大数跨境
0
0

ئېرى ئۆيدە تاماكا چەكسە ، خوتۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ

ئېرى ئۆيدە تاماكا چەكسە ، خوتۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ aymehri
2017-07-03
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر ت


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، ئېرى ئۆيدا تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدىكەن .

   تەتقىقاتتا يەنە جۇڭگودا تۇرمۇش ئادىتى ناچار ئاياللارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدىغانلىقىمۇ بايقالغان .

   ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سارا ئېخۇتا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ‹‹ شاڭخەيلىك خانىم - قىزلارنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتى ›› دىكى سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلغان . بۇ تەتقىقات تۈرىدە 1996 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 71 مىڭدىن كۆپرەك 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان تاماكا چەكمەيدىغان ۋە ھاراق ئىچمەيدىغان خانىم - قىزلىرىنىڭ ئوچۇرى يىغىلغان ، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ باھالاپ چىقىلغان . تەتقىقات تۈرىدىكى بۇ سان ئۆلۈش نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەش ئامىلنى ئاساس قىلغان . بۇ بەش ئامىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەدەن ئېغىرلىقى ، بەل ئايلانمىسى ۋە كاسا ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەھۋالى ، ۋاستىلىك تاماكا چېكىش دەرىجىسى ۋە كۆكتات ، مېۋە - چىۋىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى چۆرىدىگەن .

   بىر ئايالنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ياخشى بولسا ئۇنىڭ ئېرىشكەن سانى شۇنچىلىك يۇقىرى بولغان ؛ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ناچار بولسا ئېرىشكەن نومۇرى شۇنچىلىك تۆۋەن بولغان .


   ئۇلار تەتقىقات ئونيېكتى قىلىنغان ئاياللارنى توققۇز يىل ئەتراپىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن . بۇ مەزگىلدە 2860 ئايال قازا قىلغان ، بۇنىڭ ئارىسىدا 1351 ى راك كېسىلى بىلەن ، 775 ى يۈرەك تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلغان .

   ‹‹ ئىلىم - پەن ئاممىۋى كۈتۈپخانىسى ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن : ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا قازا قىلغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە بەدەن ئېغىرلىقى بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر ، سېمىز ، شۇنداقلا بەل ئايلانمىسى بىلەن كاسا ئايلانمىسى نىسبىتىنىڭ قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرغىلى بارمايدىغان ياكى كۆكتات ، مېۋە - چىۋىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋاللار بەكرەك مەۋجۈت ئىكەن .

   تەتقىقات دوكلاتىنى يازغۇچىلارنىڭ بىرى ، ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇقۇچان كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋېي جې مۇنداق دېدى : ‹‹  بىر خۇش خەۋەر بار ، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر خانىم- قىزلاردا ئۆزىدىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدى بار بولسىلا نۇرغۇن ئامىللارنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن . مەسىلەن ، كۈندە سەيلە قلسا ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاتنىشىپ ئېنېرگىيەنىڭ خورىشىنى ئازايتسا ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشسىلا ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلىدىكەن ›› .

   لېكىن قازا قىلغان ئۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئېرى تاماكا چېكىدىكەن ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختىغان .


   تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ جۇڭگو ۋە ئاسىيە قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاياللاردىكى ۋاستىلىك تاماكا چېكىش ئەھۋالى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇلغىنىش ، زەھەرلىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن . چۈنكى ئاسىيا ئەرلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن ، بۇ ئەھۋالنىڭ خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولىدىكەن . شۇڭا جۆرىسىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدى بىلەن ئەر - خوتۇنلارغا تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇتۇش كېرەك ››.

   ئېرىنى خوتۇنىنى دەپ بولسىمۇ ، تاماكا تاشلىتىش ئىشىغا مەھەللىلەرنى ئاساس قىلغان دائىرىلەر ئارىلىشىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك . مەسىلەن ، ئۆيدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش 

دېگەندەك تەبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك .

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تاماكا چەكمەڭ



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读427
粉丝0
内容624