

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم –قىزلار گىرىم بۇيۇمى سېتىۋالغاندا خەجلەيدىغان پۇلنى كۆزىنىڭ قىرىغىمۇ ئىلىپ قويمايدۇ ، يەنە نۇرغۇن خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ بىرنى ئىشلىتىپ بولالماي تۇرۇپ يەنە بىرنى سېتىۋالىدىغان ئادىتى بار ، شۇ سەۋەپتىن بەزى گىرىم بۇيۇملىرىنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەستىن بۇرۇن ئىشلىتىپ بولالمايدۇ ، بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئالغان نەرسىنى بىكاردىن تاشلىۋەتسە ھەممە ئادەمنىڭ ئەپسۇسلانغۇسى كېلىدۇ ، ئەلۋەتتە . ئەمەلىيەتتە ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سىز ئويلاپمۇ باقمىغان باشقا ئىشلىتىش ئورۇنلىرى بار .
1. ۋاقتى ئۆتكەن كىرپىك لاكى . ۋاقتى ئۆتۈپ قۇرۇپ قالاي دېگەن كىرپىك لاكىغا نىسبەتەن ، قىزلار ئۇنى تاشلىۋېتىشتىن باشقا ئامال قىلالمايدۇ .ئەمەلىيەتتە ئۇنى قاشنىڭ شەكلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ . يەنە بويىغان چاچنىڭ چاچ يىلتىزى تەرەپتىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان چاچلارنىڭ رەڭگى چاچنىڭ ئۇچىغا ئوخشىماس بولۇپ قالغاندا ،كىرپىك لاكىنىڭ چوتكىسىدىنپايدىلىنىپ چاچنىڭ يىلتىز قىسمىنى ئۇچىغا ئوخشايدىغان رەڭدە بويىۋالسا بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا سۇ جۈمىكىنىڭ ئىچكى قىسمىنى يۇيۇش ناھايتى تەس بولۇپ ، كىرپىك لاكىنىڭ چوتكىسىنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن ، جۈمەكنىڭ ئىچكى قىسمىنى تازلاش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ .
2.ۋاقتى ئۆتكەن لەۋسۇرۇخ . لەۋسۇرۇخلارنىڭ قىزلارغا نىسبەتەن رەت قىلىش تەس بولغان جەلب قىلىش كۈچى بار. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا قىزلار بىردەملىك قىزىققانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە توختىماي لەۋسۇرۇخ سېتىۋالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىدە نۇرغۇن رەڭلىك لەۋسۇرۇخلار دۆۋىلىنىپ قالىدۇ . ئۇنداقتا ۋاقتى ئۆتكەن لەۋسۇرۇخنى سۈرۈشكە بولمىسا ، ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتىش كېرەكمۇ ؟
ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىز ئۆيدىكى كۈمۈش بۇيۇملارنى ياكى زىبۇ –زىننەتلىرىڭىزنى تازلىسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر كۈمۈش بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدە قارا داغلار پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن لەۋسۇرۇخىڭىزنى تازلىق قەغىزىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ ،بۇنىڭ بىلەن كۈمۈش بۇيۇمنىڭ قارىداپ قالغان يېرىنى قايتا-قايتا سۈرتسىڭىز ،كۈمۈش بۇيۇم ئەسلىدىكى پارقىراق ھالىتىگە قايتىدۇ .
ئەگەر ئۈستەل ئۈستىدە ، ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ ئۈستىدە مايلىق قەلەمنىڭ ئىزى بولسا ، شۇ ئورۇنغا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن لەۋسۇرۇخنى تەكشى سۈرۈپ ئاندىن قەغەزدە سۈرتىۋەتسىڭىزلا ئىزنى يوقىتالايسىز .
3.ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئەتىر . كۆپ قىسىم ئەتىرلەر گەرچە ناھايتى ئاز سىغىمدا چىقسىمۇ ، لېكىن ھەر قېتىمدا ئىشلىتىلىش مىقدارىمۇ ناھايتى ئاز بولغانلىقتىن ،ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكۈچە بىر قۇتا ئەتىرنى ئىشلىتىپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن . بۇ ۋاقىتتا سىز ئەتىرنى گىرىم بۇلۇتى ياكى پارچە قەغەزلەرنىڭ ئۈستىگە چېچىپ ئۇنى كىيىم ئىشكابىڭىزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسىڭىز ، كىيىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مېزىلىك پۇرايدىغان بولىدۇ .
