

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
مۇئەللىم دوسكىغا مۇنداق تۆت ھېسابنى يېزىپتۇ:
2+2=4
4+4=8
8+8=16
9+9=19
ئوقۇغۇچىلار بەس- بەس بىلەن دېيىشتى": مۇئەللىم، سىز بىر مىسالنى خاتا ھېساپلاپ قويدىڭىز!"
مۇئەللىم كەينىگە ئۆرۈلۈپ ، ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ دېدى:" توغرا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆردى، بۇ مىسال خاتا ھېساپلىنىپ قالدى، لېكىن ئالدىدىكى ئۈچ مىسالنى توغرا ھېساپلىسام نىمىشقا بىرەرسىڭلارمۇ، مۇئەللىم، بۇ ئۈچ مىسالنى توغرا ئىشلىدىڭىز، دەپ مېنى ماختىمايسىلەر؟ ئەكىسچە ھەممىڭلار مەن خاتا ھېساپلىغان شۇ بىر مىسالنىلا كۆرىسىلەر؟"
ئادەممۇ دەل مۇشۇنداق، سىز ئۇنىڭغا ئون قېتىم ياخشىلىق قىلسىڭىز بەلكىم ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن بىر قېتىم دېگەن يېرىدىن چىقالماي قالسىڭىز ئۇ چوقۇم شۇنى ئۆلگۈچە ئېسىدىن چىقارمايدۇ.
مانا بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى 0=1-100 قائىدىسى.
بەزىلەر ئېرىشىشنىلا بىلىدۇ، لېكىن مىننەتدارلىقنى بىلمەيدۇ،" ۋىجدان " دېگەن خەتنى ھەممە ئادەم تونىمايدۇ.
سىز ئون ئىشنى ياخشى قىلىپ، بىر ئىشنى ياخشى قىلماي قالسىڭىز سىز ياخشى قىلمىغان شۇ بىر ئىش سىز ياخشى قىلغان ئون ئىشنىڭ ھەممىنى نۆلگە تەڭ قىلىدۇ.
بەزى ئادەملەر بۇ دەرىسنى سىزگە ئۆزى بېرىدۇ، سىز پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىپ باشقىلار ئۈچۈن ئاسانلىق ئىزدەيسىز، لېكىن ئېرىشكىنىڭىز مىننەتدارلىق بولماستىن بەلكى ئورۇنسىز ئاغرىنىشلار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شام بولۇپ كۆيۈپ بەرسىڭىز، سىزنى لامپۇچكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ رەنجىيدۇ.
مەرت، سېخىي بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قىلغاننى بىلىدىغانلارغا. بولمىسا سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىز بىكارغا كېتىدۇ.
ئاقكۆڭۈل بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سىزنىڭ ھالىڭىزغا يېتىدىغانلارغا. بولمىسا سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
كەڭ قورساق بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ۋىجدانى بارلارغا. بولمىسا سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىز نۆل بىلەن تەڭ بولىدۇ.










