大数跨境
0
0

شىنجاڭدىكى «تېلېۋىزورغا دۈم چۈشكەن» يۇرتلار

شىنجاڭدىكى «تېلېۋىزورغا دۈم چۈشكەن» يۇرتلار aymehri
2017-07-17
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


    شىنجاڭدىكى «تېلېۋىزورغا دۈم چۈشكەن» يۇرتلار قايسى؟

    شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 4 سائەت بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 1.2 سائەت تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى قايتۇرۇپ كۆرىدىكەن. 

    يېقىندا شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە تورى تەڭرىتاغ بۇلۇتى سانلىق مەلۇمات قوشۇنى تەڭرىتاغ بۇلۇتى ئىشلىتىۋاتقان شىنجاڭدىكى 520 مىڭ ئىشلەتكۈچىگە ئاساسلىنىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتى ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى كۆرۈشتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئانالىز قىلىپ چىقتى. 

    چوڭ سانلىق مەلۇمات قوشۇنىنىڭ ئانالىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىقلار ئادەتتە ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 9 غىچە تېلېۋىزور كۆرىدىكەن، تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بېسىق مەزگىل ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 8 گىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن. 

    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %30 شىنجاڭلىق كەچتە ئۈرۈمچى ۋاقتى 10 دىن كېيىن تېلېۋىزورنى تاقايدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا %30 شىنجاڭلىق «شەپەرەڭ» ئىكەن. 

    ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭلىقلارنىڭ قانال ئالماشتۇرۇش نىسبىتىمۇ خېلى يۇقىرى ئىكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىقلار تېلېۋىزور كۆرگەندە بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 قېتىم قانال ئالماشتۇرىدىكەن، قانال ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ۋاقىت ئېلان ۋاقىتلىرىغا مەركەزلىشىدىكەن. 

    قايتۇرۇپ كۆرۈش رەت تەرتىپىدە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە قاناللىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى ئىچىدە 7-ئورۇنغا تىزىلغان، قايتۇرۇپ كۆرۈش ۋاقتى 137 مىڭ 800 سائەتكە يەتكەن. 

    پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلەر ئىچىدە ئالتايلىقلار تېلېۋىزور كۆرۈشكە ئەڭ ئامراق بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى 1412 سائەتكە يېتىدىكەن. بۇ شۇ يەرنىڭ قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇن، ھاۋاسىنىڭ سوغۇق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 

    كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئالدىنقى بەش ئورۇنغا تىزىلغىنى ئالتاي (1412 سائەت)، يەكەن (1216 سائەت)، قىزىلسۇ (1198 سائەت)، كۇيتۇن (1176 سائەت)، باي (1140 سائەت) ناھىيەسى ئىكەن. يىللىق تېلېۋىزور كۆرۈش ئومۇمىي ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۈچ جاي ئۈرۈمچى، سانجى ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئىكەن. يىللىق تېلېۋىزور كۆرۈش ئومۇمىي ۋاقىت رەت تەرتىپى شۇ يەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، مەسىلەن ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئادەم سانى ۋە ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئىكەن. 



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624