大数跨境
0
0

ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى قانداق؟

ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى قانداق؟ aymehri
2017-10-07
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

مۇتەخەسسىسلەر 50 مىڭ ئادەم ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «بەدەن ئېغىرلىقى 84 كىلوگىراملىق بىر ئادەم ناشتىدا تويۇنۇپ، چۈشلۈك تاماقنى قۇۋۋەتلىك، كەچلىك تاماقنى ئادەتتىكىچە يېسە، يىلدا 2.6 كىلوگىرام ئورۇقلىيالايدىكەن، ئورۇقلاش ئۈچۈن زىيادە چېنىقىش ۋە تاماقنى ئازايتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بەزىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇل بىلەن بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى ساغلام سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە بىر كۈندە ئەڭ ئاخىرىدا تاماق يېگەن ۋاقىت بىلەن ناشتا قىلغان ۋاقىت ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭمۇ بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم ناشتا بىلەن چۈشلۈك تاماقنى يەپ، كەچلىك تاماقنى يېمەسلىكى، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، ناشتىنى بىر كۈندىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاق تاماققا ئايلاندۇرۇشى، كۈنلۈك تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش ۋاقتىنى 18 سائەتتە كونترول قىلىشى لازىم. ئادەم ناشتىدا تاماقنى كۆپ يېسە قۇرساق ئېچىش تۇيغۇسىنى، بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىك ۋە ياغقا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624