大数跨境
0
0

يەنە پۇل خەجلەپ كۆز مەلھىمى ئالامسىز

يەنە پۇل  خەجلەپ كۆز مەلھىمى ئالامسىز aymehri
2017-09-11
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ياشنىڭ  چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  تېرىنىڭ  سۈمۈرۈش ئىقتىدارى  تۆۋەنلەيدۇ، كۆز  خالتىسىمۇ پەيدا  بولۇشقا  باشلايدۇ.بۇنداق  بولغاندا  ئادەم قاراشقىلا  روھسىز  كۆرىنىدۇ، تۆۋەندىكى  ئۇسۇللارنى  ئۈگىنىۋالسىڭىز  كۆز خالتىڭىز  يوقاپ، چىرايلىق  كۆزلىرىڭىز ئەسلى  ھالىتىگە  قايتىدۇ.


كۆز  خالتىسىنى قانداق  يوقىتىمىز؟


  تۇخۇمدا  ئۇۋۇلاش 


تۇخۇمنى  پىشۇرغاندىن كېيىن  ئىسسىق  لۆڭگىگە ئوراپ   كۆزنىڭ  ئەتراپىدا ئاستا  دومىلىتىپ  بەرسە، كۆز ئەتراپى  قان  ئايلىنىشنى راۋنلاشتۇرۇپ، كۆز  خالتىسىنى  يوقىتىدۇ.


 تۇخۇمنىڭ  ئېقىنى  سۈرۈش 


خام  تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى  ئايرىۋەتكەندىن  كېيىن   ئېقىنى  كۆز  ئەتراپىغا تەكشى  سۈرۈپ، كۆزنى  يۇمۇپ 10 مىنۇت  تۇرغۇزغاندىن  كېيىن يۇيۋەتسە  بوشاشقان  ساڭگىلاپ قالغان  كۆز  خالتىسى چىڭىپ  ئەسلىگە  قايتىدۇ.


  چاي  شامىسىنى چاپلاش  


چاينىڭ  شامىسىنى تاشلىۋەتمەي  توڭلاتقۇغا  سېلىپ يېرىم سائەت  توڭلاتقاندىن  كېيىن، ئېلىپ بىۋاستە  كۆزگە  چاپلاپ 10  مىنۇت  تۇرغۇزغاندا ، كۆز  ئەتراپىدىكى ئىششىقنى  ئازايتىدۇ، كۆز  خالتىسىنى ھەل   قىلىدۇ.


ياكى  دەملەپ  بولغان  چاينى توڭلاتقۇغا  سېلىپ يېرىم  سائەت  توڭلاتقاندىن كېيىن  پاختىنى  چىلاپ بىۋاستە  كۆزگە چاپلاپ10مىنۇتتىن   كېيىن  ئېلىۋەتسە بولىدۇ.



چاي  تەركىبىدە مول  مىقداردا  ۋىتامىن  ۋە تاننىن  كىسلاتاسى  بولۇپ،كۆز ئەتراپىدىكى  ھۈجەيرىلەرنى  زىچلاشتۇرۇپ، زەھەر  قايتۇرۇش رولى  بار.شۇڭا  چاي شامىسىنى  تاشلىۋەتمەي  يىغىپ قويۇشنى  ئۇنۇتماڭ.


  تەرخەمەك  چاپلاش 


تەرخەمەكنىڭ  ھۆسىن تۈزەش  رولى  بار. ئۆيىڭىزدە  بىر نەچچە  تال  تەرخەمەكنى ئارتۇق  قويۇپ،  داۋاملىق ئېلىپ  كۆز  ئەتراپىڭىزغا چاپلاپ  بەرسىڭىز  كۆز خالتىسىنىڭ  تېخىمۇ  ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ  ئالدىنى  ئالالايسىز.


تەرخەمەكنى  پاكىز يۇيۇپ  نېپىز  توغراپ، يېتىپ تۇرۇپ  كۆزىڭىزگە  چاپلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىششىقنى  ياندۇرىدۇ.ئېسىڭىزدە  بولسۇن،  چوقۇم نېپىز  توغراڭ، مۇشۇنداق  بولغاندىلا ئاندىن  ئۈنىمى  تېخىمۇ ياخشى  بولىدۇ.


  بەرەڭگە  چاپلاش  


بەرەڭگىنى  ئاقلاپ نېپىز  توغرىغاندىن  كېيىن كۆز  خالتىسىنىڭ  ئۈستىگە بەش  مىنۇت  ئەتراپىدا چاپلىۋالسىڭىز  بولىدۇ. كۆز  خالتىلىق ئىششىقنى  قايتۇرىدۇ.




  قوشۇقتا  ئۇۋۇلاش  


مېتال   قوشۇقنى توڭلاتقۇدا  بەش  مىنۇت ئەتراپىدا  قويغاندىن   كېيىن ئېلىپ، قوشۇقنىڭ  دۈمبىسى  بىلەن كۆز  خالتىسىنىڭ  ئۈستىگە قويۇپ  تۇرۇپ، ئىچىدىن  تېشىغا قاراپ  30  سېكونت ئەتراپىدا  ئۇۋۇلاپ  بەرسىڭىز بولىدۇ.






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624