

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تېلفون ئويناۋاتقان قوللىرىڭىزنى توختىتىپ ، بارماقلىرىڭىزغا ئوبدان بىر قاراپ بېقىڭ ، ئوتتۇر بارمىقىڭىزدىن قالسىلا قايسى بارمىقىڭىز ئەڭ ئۇزۇنكەن ؟
ئەمەلىيەتتە ، شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىشتىنمۇ سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .بۇ خىل بارماقنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا قاراپ خاراكتىرنى بەلگىلەش ئۇسۇلى ئامرىكىدا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . توغرا - خاتالىقىغا ئاۋال بىر نەرسە دېمەي تۇرايلى ، زادى قانچىلىك دەرىجىدە توغرا ، قاراپ باقسىڭىزلا بىلىسىز .
ئوتتۇر بارمىقىڭىزدىن قالسىلا نامسىز بارمىقىڭىز ئەڭ ئۇزۇن بولسا : سىزنى نۇرغۇن ئادەملەر ياخشى كۆرىدۇ ، بۇ جەھەتتە كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىسىز . بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئەتراپىغا ئادەملەر توپلاشقان بولىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلەيدۇ . گەرچە بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ چىرايىغا بېقىپ بىر ئىش قىلىشنى بىلمىسىمۇ ،لېكىن يامان مەقسىتى يوق ، ھەتتا دەل مۇشۇ يېتەرسىزلىكىنى ئۆزىنى جۇلالاندۇرىدىغان ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى بار . مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچىرغاندا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىزدەپ مەسلىھەت سوراش بولىدىغان ئۇسۇل . بۇ خىل كىشىلەر ئىچىدە ،ئېنژىنىر ۋە تەتقىقاتچىلەرنىڭ چىقىش نىسبىتى يۇقىرى ، بەلكىم بۇ خىل كىشىلەر قېزىشقا ماھىر بولسا كېرەك .
ئوتتۇر بارمىقىڭىزدىن قالسىلا كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز ئەڭ ئۇزۇن بولسا : ئىشەنچلىك بولىدۇ .بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىشەنچى تولۇپ - تاشقان بولىدۇ ، زىممىسىگە ئالغان خىزمەتكە نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بار . كوللىكتىپ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قارىغاندا ، مۇستەقىل بىر ئىش قىلغاندا ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ .بۇ خىل كىشىلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشقا قويۇپ بەرسىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇ خىل كىشىلەرگە ئىش تاپىلىغاندا يۈزدە - يۈز خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ .پەقەت بۈگۈنىگە قانائەت قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ ،روھىي جەھەتتىكى مۇكەممەللىنى ئىزدەيدۇ ، توختىماي ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە.
نامسىز بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئۇزۇنلىقى ئوخشاش بولسا : ئۇرۇش - جېدەلنى خالىمايدىغان ،تىنچلىقپەرۋەر كېلىدۇ . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ماسلىشىچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى .باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ .تىنچ تۇرمۇشنى خالايدۇ ، ئۇرۇش - جېدەلنى خالىمايدۇ . ھەرقانداق ئادەم بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدۇ . لېكىن بۇ خىل ئادەملەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالدىمۇ بولدى ، ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس .بۇ تەرەپكە جەزمەن دىققەت قىلىش كېرەك . بۇ ئادەملەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىق كېرەك .
سىز قايسى تۈرگە تەۋەكەنسىز ؟ دوسلىرىڭىزغىمۇ يوللاپ بېرىڭ ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسۇن .






