大数跨境
0
0

يۈرەكنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

يۈرەكنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى aymehri
2017-10-13
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

كېلىماكتىرىيە  دەۋرىدىن كېيىن  ئاياللاردا   ئاياللىق ھورمۇننىڭ  قوغداش  رولى تۆۋەنلەيدۇ. يۈرەك  كېسىلىگە  گېرىپتار بولۇش  ئېھتىماللىقى  زور دەرىجىدە  ئاشىدۇ. ئەرلەرگە  ئوخشىمايدىغىنى  شۇكى، ئاياللاردا  كۆرۈلدىغىنى  ئاساسلىقى قىل  قان  تومۇر ئۆزگىرىشى  بولۇپ، كۆپىنچە  ئاياللار كېسەل  قوزغالغاندا  مەيدىسى چىڭقىلدىغان  ياكى  مەيدىسى ئاغرىيدىغان  ئالامەتلەرنى  ھېس قىلمايدۇ.  شۇنداق  بولغانلىقى ئۈچۈن، 1984-يىلدىن  بۇيان  ئامرىكىدا ھەر  يىلى  يۈرەك كېسىلى  بىلەن  ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ  كېسەللىكمىسالىنىڭ  ھەممىسىدە  ئاياللار كۆپ  ، ئەرلەر  ئاز بولغان.  ئاياللار  قانداق قىلغاندا   كېسەللىك  ئۆزگىرىشىنى ئۆز  ۋاقتىدا  بايقىيالايدۇ؟ يۈرەك  كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى  لوس  ئانجىلىس تارمىق  جەمئىيىتىنىڭ  باشلىقى دوكتۇر  ماگنات  ئامرىكىنىڭ مەلۇم  تەشۋىقات  ۋاستىسىدا مۇنۇلارنى  كۆرسەتكەن: ئەگەر  ئاياللار تۆۋەندىكىدەك  كېسەللىك  ئالامىتىنى بايقىسا  چوقۇم  ئالاھىدە ئېتىبار  بېرىشى  كېرەك:

ئۈزلۈكسىز  چارچاش: بۇ  خىل  چارچاش ھەمىشە  ئالدىراش  ماڭغاندا كۆرىلىدۇ. ھەتتا  بەدىنىنى  رۇسلاشقىمۇ ماغدۇرى  قالمايدۇ. چارچىغاندا  بەدەننىڭ مەلۇم  قىسمى  چەكلىمىگە ئۇچىرماستىن، بەلكى  پۈتۈن  بەدەن خاراكتىرلىك  بولىدۇ.

دەم  سىقىلىش: بەزى يۈرەك  كېسىىلى  بىمارلىرىدا دائىم  كۆرۈلدىغان كېسەللىك  ئالامەتلىرىدىن  باشقا يەنە  نەپەس  ئېلىشى تېزلىشىپ، دەم  سىقىلدىغان  ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇ  خىل  دەم سىقىلىشنى   كىشىلەر  دائىم  نەپەسيېتىشمەسلىك  دەپ  ئاتايدۇ. بىر  نەچچە  مىنۇت  جىم ئولتۇرغاندىن  كېيىن، نەپەس  ئېلىش نورمال  ئەسلىگە  كېلىدۇ. ئەمما بىمار  قايتىدىن  ھەركەت قىلغان  ۋاقىتتا  يەنە دېمى  سىقىلىپ  كېتىدۇ. بۇ خىل  ھاسىراشقا  كىشىلەر داۋاملىق  سەل  قارايدۇ، بولۇپمۇ  ئۆپكە كېسىلىگە  گېرىپتار  بولغان ياشانغانلار  تېخىمۇ  سەل قارايدۇ.

ھەزىم  قىلىش ناچارلىشىپ، يۇقىرقى  قورساق  ئاغرىيدۇ ياكى  ھۆ  قىلىدۇ.ئادەتتىكى  ئاشقازان كېسىلىگە  ئوخشىمايدىغىنى  شۇكى، يۈرەك كېسىلى  كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئاشقازان ئاشرىقىدا  مۇجۇپ  ياكى سانجىپ  ئاغرىيدىغان  ئالامەتلەر  ئىنتايىن  ئاز كۆرىنىدۇ. بېسىپ  ئاغرىشمۇ دائىم كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت  ئىچىپۇشۇپ  قالغاندەك  تۇيغۇدا بولىدۇ. بەزىدە  ھەتتا  ئاستا ئاغرىغاندەك، كۆڭلى   ئېلىشىپ  ياندۇرغۇسى كەلگەندەك  تۇيغۇدا  بولىدۇ.

ئېڭەك  ياكى گېلى  ئاغرىيدۇ.  تۆۋەنكى ماڭلاي  سۆڭىكى  ئاغرىيدۇ، بەزىدە  ئاغرىق بويۇن  قىسىمنىڭ  بىر تەرىپىگە  ياكى  ئىككى تەرىپىگە  تارايدۇ.

بېلەك  ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ  سول بېلەك  ئاغرىيدۇ.  سول بېلەك  ۋە  سول مۆرىنىڭ  تەسىرگە  ئۇچرىشى دائىم  كۆرۈلىدۇ.  ئېغىر بولغاندا  ئوڭ بېلەككە  تارقىلىدۇ. ئاغرىق  ئانچە  ئېغىر بولمىسىمۇ،  قول  ۋە بېلەكنى  كۆتۈرۈش  ئىنتايىن تەسكە  چۈشىدۇ، ئاغرىق  ئادەتتە يېنىك  بولىدۇ،  قاتتىق ئاغرىمايدۇ، بېغىش  ۋە  بارماققا تارقالمايدۇ، ئادەتتە بېلەكنىڭ  ئىچى  قىسمى بىلەنلا  چەكلىنىدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624