4.ۋاقتى ئۆتكەن تىرناق لاكىنى يۇيۇش سۇيۇقلىقى . تىرناق لاكىنى يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبىدە ئاتسىتون بولۇپ ، ئۇ ئورگانىڭ ئېرىتكۈچى بولغاچقا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ خۇسۇسىيىتى يوقاتمايدۇ . كىيىملەرگە يۇقۇپ قالغان يىلىمنى تازلاپ چىقىرىشقا بولىدۇ . ياكى مايلىشىپ كەتكەن ساپال بۇيۇملارغا ،ئۈستەل - ئورۇندۇقلارغا سۈرگەندىن كېيىن پاكىز دەسمال بىلەن سۈرتىۋەتسىلا بولىدۇ .
5. ۋاقتى ئۆتكەن تەگلىك ماي ، يۈز مايلىرى . بۇلانى بەدەن مايلىرى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . جەينەك ،تىز قىسىملىرىغا سۈرۈۋالسا بولىدۇ ، لېكىن تېرىسى سەزگۈر قىزلارغا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز .
بەدەنگە سۈرگەندىن باشقا بۇ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى يەنە خۇرۇم بۇيۇملارنىڭ ئاسرىغۇچىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .خۇرۇم ئاياق ، خۇرۇم چاپان ، خۇرۇم سافا قاتارلىقلارغا ئاز مىقدارغا سۈرۈپ بەرگەندە جىجىلىپ كەتكەن ئىزلار ياكى يېرىلىپ كەتكەن ئىزلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
6. ۋاقتى ئۆتكەن گىرىم سۈيى . گىرىم سۈيى ئادەتتە مىقدارى ناھايتى كۆپ چىقىدىغان بولۇپ ، دائىم ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىچە ئىشلىتىپ بولالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ گىرىم سۈيىڭىز تازلاش ئۈنۈمىگە ئىگە گىرىم سۈيى بولسا ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تېلفون ياكى كومپىيوتىرنىڭ ئىكرانىنى سۈرتسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ، بۇنىڭ ئېكرانغىمۇ ھېچقانداق زىيىنى يوق .
7. ۋاقتى ئۆتكەن يۈز ئۇپىسى ، ئەڭلىك ، بەدەن ئۇپىسى . بۇلارنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش رولى ناھايتى ياخشى بولۇپ ، ئېزىپ ئۇن ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن تازلىق قەغىزى ياكى رەخت خالتىغا ئوراپ زىبۇ-زىننەت قۇتىڭىزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسىڭىز ،نەملىكنى يوقىتىپ زىبۇ-زىننەتلىرىڭىزنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ .
ياز ۋاقتى كىيىدىغان گۈل بېسىلغان كىيىملەر يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ئاسانلا چاپلىشىپ قالىدۇ . بۇنىڭ ئۇستىگە ئازراق بەدەن ئۇپىسى سۈرۈپ قويسىڭىز بۇنداق ئەھۋالدىن قۇتۇلالايسىز .ئۇنىڭدىن باشقا كىيىملەرگە ماي تېمىپ كەتكەندە ، بەدەن ئۇپىسىدىن ئازراق سۈرۈپ قويسڭىزلا ماينى سۈمۈرىۋالىدۇ .
8. ۋاقتى ئۆتكەن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى . چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىغا چاچنى سىلىق قىلىدىغان تەركىپ قوشۇلغان بولۇپ ، يۇڭ رەختلىك كىيىملەرگە ئىشلىتىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ . ئەگەر دىققەتسىزلىكتىن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ، ئۇنى مايكىلىرىڭىزنى يۇيۇشقا ئىشلتسىڭىز بولىدۇ ، مايكىڭىز خۇشپۇراقھەم يۇمشاق بولىدۇ ، ئۈنۈمى بەزى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىدىنمۇ ياخشى . ياكى ياستۇق قېپىنى يۇيۇشقا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . چېچى ئاسان مايلىشىدىغان ، كېپەك بولىدىغان كىشىلەر ئىشلەتكەن ياستۇق قېپىنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيغاندا ،بەك پاكىز يۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنچىنى تازلاشقا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ .

















