大数跨境
0
0

ئوغۇللارنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆرۈڭ

ئوغۇللارنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆرۈڭ aymehri
2017-07-29
0


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا چوقۇم ئېيتىڭ ، بۇنىڭلىق بىلەن يۈزىڭىز تۆكۈلمەيدۇ بەلكى ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەقىقىي ھېسسىياتىڭىز ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار بولىدۇ . ئەگەر ئۇ سىزنى ياخشى كۆرسە ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇنىڭغا ئېنىق ئېيتىڭ . ياخشى كۆرسىڭىز ياخشى كۆرىمەن ، ياخشى كۆرمىسىڭىز ياخشى كۆرمەيمەن دەڭ ، ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ قويارمەنمۇ دەپ ئىككىلەنمەڭ . ئۇنى ئاخىرغىچە ئۈمىدلەندۈرۈپ تاشلىۋەتسىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئېغىر زەربە بولۇپ قالىدۇ . ئوغۇللارنىڭ ئۆز ئالدىغا مىجەز - خاراكتېرى بولىدۇ ، يەنى پەقەت سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىچى سىقىلىدۇ ، شۇڭا ھە دېسىلا تەتۈرلۈك قىلماڭ ، بەزىدە ئۇلارنىڭ قارارىنىڭمۇ ئاساسى بولىدۇ . ئوغۇللار سىزگە تاسادىپىي ئاچچىقلاپ قالسا ھەرگىز رەنجىمەڭ ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ، ئۆز سىردىشى دەپ بىلگەنلىكى . بۇنداق چاغدا چېچىلماي جىم تۇرۇڭ ، ئۇنىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندا سىزنى ئاستا قۇچاقلايدۇ . ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغاتلىرى كۆرۈمسىز ، ئەرزان نەرسىلەر بولسىمۇ ئۇنى قەدىرلەڭ . چۈنكى ئۇ بۇ سوۋغات ئۈچۈن بىر كېچە باش قاتۇرغان . ئۇنىڭ سىزگە گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ، چۈنكى سىزنىڭ رىغبىتىڭىز ئارقىلىق ئۇ مۆجىزە يارىتىشى مۇمكىن . دائىم ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ ، نەگە بارىسىز ؟ بىخەتەرلىكىڭىزگە دېققەت قىلىڭ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ كۆزىگە كىرىۋالماڭ ، پەقەت ئۇنى ساقلىيالىسىڭىزلا بولىدۇ . ئوغۇللار دائىم كۆزىگە كىرىۋالىدىغان قىزلاردىن بىزار .ئۇنىڭغا دائىم « سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دەۋەرمەڭ ، ئۇ خۇشياقمىغاندەك قىلىپ « ھەجەپ زېرىكتىم » دېيىشى مۇمكىن ، ئەمما دېمەيمۇ قويماڭ ، چۈنكى بەزىدە ئوغۇللار بۇ سۆزگە قىزلاردىنمۇ بەتتەر ئېھتىياجلىق بولىدۇ . ئۇ بەزىدە سىز ئۈچۈن ياش تۆكۈشىمۇ مۇمكىن ، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ئىنتايىن ، ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ ھەر بىر تامچە يېشىنى قەدىرلەڭ ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماڭ ، ئۇنىڭغا تەسەللىيمۇ بەرمەڭ ، پەقەت ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويۇڭ . ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ ، ئۇ سىزنى سۆيسىلا سىلەرنى ھېچنېمە ئايرىيالمايدۇ ، مۇھەببىتىڭلار مەڭگۈلۈك بولىدۇ .
 



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624