大数跨境
0
0

بۇ مېۋىلەرنى پىشۇرۇپ يېسىڭىز دورىدىنمۇ بەك پايدا قىلىدۇ

بۇ مېۋىلەرنى پىشۇرۇپ يېسىڭىز دورىدىنمۇ بەك پايدا قىلىدۇ aymehri
2017-09-09
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىز  ئادەتتە مېۋە  يىگەندە  خام يېيىشنى  ياخشى  كۆرىمىز. لېكىن  تۆۋەندىكى بۇ  ئالتە  خىل مېۋىنى  پىشۇرۇپ  يېگەندە، تەمى تېخىمۇ  ياخشى  بولۇپلا قالماستىن  يەنە  دورىلىق رولىنى  ئوينايدۇ.




                  ئالما  


ئالما  تەركىبىدە مول  بولغان  پېكتىن بار  بولۇپ،  قىزىتىلمىغان پېكتىن  قەۋزىيەتنى  ياخشىلايدۇ، لېكىن  پىشۇرغاندىن كېيىن  بەدەندىكى  مىكروب ۋە  توكسىنلارنى  توختىتىپلا قالماستىن  يەنە  ئىچ سۈرۈشنى  توختىتىدۇ.


كېرەكلىك  ماتىرياللار

بىر  دانە ئالما، ئاق  شېكەر مۇۋاپىق  مىقداردا.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

بىرىنجى:ئالمىنى  يۇيۇپ، پوستى  بىلەن قوشۇپ  پارچىلايمىز. ئالمىنىڭ  ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىش  كېرەك.

ئىككىنجى:بىر   قاچا  ئېلىپ ئالما  ۋە  شېكەرنى سالىمىز.(ئەگەر  ياقتۇرمىسىڭىز  شېكەر سالمىسىڭىزمۇ  بولىدۇ.)

ئۈچىنجى:يۇقىرى  تېمپۇراتۇرىدا  بەش  مىنۇت  دۈملىسەكلا بولىدۇ.  سەل  سوۋۇغاندىن كېيىن  ئىستىمال  قىلىشقا بولىدۇ.



چىلان


چىلاننىڭ  ھۆسۈن تۈزەش ،  قان  تولۇقلاش رولى  بار. لېكىن  چىلاننىڭ پوستى  قاتتىق  بولۇپ، ئاشقازىنى  ئاجىز  كىشىلەر  يېگەندە قورسىقىنى  كۆپتۈرۈپ  قويىدۇ. چىلاننى  دۈملەپ يېگەندە،  ھەم  تاتلىق ھەم  يۇمشاق  بولۇپ، ھەزىم قىلىشمۇ  ئاسان  بولىدۇ.

كېرەكلىك  ماتىرياللار:

قۇرۇق  چىلان مۇۋاپىق  مىقداردا، ئاق  شېكەر مۇۋاپىق  مىقداردا.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

بىرىنجى:  چىلاننى پاكىز  يۇيۇپ  دۈملەيمىز،(ئاق  شېكەرنى ئېھتىياجىڭىزغا  قاراپ  سالسىڭىزمۇ  سالمىسىڭىزمۇ  بولىدۇ.)

ئىككىنجى: 20  مىنۇت دۈملىگەندىن  كېيىن  سەل سوۋۇتۇپ  ئىستىمال  قىلسىڭىز بولىدۇ.



بانان

 

بانان  ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدىغان  بولۇپ،تەبىئىتى  سوغۇق. مىجەزى  سوغۇق كىشىلەر  يېسە  ئانچە ماس  كەلمەيدۇ. قاقلاپ  پىشۇرغاندىن كېيىنكى  باناننىڭ  سوغۇق تەبىئىتى  يوقاپ، مىجەزى  سوغۇق كىشىلەرنىڭمۇ  يېيىشىگە  ماس كېلىدۇ.


كېرەكلىك  ماتىرياللار:

بانان  بىر دانە، ھەسەل  مۇۋاپىق  مىقداردا، ماي مۇۋاپىق  مىقداردا.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

بىرىنجى:باناننى  ئاقلاپ تەخسىگە  قويىمىز.

ئىككىنجى:قازاننى  قىزىتىپ  ماينى قۇيۇپ،  ماي  قىزىقاندىن كېيىن  باناننى  قازانغا سالىمىز.  بانان  قىزارغاندىن كېيىن  ئازراق  ھەسەل سېلىۋەتسەكلا  بولىدۇ.



نەشپۈت


نەشپۈت  ئىنتايىن تاتلىق  بولۇپ، پىشۇرغاندىن  كېيىن ئۆپكىنى  ياشارتىپ، يۆتەل  توختىتىدۇ. پىشۇرۇپ  يېيىشكە ئەڭ ماس  كېلىدىغان  مېۋە.



كېرەكلىك  ماتىرياللار:

نەشپۈت  بىر دانە،  قېرىنقۇلاق  15 گىرام، ئالقات  مۇۋاپىق  مىقداردا، ئاق  شېكەر 50 گىرام.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

بىرىنجى : قېرىنقۇلاقنى  قىززىق سۇغا   15  مىنۇت  چىلايمىز،يۇمشىغاندىن  كېيىن  پارچىلايمىز، نەشپۈتنىڭ  پوستىنى سويۇپ  پارچىلايمىز.

ئىككىنجى:قېرىنقۇلاق،نەشپۈتنى  قازانغا  سېلىپ 1000مىللىلېتىر  سۇ  قۇيۇپ ، يۇقىرى  تېمپۇراتۇرىدا  قاينىتىمىز، قاينىغاندىن  كېيىن  ئوتنى كىچىكلىتىپ  30  مىنۇت قاينىتىمىز.

ئۈچىنجى:  شېكەرنى  سېلىپ، شېكەر پۈتۈنلەي  ئېرىپ  بولغاندىن كېيىن  بىر  نەچچە تال ئالىقات  سېلىپ  ئىستىمال قىلساق  بولىدۇ.



شاپتۇل


شاپتۇلنى  دۈملەپ پىشۇرغاندىن  كېيىن  يېمەكلىك تالالىرى  بۇزۇلۇپ،  ھەزىم قىلىشقا  قولايلىق  بولىدۇ. نەملىك  ساقلاش رولىمۇ  بار.


كېرەكلىك  ماتىرياللار:

شاپتۇل  400گىرام، شېكەر 70 گىرام.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

 بىرىنجى : شاپتۇلنى  پاكىز  يۇيۇپ ، پوستىنى  سويىۋەتكەندىن  كېيىن پارچىلايمىز.

ئىككىنجى: قازانغا  1500  مىللىلېتىر سۇ  قۇيۇپ،  قاينىغاندىن كېيىن  شاپتۇلنى  ئاندىن شېكەرنى  سالىمىز.

ئۈچىنجى:  قاينىغاندىن  كېيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ  يەنە  20 مىنۇت  قاينىتىپ،  قاچىغا ئالساق  بولىدۇ.

تۆتىنجى:  سوۋۇغاندىن كېيىن  توڭلاتقۇغا  سېلىپ بىر  كېچە  مۇزلىتىپ قويساق  تېخىمۇ  تاتلىق بولىدۇ.



دولانا


دولانا  تەركىبىدە كۆپ  مىقداردا  مېۋە كىسلاتاسى  بار  بولۇپ، يېگەندىن  كېيىن  ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ. دولانانى پىشۇرغاندىن   كېيىن،ئىشتىھانى  ئېچىپ، بەدەندىكى  ماينى سۈمۈرۈش  رولىنى  ئوينايدۇ،ئورۇقلىتىش  رولىغا ئىگە.


كېرەكلىك  ماتىرياللار:

دولانا  300 گىرام،  ئاق  شېكەر 100گىرام.

قەدەم  باسقۇچلىرى:

بىرىنجى:دولانانى  پاكىز  يۇيۇپ، چوكا بىلەن  ئىچىدىكى  ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىمىز.

ئىككىنجى:قازانغا  مۇۋاپىق  مىقداردا سۇ  قۇيۇپ، دولانا  ۋە  شېكەرنى  سالىمىز.

ئۈچىنجى:يۇقىرى  تېمپۇراتۇرىدا  قاينىتىپ ،  قاينىغاندىن  كېيىن ئوتنى  كىچىكلىتىپ  يەنە 20مىنۇت  قاينىتىمىز،  دولانا يۇمشاپ  سۇ   قىزىلغا ئۆزگەرگەندىن  كېيىن  ئوتنى توختاتساق  بولىدۇ.

تۆتىنجى:  سوۋۇغاندىن  كېيىن ئۈستىگە  ئازراق   ھەسەل قوشۇپ  توڭلاتقۇدا  مۇزلىتىش بۆلمىسىدە  بىر  مەزگىل تۇرغۇزغاندىن  كېيىن  ئىستىمال قىلساق  بولىدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624