

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئادەمدە سەمىمىيەت بولىشى كېرەك
ھەرقانچە نامرات بولسىڭىزمۇ پۇل قەرز ئېلىپ كەينىدىن يوقاپ كېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
ھەرقانچە قىيىنچىلىقتا قالسىڭىزمۇ ئاغزىڭىزدىن چىققان گەپكە ئىگە بولۇڭ.
ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، سىز چۈشەندۈرەلەيدىغان ئىش بولسىلا تېلفوننى ئالماي تۇرىۋالماڭ.
دۇرۇس ئادەم بولۇڭ، ئوچۇق –ئاشكارە ياشاڭ.
ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىدىن قۇرۇق قالماڭ، چۈنكى باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچى سەۋەپلىك ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنىڭ قىممىتى بولىدۇ.
نامراتلىقتىن قورققۇلۇق ئەمەس، قورقۇش توغرا كەلسە سەمىمىيەتسىزلىكتىن،مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن قورقۇش كېرەك.
ھەربىر قەدىمىڭىزنى سەمىمىيەت ئۈستىگە باسسىڭىزلا، كېيىن ھەممە نەرسىڭىز بار بولىدۇ، ھەممىنى باشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئادەم مىننەتدار بولۇشنى بىلىشى كېرەك
نامرات ۋاقتىڭىزدا سىزگە پۇل قەرز بېرىپ تۇرغان ئادەم؛
قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭىزدا كەينىڭىزدىن سىزنى قوللىغان ئادەم؛
بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە سىز بىلەن ئوتتىمۇ ، سۇدىمۇ بىرگە بولغان ئادەم؛
ئاغرىپ قالغاندا سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالغان ئادەم؛
سىزنىڭ ھېچنىمىڭىز يوق ۋاقىتتا سىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەن ئادەم؛
سىز ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ۋاقىتتا سىزگە يول كۆرسەتكەن ئادەم...
سىزگە ياردەم قىلغانلارنى بىر ئۆمۈر ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، سىزگە مېھىر بەرگەنلەرنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەڭ.
پەزىلەت - كىشىلىك ھاياتنىڭ كوزىرى
باشقىلارغا ھەقىقىي چىن كۆڭلىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىزلا سىز بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولىدىغانلار چىقىدۇ.
باشقىلارغا ساختا مۇئامىلە قىلسىڭىز ئارقىڭىزغىمۇ بىر توپ ساختىلار سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ.
ئېسىل پەزىلىتىڭىز ئەتراپىڭىزغا ئالتۇنغا سېتىۋالغۇسىز ئېسىل دوستلارنى يىغىدۇ.
ئىچى قوتۇرلۇق ئادەمنى تېگى يوق يالغۇزلۇق ھاڭىغا سۆرەيدۇ.
ئۆزىڭىز تۈز بولسىڭىزلا سايىڭىزنىڭ ئەگرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.










