大数跨境
0
0

بىر ئىشنى كۆپ ئويلاشمۇ كېسەللىك

بىر ئىشنى كۆپ ئويلاشمۇ كېسەللىك aymehri
2017-07-13
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزدىكى پىسخىك بېسىملارمۇ ئېشىپ كەتتى. پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ، ساغلام، توغرا كەيپىياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، سالامەتلىككە پايدىسىز بىر قىسىم ناتوغرا ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلاش، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماسلىقتەك كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىكنىڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر. 

كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان خوجايىننىڭ ئاچچىقلىنىشى ياكى دوستلار بىلەن تەگىشىپ قېلىشلارنى كاللىغا كىرگۈزۈۋېلىش، ھەتتا بىر قانچە كۈنگىچە شۇ ئىشنى ئۇنتۇيالماسلىق سەللا ئۇزاق داۋام قىلسا، ئۇنداقتا بۇ ناھايىتى تېزلا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئادەتكە ئايلانغان بۇنداق پاسسىپ كەيپىيات ئۇزاققىچە يوقالمىسا، كىشى ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان، ھاراققا بېرىلىدىغان، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قالايمىقانلىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ-دە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئادەمنى بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ.

بۇ يەردە مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىشنىڭ زىيىنى يوق: ئۇلار قوشكېزەك ئىدى، بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بۇ قوشماقلارنىڭ چوڭىغا دوختۇرلار «غەيرىي ھودكىن لىمفا ئۆسمىسى» دەپ دىياگنوز قويدى. ئۇنىڭ بەدىنى چوڭ-كىچىك ئۆسمىگە تولغانىدى، شۇڭا شۇ چاغقىچە بولۇپ باقمىغان كۆلەمدە خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغا توغرا كەلدى. بۇ چاغدا قوشماقلارنىڭ كىچىكى كۆز ئالدىدىكى بۇ رېئاللىقنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدى، ئاكىسىنىڭ شۇنچە ئېغىر داۋالاشقا دۇچ كەلگىنىگە چىداپ تۇرالمىدى، لېكىن قوشماقلارنىڭ چوڭى بۇ تەقدىرىدىن زادىلا ئاغرىنمىدى، ھەتتا زىيادە ۋايساپمۇ كەتمىدى. ئاكىسىنىڭ مەسىلىگە تۇتقان بۇ مۇئامىلىسىدىن كىچىكى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ساغلاملىقىنى ھېس قىلدى، بىراق ساق-سالامەت ياشاۋاتقان ئۇنىڭ كەيپىياتى بولسا بارغانسېرى ناچار ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللەنگەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، ئىككى مىنۇت بولسىمۇ كۆڭۈلنى، زېھىننى باشقا ئىشقا چاچقاندا، كەيپىياتتىكى تەشۋىشنىڭ تەكرارلىنىشىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، شۇڭا بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەپ قالغان، بىزار بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان چاغدا، ئادەم ئۆزىنى زورلاپ بولسىمۇ باشقا ئىشلارغا بەند قىلسا، زېھنىنى قەستەن باشقا ئىشلارغا چاچسا، بۇ ئىشنى ئاستا - ئاستا ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئۆزىدە بولغان ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھەتتا ئاخىرىدا ئاكتىپ، ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان، ئىشلارنى توغرا ئانالىز قىلالايدىغان ئادەمگە ئايلانغىلى بولىدۇ. 

تققۇز ھەپتە داۋاملاشقان خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن، قوشماقلارنىڭ چوڭى كومپيۇتېر ئۈزۈلمە قاتلام تەسۋىر كۆچۈرۈش تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، بۇ جەرياندا قوشماقلارنىڭ كىچىكى ئاكىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى، شۇڭا ئاكىسىنىڭ بەدىنىدىكى ئۆسمىلەرنىڭ يوقالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. قوشماقلارنىڭ چوڭى 3- قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلانغاندا، كىچىكى بۇرۇنقىدەك تەشۋىشلىنىپ كەتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ بۇ سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، سالامەتلىكىنىڭ تېزلا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندى.



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624