

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىنسانلار ئومۇرتقىلىق ھايۋان سۈپىتى بىلەن نورمال بولغاندا 125 ياشقىچە ياشىيالايدىكەن. ھېسابلاش فورمۇلاسى بولسا: ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن 25 ياشتا تاماملىنىدىكەن، چوڭ مېڭە يېتىلىش ۋاقتىنىڭ بەش ھەسسىسى بولسا ئادەمنىڭ نورمال ئۆمرىگە تەڭ كېلىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا ئىنسانلار 125 ياشقىچە ياشىيالايدىكەن.
ئۇنداقتا بىز نېمىشقا ئۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايمىز ؟
«تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى نۆۋەتتە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان ئۆمۈر چېكىدىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن. نۆۋەتتە رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولسا Jeanne Calment ئىسىملىك فىرانسىيە ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقىتتىكى يېشى 122 ياش ئىكەن، مانا بۇ ئەڭ يۇقىرى چەك، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر 90 ياشقىچە ياشىيالمايدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق تەجرىبە سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ % 60 تى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە باغلىق ئىكەن، % 15 تى ئىرسىيەت ئامىلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن، ئىجتىمائىي ئامىل % 10 نى ئېگىلەيدىكەن، داۋالاش شارائىتى 8 % نى، كىلىمات ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى %7 نى ئېگىلەيدىكەن.
دېمەك، ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە بولغان ئەڭ چوڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئىكەن، تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىزنىڭ ئۆمۈرىمىزنى قىسقارتىۋاتىدۇ.بىرىنچى، يېمەك-ئىچمەك
نۇرغۇن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەككە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، يا بولمىسا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈك يۈكىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، يا بولمىسا تاماق تاللاپ پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مەلۇم بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىلا يەپ، ئوزۇقلۇق تەكشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، قاقلىما يېمەكلىك، ئاچچىق شورپا قاتارلىقلار.
ئىككىنچى، خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى تەرتىپلىك بولماسلىق
جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، تۇرمۇشنىڭ كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىز ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر ئەزەلدىن ۋاقتىدا دەم ئالمايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى بار بولۇپ، ۋاقتىدا ئارام ئالماسلىق سەۋەبلىك بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ، بەدەننىڭ دىنامىكىلىق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، ھەرىكەت مىقدارى ئاز
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى قولايلىق بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى، ھازىرقى خىزمەتلەر ئاساسەن ئىشخانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر پۈتۈن كۈن ئىشخانىدىن ئايرىلمايدۇ. ھازىرقى بۇ دەۋردە ياشاۋاتقان كىشىلەر دائىم ھەر تەرەپتىن كەلگەن بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، كىشىلەرنىڭ بىكار ۋاقتى بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ.
ئامال قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزارتىش بولسا ئالىملار ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقان قىيىن مەسىلە، گەرچە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ شىپالىق دورىسى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئالىملار ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلار كۆپ يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىقتى.
ئىنسانلار ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا تۆۋەندىكى تۆت ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .بىرىنچى، سۇنى كۆپ ئىچىش
ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى 2016-يىلى ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش ئوزۇقلۇق قىبلىنامىسى» دا كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغان كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى بولسا 1500-1700 مىللىلىتىر يەنى تەخمىنەن 7-8 ئىستاكان.
سۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھەر خىل ماددا ئالمىشىشىقا قاتنىشىدۇ، ھەربىر ھالقىدا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، سۇ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا پەيدا بولغان ھەر خىل توكسىننى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ.ئىككىنچى، ئىشقارلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش
پىياز ۋە پەمىدۇر قاتارلىق ئىشقارلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش كېرەك. كۆكتات تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان كاروتىن، لىكوپېن، لىكوپېرزىتسىن، سولانورۇبىن، كالتسىي، فوسفور، گىلۇتاتىئون، ئالما كىسلاتاسى، توماتىرىن، ۋىتامىن، ئاسكوربىك كىسلاتا، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇلار قېرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۇلار يەنە يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.
ئۈچىنچى، كۆپ ھەرىكەت قىلىش
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ يۈرىكىنىڭ قېرىشى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 10-15 يىل بالدۇر بولىدىكەن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. قانداق ھەرىكەت قىلىشنى تاللاشقا كەلسەك، يۈگۈرۈش ۋە ئارغامچا تاقلاش قاتارلىقلار بىر قەدەر مۇۋاپىق ئۇسۇل ئىكەن.
تېنى ئاجىز كىشىلەر تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت سەيلە قىلسىمۇ بولىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى كىلومېتىر مېڭىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ.تۆتىنچى، كۆپرەك كۈلۈمسىرەش
بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بېسىم ئالدىدا بىز بىمالال تەمكىن بولۇشىمىز، جىددىيلەشمەسلىكىمىز لازىم. مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقايلى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق يۈزلىنىشىمىز كېرەك، كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار، كۈلگۈنچەك ئادەم تەلەيلىك كېلىدۇ. ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلىغاندىلا ھەرقانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. كۈلكە ئەمەلىيەتتە ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭگۈشتەرى.
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ







