大数跨境
0
0

ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىيات

ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىيات aymehri
2017-07-20
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

يېقىندا مۇنداق بىر مىكرو بىلوگ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ياز كەلدى بىر كىشىگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ۋىللىس كېل. بۇ ئادەم زادى كىم ؟ ئۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ كەشپىياتچىسى. ئۇ بىزنى بۇ تومۇز ئىسسىقتىن ئازاد قىلدى، ئەگەر بۇ ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىسا زادى بولمايدۇ. بۈگۈن بىز تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكەن، ھەتتا تارىخنى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىيات بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

بىرىنچى، چاق

ھازىر نۇرغۇن كىشى ماشىنا سېتىۋالدى، ئازراق يىراق تۇيۇلغان يەرگىمۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بارىدۇ، چاق بارلىق قاتناش قورالىدا كەم بولسا بولمايدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3500-يىلىلا ئىنسانلار چاقنى كەشىپ قىلغان، ئەينى چاغدا بەزى چاقلار تاشتىن ياسالغان بولۇپ، بەئەينى بىر چوڭ تاش تەخسىنىڭ ئۆز ئىدى. چاق بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، جىسمانىي كۈچنى تېجەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ھازىرقى جەمئىيەتتە چاقنىڭ ئىشلىتىلىشى كۈنسېرى ئومۇملاشتى، چاق بولمىسا بىز ئىنسانلارنىڭ قانداق بۆلىدىغىنىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن.

ئىككىنچى، ئۈزەڭگە

بەلكىم بۇ نەرسىنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن رولى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بەزى ئاتقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە چارۋىچىلارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ قەدىمكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ كەشپىياتنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى چاقتىن قېلىشمايدۇ. ئۈزەڭگە ــ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كەشپىيات. ئەنگلىيەلىك پەن-تېخنىكا تارىخشۇناسى ۋايت مۇنداق دېگەن : «ناھايىتى ئاز ساندىكى كەشپىياتلار ئۆزۈڭگىگە ئوخشاش ئاددىي ھەم زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈزەڭگە چەۋەندازلار بىلەن ئاتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى.»

ئۈزەڭگىنى بۇنىڭدىن 1500 يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى چارۋىچى مىللەت سىيانپىلار كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ يايلىقىدا ناھايىتى تېز تارقالغان، بۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى زور دەرىجىدە ئۆسكەن، شۇنداقلا دۇنيا ئۇرۇش تارىخىنى ئۆزگەرتكەن. جۇڭگودا كەشىپ قىلىنغان ئۈزەڭگە ياۋروپاغا كىرگەندىن كېيىن، ئېغىر قوراللانغان ساۋۇتلۇق رېتسارلارنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتىپ، فېئودال رېتسارلار سىنىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلىپ، ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى مەنبەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۈچىنچى، ھاۋا تەڭشىگۈچ

شەك - شۈبھىسىزكى بۇ كەشپىيات ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئاتا قىلدى، لېكىن، ھازىر ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە پار بولمىغان دەۋرنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟

تۆتىنچى، توڭلاتقۇ

بەزىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ كەشپىيات ھاۋا تەڭشىگۈچتىنمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن، ئويلاپ باقايلى، توڭلاتقۇ بولمىسا كۆپ ساندىكى يېمەكلىكلەرنى ساقلىشىمىز بەك قىيىن بولىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى توڭلاتقۇ 1918-يىلى بارلىققا كەلگەن، ئامېرىكا كارل ۋېنېت شىركىتىدىكى ئىنژېنېر كوبېرلەند لايىھەلەپ ياسىغان .

بەشىنچى، تېلېۋىزور

1924-يىلى تۇنجى تېلېۋىزور بارلىققا كەلگەن، ئەنگلىيەلىك ئېلېكتىرون ئىنژېنېرى جون بېل كەشىپ قىلغان، 1928-يىلى ئامېرىكىنىڭ RCA تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانىلىدا تۇنجى تېلېۋىزىيە فىلىمى «felixthecat» قويۇلدى، شۇندىن باشلاپ، تېلېۋىزور ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.

ئالتىنچى، تىزگىنەك

تېلېۋىزور بولغان ئىكەن تىزگىنەك بولمىسا بولمايدۇ. زادى كىمنىڭ تۇنجى تىزگىنەكنى كەشىپ قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئەڭ بۇرۇنقى تىزگىنەكنىڭ بىرىنى نىكولا تېسلا (1856-1943) ئاتلىق كەشپىياتچى (ئىلگىرى ئېدىسون ئۈچۈن ئىشلىگەن، ئوخشاشلا تالانتلىق كەشپىياتچى دەپ ئاتالغان) 1898-يىلى كەشىپ قىلغان.

