大数跨境
0
0

كالورىيەنى چۈشىنەمسىز

كالورىيەنى  چۈشىنەمسىز aymehri
2017-10-08
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭئۇ ناھىيىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيد


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

كالورىيەـــ  ئېنىرگىيە  بىرلىكى بولۇپ، ئېنىقلىمىسى: بىر گىرام  سۇنىڭ  ئاتموسفىرا بېسىمى  ئاستىدا  بىر سېلسىيە  گىرادۇس  ئۆرلىشى ئۈچۈن  كېرەك  بولغان ئىسسىقلىقتىن  ئىبارەت.  بىز  دائىم كالورىيەنى  يېمەكلىكلەر بىلەن  باغلىۋالىمىز، بۇ  ھەقتە  يەنە باشقا  نۇرغۇنلىغان  خاتا قاراشلارمۇ  مەۋجۇت.   مەسىلەن كالورىيەنى  سەمرىپ  كېتىشنىڭ ئاساسلىق  سەۋەپچىسى  دەپ ئويلايمىز. ئەمەلىيەتتە سەمرىپ  كېتىش  ئوزۇقلىنىش ئادىتى، بېسىم ، چارچاش، ھەركەت  كەمچىل  بولۇش قاتارلىقلار  بىلەن  بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك  بولۇپ،  پەقەت بەدەنگە  قوبۇللانغان  كالورىيەنىڭ ئاز  كۆپلىكىنى  ئۆلچەم قىلىپلا  بۇنى  ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.  بەدەننىڭ  سەمرىپ كېتىشى  سىزنىڭ  بەدىنىڭىزگە قوبۇل بولغان  ئومۇمىي  ئېنىرگىيەنىڭ ئاز –كۆپلىكى  تەرىپىدىنمۇ  بەلگىلىنىدۇ، ئەگەر  بەدىنىڭىزگە قوبۇل  بولغان  ئومۇمىي ئېنىرگىيە  سىز  سەرپ قىلغان  ئېنىرگىيەدىنمۇ  ئاز بولسا  سىز  سەمرىمەيلا قالماستىن  يەنە  ئورۇقلاپ كېتىسىز.  بەدەنگە  قوبۇل بولىدىغان  ئېنىرگىيە  بىلەن سىز  سەرپ  قىلىدىغان ئېنىرگىيە  ئوتتۇرسىدا  تەڭپۇڭلۇق ھاسىل  بولغاندىلا  ئاندىن بەدەن  ئېغىرلىقىڭىزنىڭ  بىر خىل  تۇرىشىغا  كاپالەتلىك قىلالايسىز،  تۆۋەندە  بىز ياقتۇرۇپ  يەيدىغان  بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ  ئىسسىقلىقى  ھەققىدە توختۇلۇپ  ئۆتەيلى:


ئاخىردا ئورۇقلاش  ئارزۇسى  بار دوستلار  ئۈچۈن  تۆۋەندىكى ئۈچ  تەكلىپنى  بېرىمىز:

بىرىنجى:  ئورۇقلاش پەقەت  تاماق  يېمەسلىك ياكى  تاماقنى  قىسىش بىلەن  قىلغىلى  بولىدىغان ئىش  ئەمەس.

ئىككىنجى: بەدەن  ئېغىرلىقىنىڭ  ئارتىپ كېتىشىنى  پەقەت  يېمەكلىكلەردىنلا  كۆرۈشكە بولمايدۇ.

ئۈچىنجى: سېمىزلىكتىن  خوشلىشىش ئۈچۈن ئوزۇقلۇق  تەڭپۇڭ  بولىشى، ئوزۇقلۇق  ئادىتى توغرا  بولىشى، مۇۋاپىق  ھەركەت بولىشى  كېرەك.



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624