  سۇس كورىيەچە  رەڭلىك  گىرىم ،  شۇڭا  كۆز سىزغاندىمۇ  ئاددىيلا  سىزىمىز . پارقىرايدىغان  قاپاق  سۈرمىسى بىلەن  كۆزىڭىزنىڭ  چاناق قىسمىنى  بويىسىڭىز  بولىدۇ .


بەشىنجى  قەدەم :  سۇس  ئاپىلسىن رەڭلىك  قاپاق  سۈرمىسى بىلەن  قاپىقىڭىزنى  بويىسىڭىز بولىدۇ  ،قاپىقىڭىز   ئازراق قاتلام  تۇيغۇسىغا  ئىگە بولسىلا  بولدى  ، بەك  قېنىق  سۈرىۋالماڭ .

ئالتىنجى  قەدەم :  كۆزنى  سىزىش. قارا  رەڭلىك  كۆز قەلىمى  بىلەن  كۆزىڭىزنىڭ ئىچى  تەرەپتىن  سىزىڭ ئاندىن ئۇچىنى  كۆزنىڭ  قۇيرۇق قىسمىدىن  سەل  ئۇزارتىۋەتسىڭىزلا  بولىدۇ .

 

يەتتىنجى  قەدەم :  كىرپىكىڭىزنى  ئېگىڭ .

سەككىزىنجى  قەدەم :   كىرپىك لاكى  سۈرۈڭ . ئېللىپىسسىمان  چوتكىلىق  كىرپىك لاكى ئىشلەتسىڭىز  ياخشى  .

توققۇزىنجى  قەدەم :  يۈزىڭىزنى  تېخىمۇ سىترىئولۇق  تۇيغۇغا  ئىگە بولسۇن  دېسىڭىز  ئۈچ خىل  رەڭلىك  قاش ئۇپىسىنىڭ   ئەڭ  ئوتتۇرسىدىكى رەڭ  بىلەن  قاڭشىرىڭىزنىڭ ئىككى  تەرىپىنى  سۇس بويىۋالسىڭىز  بولىدۇ  ، تەبىئىي  چىقىدۇ  .


ئونىنجى  قەدەم :  كۆزۈم  يوغان كۆرۈنسۇن  دېسىڭىز  يالغان كىرپىك  كەم  بولسا بولمايدۇ  .  يېرىمى كېسىۋېلىنغان يالغان  كىرپىكنى  ئۈستۈن كىرپىكىڭىزنىڭ  قۇيرۇق  قىسمىغا چاپلىسىڭىز  بولىدۇ  ، قارىماققا  تېخىمۇ  روھلۇق كۆرىنىسىز  .

ئون  بىرىنجى قەدەم  :  ئاستىن قاپاقنى  پارقىرىتىش  . سۇس  رەڭلىك  پارقىرايدىغان قاپاق  سۈرمىسى  ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ  ،  كۆزىڭىزنى تېخىمۇ  يوغان  كۆرسىتىدۇ .

ئونئىككىنجى  قەدەم  :  زىنىقىڭىزغا  ھال رەڭلىك  ئەڭلىك  سۈرۈڭ، گىرىمىڭىز  ئادەمنى  تېخىمۇ مەھلىيا  قىلىدۇ  .



ئون  ئۈچىنچى قەدەم  :  ئۆزىڭىز ئەڭ  ياخشى  كۆرىدىغان لەۋسۇرۇخ  سۈرىۋالسىڭىز  بولىدۇ .  ئىش  پۈتتى !



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读427
粉丝0
内容624