

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر بوۋاي بانكا كارتىسىنى ئېلىپ بانكىنىڭ كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىگە كەلدى. ئۇ كارتىسىدىن 1000 يۈەن پۇل ئالماقچى ئىدى.
كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم: بوۋا، 3000 يۈەندىن تۆۋەن سوممىدىكى پۇلنى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئالىسىز.
بوۋاي: مەن ئۇ ماشىناڭلارنى ئىشلىتىشنى بىلمىسەم.
كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم: 3000 يۈەندىن تۆۋەن سوممىلىق پۇلنى كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىدىن ئالغىلى بولمايدۇ.
بوۋاي بىر مۇنچە چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم گەپ چىشلەيدىغاندەك قىلمايتتى.
بوۋاي: ئۇنداق بولسا 5000 يۈەن ئالىمەن.
كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم: بۇرۇن دېمەمسىز، مانا 5000 يۈەن.
بوۋاي: 4000 يۈەننى يەنە كارتامغا سالىمەن.
كەسىپ بېجىرگۈچى خادىم: ...






