大数跨境
0
0

ئۆزۈمنىڭ شورى دەيمۇ ياكى تارتقۇلۇقۇم دەيمۇ؟

ئۆزۈمنىڭ شورى دەيمۇ ياكى تارتقۇلۇقۇم دەيمۇ؟ aymehri
2017-07-14
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

 گۈلسۈم تولىمۇ چىرايلىق قىز.ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تۇرمۇشلۇق بولغان، يولدىشى ئەخلاقلىق، ھال-ئوقىتى جايىدا، ئائىلىسىمۇ تىنچ-خاتىرجەم ئۆتەتتى. كۈندىلىك تۇرمۇشتىن غەم يېمەيتتى، قىسقىسى توققۇزى تەل ئىدى.

بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئىشتىن ھېرىپ سۇلغۇن ھالەتتە ئۆيگە كىرگەن گۈلسۈم ئۆزىنى كىرىسلوغا تاشلىدى. يولدىشى ئۇنى كۆرۈپلا:

-كېلىپلا ھېچ ئىش قىلماي ياتامسەن؟ قورساق ئېچىپ كەتتى، تاماق ئەت! ئەتە ئەتىگەندە يىغىن بار، كاستىيۇملىرىمنى يۇيۇپ دەزماللاپ قوي! ماۋۇ كۆينىكىمنىمۇ يۇيۇۋەت!-دېگىنىچە كۆينىكىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى.

يېقىندىن بۇيانقى خىزمەت بېسىمىدىن ھاردۇق يەتكەن گۈلسۈمگە، يولدىشى ئۆزىگە ئازراقمۇ كۆيۈنمەيدىغاندەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغاندەك، ئۇنى ئۆي خىزمەتچىسى كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئاچچىقلانغىنىچە:

-مەن بۇ ئۆيدە چاكارمۇ؟ مەنمۇ چارچايمەن، كىيمىڭىزنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا ئېچىقىپ يۇغۇزۇڭ! تاماقنىمۇ سىرتتا يەپ كىرسىڭىز بولدىغۇ؟! سىرتنىڭ تامىقى تېتىمايدۇ دەپ ئادەمنى ئاۋارە قىلغۇچە؟!-دەپ غودۇڭشىغىنىچە يولدىشىنىڭ كۆينىكىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە سىرتقا ماڭدى.

نەگە بېرىش كېرەك؟ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە باراي دىېسە، ئانىسى چوقۇم ئېرىگە بولۇشۇپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۆيىگە ماڭدۇرۋېتىشى ئېنىق! دوسلىرىنىڭ ئۆيىگە باراي دېسە، سەل قورۇندى. شۇ خىياللار ئىسكەنجىسىدە نىشانسىز يولنى بويلاپ كېتىپ باراتتى. تۇيۇقسىز غايىپدىن پەيدا بولغاندەكلا بەختىيار ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچرىدى...

ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپ گۈلسۈم ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك گۈلسۈمنى گاڭگىرتىپ قويدى، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى، قانداق بولۇپ بۇ نىجىس ئۇنىڭغا چاپلاشتى؟! ئۇ 3 ئاي بۇرۇنقى ھېلىقى كۈننى يادىغا ئالدى.

نەچچە يىللار ئىلگىرى بەختىيار بىلەن گۈلسۈم مۇھەببەتلەشكەنىدى، بىراق ئۆيدىكىلەر بەختىيارنى «بېشى قايغان يەردە يۈرىدۇ يا بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتمىغان، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ قىينىلىپ قالىسەن» دەپ قارشى تۇرۇشى بىلەن توي قىلالمىغان. گۈلسۈم شۇ كۈنى يولدىشىدىن كۆڭلى رەنجىپ، ئۇنىڭغا ئۇچراپ تۆكۈلۈپلا كەتكەنىدى، دەردىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن تەسەللىي ئىزدىگەنىدى، بۇرۇنقى مۇھەببەتلىك ئەسلىمىلىرىنى ئەسلىشىپ ياتاقمۇ ئاچقانىدى...

گۈلسۈم ھازىرقى يولدىشىغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاجرىشىشىنى تاللىدى. ھېلىمۇ ئارىدا بالا يوق ئىدى. ئۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىپ، بەختىيار بىلەن توي قىلدى، ئەمما بەختىيار ئۇ كۈتكەن «بەختىيار»تۇرمۇشنى ئاتا قىلالمىدىيۇ «نىجىس» كېسەلنى ئاتا قىلدى. گۈلدەك رۇخسارى زەپرەڭ بولدى، باياشات تۇرمۇشى غورىگۈل بولدى، بۇرۇن ھېچنىمدىن غەم يېمەيدىغان توق كۆڭلى «نىجىس كېسەل قاچان جېنىمنى ئالار؟!» دېگەن ئەندىشە ئىچىدە تىت-تىتلىقتا ئۆتىدىغان بولدى. بەختىيار زەھەر چېكەتتى، كۈن-كۈنلەپ ئۆيگە قايىتمايتتى، نەلەردە يۈرىدىغانلىقى، نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى گۈلسۈمگە نامەلۇم ئىدى.

گۈلسۈم شۇ كۈنى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن يولدىشىغا خاپىلاپ چىقىپ كەتمىگەن بولسا، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ تىنچ ئۆيىنى تۇتقان بولسا بۇ پاجىئە يۈز بەرمەس بولغىيمىدى؟! بىر ئايال ئۈچۈن مۇقەددەس نىكاھىغا، ئۆز ھالال جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلىشتىنمۇ ئېغىر ئۇياتلىق ئىش بولامدۇ؟! ئۇ قىلغانلىرىغا قاتتىق ئۆكۈنەتتى، يىغلايتتى، ئاھ ئۇراتتى، نالە قىلاتتى...«بۇنى كىمدىن كۆرىمەن، كىمدىن ئاغرىنىمەن؟! نىمە دەي؟! ئۆزۈمنىڭ شورى دەيمۇ ياكى قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ تېگىشلىك جازاسى، تارتقۇلۇقۇم دەيمۇ؟!»

(ئاپتور: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىدىن مەرھابا مەڭنىك)



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624