

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. ۋېلىسىپىت ھەرقانچە تېز ماڭسىمۇ ماشىنىغا يېتەلمەيدۇ ؛ دېمەك ، ئورنىڭىز بەك مۇھىم .
2. ئەر كىشى ھەر قانچە مۇنەۋۋەر بولسىمۇ ، ئايال كىشىدەك بالا تۇغالمايدۇ ؛ دېمەك ، ھەمكارلىق بەك مۇھىم .
3. بىر ئادەم ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ، بىر گۇرۇپپا ئادەمدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ ؛ دېمەك ، كوللېكتىپ بەك مۇھىم .
4. كاپالەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چېلەكنى ھەر قانچە چوڭ قىلىۋالغان بىلەنمۇ ، قۇدۇق قازغانغا يەتمەيدۇ ؛ دېمەك ، ئالاقە بەك مۇھىم .
5. بىر جۈپ پاقا مۇھەببەتلىشىپتۇ . تويدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىسى شۇنچىلىك كۆرۈمسىز ، ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشىمايدىكەن .
دادا پاقا : بۇ نېمە ئىش ؟
ئانا پاقا : ( يىغلاپ تۇرۇپ ) مەن ئىلگىرى ھۆسن تۈزەتكەن .
دېمەك ، چۈشىنىش بەك مۇھىم .
6. تەخەي ئانىسىدىن سوراپتۇ : بىز كۈندە چۆپلا يەيدىكەنمىز ، ئەمما ، كالىلار بولسا مېزىلىك يەم-خەشەكلەرنى يېيەلەيدىكەن .
ئانىسى : بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز پۇتىغا تايىنىپ قورساق باققان ، خەقنىڭ بولسا كۆكسىدىكى سۈتكە تايىنىدۇ ، دەپتۇ .
دېمەك ، پىسخىكا بەك مۇھىم .
7. ئۆردەك بىلەن قىسقۇچپاقا مۇسابىقىلىشىپتۇ ، نەتىجىدە باھالىغۇچى كىمنىڭ يەڭگەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەپتۇ :
- « تاش ، قايچا،لاتا » ئويناپ ، كىمنىڭ يەڭگەنلىكىنى بېكىتەيلى . ئۆردەك :
- مەن ئۇتتۇرمامدىم ، مەن ھەر ۋاقىت لاتا چىقىرىمەن ، ئەمما ، ئۇ قايچىلا چىقىرىدىغان تۇرسا .
دېمەك، يارالمىش تەقدىر بەك مۇھىم .
8. ئىت ئېيىققا توي تەكلىپى قويۇپ دەپتۇ :
- سېنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن ! ئېيىق دەپتۇ :
- ساڭا ياتلىق بولغاندىن مۈشۈككە ياتلىق بولسام سەل ياخشى . چۈنكى ، تۇغقان بالام مۈشۈكئېيىق بولسا ، سەل ئابرويلۇق بولىدۇ .
دېمەك ، تاللاش بەك مۇھىم .
9. چىۋىنغا ئەگەشكەن ھاجەتخانىغا بارىدۇ ؛ ھەرىگە ئەگەشكەن گۈللۈككە بارىدۇ ؛ بايغا ئەگەشكەن پۇل تاپىدۇ ؛ قەلەندەرگە ئەگەشكەن تىلەمچىلىك قىلىدۇ .
10. ئۈمىدۋار ئادەم قۇياشقا ئوخشايدۇ ، نەگە باقسا شۇ يەر يورۇيدۇ. پاسسىپ ئادەم ئايغا ئوخشايدۇ، تولغاندا بىر خىل، پاتقاندا يەنە بىر خىل .
11. سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى كىم بىلەن بىرگە مېڭىشىڭىز .
12. ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ بەخت :
① مەكتەپتە ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىش ؛
② خىزمەتتە ياخشى بىر يېتەكچىگە ئۇچراش ؛
③ نىكاھتا ياخشى ھەمراھقا ئېرىشىش ؛
13. بەزىدە ئۇلارنىڭ بىرەر تاتلىق كۈلكىسى ، ئىللىق بېقىشى ھاياتىڭىزدا ئالەمچە ئۆزگىرىش ياسىشى مۇمكىن .
ئاپتۇرى : ئەلى قۇربان
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ






