大数跨境
0
0

بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى بىر قېتىم يېسىڭىز ئون ياش قېرىيسىز

بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى بىر  قېتىم  يېسىڭىز ئون ياش قېرىيسىز aymehri
2017-11-11
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

باشقىلارغا  قارىغاندا ئون  ياش  ياش كۆرىنىمەن،  دېسىڭىز  تۆۋەندىكى قېرىشنى  تېزلەتكۈچى  يېمەكلىكلەرنى ئازراق يەڭ. 

تاتلىق  يېمەكلىكلەر: نۇرغۇن  قىزلار  ئاچچىق، تۇزلۇق  يېمەكلىكلەرنى  يېمەسلىككە چىدىيالايدۇ،  لېكىن  تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ  ئازدۇرىشىغا  چىدىيالمايدۇ. كۆڭلى  يېرىم بولغان  ۋاقىتتا   بىر پارچە  تورت  يەۋالسىلا  كۆڭلى دەرھال  ئېچىلىپ  قالىدۇ. لېكىن  يۈز  تېرەم مەڭگۈ  ياخشى  تۇرسۇن، قېرى  كۆرۈنمەي  دېسىڭىز ئەڭ  ياخشىسى  تاتلىق يېمەكلىكلەرنى   رەت قىلىشنى  ئۈگىنىۋېلىڭ.    تورت، شاكىلات  قاتارلىق  يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر  سېمىزلىكنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  ئەڭ  چوڭ قاتىلدۇر.  قورقۇنچلۇق  يېرى شۇكى،  ئۇ  بەدەن شەكلىڭىزنى  ئۆزگەرتىپلا  قالماستىن، يەنە  گېلىكوزىلياتسىيە  رېئاكسىيىسى پەيدا  قىلىپ،  تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ  قېرىشىنى  تېزلىتىدۇ، تېرىنىڭ  ئېلاستىكىلىقىنى  تۆۋەنلىتىدۇ. قارا  پىگمىنت،  ياشانغانلىق دېغى،  دانىخورەك،  چاقا قاتارلىق  تېرە  كېسەللىكلىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،  بولۇپمۇ  يۈزىگە دانىخورەك كۆپ  چىقىدىغان  قىزلار تاتلىق  يېمەكلىكلەردىن   پەرھىز تۇتىشى  كېرەك.

مايدا  پىشۇرۇلغان، قاقلاپ  پىشۇرۇلغان  يېمەكلىكلەر: مايدا  پىشۇرۇلغان،   زىخلىق يېمەكلىكلەرنى  يېيىشنى  ھەممە ئادەم  ياخشى  كۆرىدۇ. لېكىن  بۇنداق  يېمەكلىكلەرنى كۆپ  يېگەنسىرى سىز  بەدىنىڭىزدە ئۆزگىرىش  بولىۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلىسىز.  بەل  ئايلانمىڭىز باشقۇرىشىڭىزغا  بوي  سۇنماي يوغىناپ  كېتىدۇ،  قاندىكى ماي  مىقدارىڭىز  بارغانسىرى يۇقىرلايدۇ،  چېچىڭىز  شالاڭلىشىدۇ، بەدىنىڭىزدىكى  ھەممە  ئەزا سىزگە  سىگنال  بېرىشكە باشلايدۇ.

مايدا  پىشۇرۇلغان، يۇقىرى  ئېنىرگىيەلىك،  ماي مىقدارى  يۇقىرى  بولغان يېمەكلىكلەر  ئۈچەي،  ئاشقازان، قان  تومۇرلارنىڭ  بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ،  قان  بېسىمنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ.  ئەگەر  بەك  يىگۈڭىز  كەلسە  ئۆزىڭىز ئۆيدە  قىلىپ  يېسىڭىز بۇ  بىر  قەدەر ساغلام  بولىدۇ. 

تۇزلانغان  يېمەكلىكلەر: تۇزلانغان  گۆش،  تۇزلانغان كۆكتات  قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى ئادەمنىڭ  ئىشتىھاسىنى  ئاچىدىغان يېمەكلىكلەر.  لېكىن  بۇنداق يېمەكلىكلەرمۇ  ساغلاملىقنىڭ  قاتىلى بولۇپ،  ئاز  يېگەن ياخشى.

يۇقىرى  ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر:  ئاقسىل  ياخشى نەرسە،  قىزلارنىڭ  بەدىنى مەلۇم  مىقداردا  ئاقسىلغا موھتاج،  ئاقسىل  كەم بولسا  ئىچكى  ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىدۇ.  لېكىن  ئاقسىلنىڭ مىقدارى  بەك  كۆپ بولۇپ  كەتسىمۇ  ياخشى ئەمەس،  گۆش،  ھايۋانلارنىڭ ئىچكى  ئەزالىرى قاتارلىق  يېمەكلىكلەردە ئاقسىل  مىقدارى  نىسبەتەن كۆپ  بولۇپ،  زىيادە كۆپ  ئاقسىل  بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ  ئوكسىدلىنىشنى  ئىلگىرى سۈرىۋېتىدۇ،  شۇڭا  يۇقىرى ئاقسىللىق  يېمەكلىكلەر  قېرىشنى تېزلەتكۈچى  يېمەكلىك  ھېساپلىنىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624