يەتتىنچى، تەييار چۆپ

بۇ نەرسە ئەخلەت يېمەكلىك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭغا ئامراق، تەييار چۆپ كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، قەدىمدە بەزىلەر ياغدا پىشۇرۇلغان چۆپنى شورپا بىلەن ئىستېمال قىلغان. جۇڭگودا ھازىر بار بولغان بۇنىڭغا ئوخشاش تاماق «يىميەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى تەييار چۆپنى 1958-يىلى تەيۋەنلىكلەر پۇشتىدىن بولغان ياپونىيەلىك موموفۇكۇ ئاندو بىر قاچا سۇيۇقئاش ئىچىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوساكانىڭ ئىكىدا شەھىرىدە كەشىپ قىلغان.

سەككىزىنچى، مائۇس

گەرچە مائۇس 80-يىللاردىن كېيىن ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىنى 60-يىللاردىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنى ئامېرىكا ئىستانفورد تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتور دوگلاس ئىنگىربات كەشىپ قىلغان. ھازىرقى نەزەر بىلەن قارىغاندا، دوكتور دوگلاسنىڭ «مائۇسى» ئىنتايىن ئىپتىدائىي، ھەم ئاددىي بولۇپ، ئېنىقلىق كۆرسەتكۈچى يوق ئىدى.

توققۇزىنچى، ماي قەلەم

ماي قەلەم تۆمۈر شارىكنىڭ ئايلىنىشىدىن پايدىلىنىپ مايلىق سىياھنى قەغەزگە يازىدىغان قورال. ماي قەلەم 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگوغا كىرگەن. زېرەك سودىگەرلەر ياپونىيەدە پارتلىغان ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق سېتىش يولىنى ئاچقان. ئەمەلىيەتتە، «ماي قەلەم» بىلەن ئاتومنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت خەنزۇچىدىكى ئوقۇلۇشى ئوخشاپ قالىدۇ خالاس. ماي قەلەم دۇنيادا ناھايىتى تېزلا مودا بولغان. پەقەت ياپونىيەدىلا بىر يىلدا 400 مىليون تال ماي قەلەم ئىشلىتىلگەن.

ئونىنچى، ئېقىتما تەرەت قاچىسى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت Ⅰ رىچموند ئوردىسىدىكى تازىلانمىغان تەرەت قاچىلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن تازا بىزار بولغان ئىدى. 1595-يىلى ئۇنىڭ ۋەزىرى جون خاررىڭتون بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇ ئىتالىيەدە ساياھەت قىلغان مەزگىلىدە بىر تۈرلۈك جەلپكار كەشىپىياتنى ئاڭلىغان بولۇپ، يەنى بىر خىل سۇ ئېقىتىپ تازلىنىدىغان ھاجەتخانا ئىدى. خارلىنگتوننىڭ ئېقىتما تەرەت قاچىسى ئاخىرى رىچموند ئوردىسىغا ئورنىتىلدى .

خارلىنگتون بۇ ئېقىتما تەرەت قاچىسى ئۈچۈن بىر كىتاب چىقىرىشقا بەك قىزىققان ئىدى. لېكىن تەرەت قاچىسى ھېچقانداق گەندىلەرنى چىقىرىۋېتىدىغان غول تۇرۇبا يولى يوق، تۇرۇبا سۈيى يوق، تۇرۇبا ئورنىتىش ھەققىنى تۆلەش ئىمكانىيىتى يوق كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ئەنئەنىۋىي ھاجەتخانا ئىشلىتەتتى، ھەممە ئىشلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى.

ئەنگلىيەلىك كەشپىياتچى جوسىف بۇرامى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تەرەت قاچىسىنىڭ لايىھەسىنى ياخشىلىدى. ئۇ سۇ ساندۇقى ئىچىدىكى سۇ ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىدىغان ئۈچ توپلۇق كىلاپان، سېسىق پۇراقنى ئىشلەتكۈچىگە پۇراتمايدىغان «U» شەكىللىك ئەگرى تۇرۇبا قاتارلىق بەزى دېتاللارنى ئىشلەتتى. ئۇ 1778-يىلى بۇ خىل تەرەت قاچىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى .

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياۋروپادىكى شەھەر-بازارلاردا سۇ تۇرۇبىسى ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرەت قاچىسىنى ئىشلىتەلىگەن ئىدى.

ھەتتا لوندوندەك چوڭ شەھەرلەرگىمۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئاندىن سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان ئىدى، بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشى تۇنجى قېتىم تەرەت قاچىسىنىڭ قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇ خاررىڭتوننىڭ كەشپىياتىدىن 300 نەچچە يىل كېيىنكى ئىش ئىدى.



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624