

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تىببى تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەم بەدىنىدىكى %90 كېسەللىكنىڭ ھەممىسى ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، چوڭ تەرەت بىر كۈن ماڭمىسا ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئۈچ قاپ تاماكا چەككەنلىك بىلەن باراۋەر بولىدىكەن.
ئۈچەينىڭ قېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىسى قەۋزىيەت، چۈنكى ئادەم بەدىنى زاۋۇتقا ئوخشايدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى گەندە ئۈچەي يولىنى توسىۋالغاندا، زاۋۇت نورمال مەشخۇلات قىلالمايدۇ، ئەگەر توكسىن ، ئەخلەتلەر ۋاقتىدا سىرتىغا چىقىرۋېتىلمىسە ئۈچەيدە قايتا سۈمۈرلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە قارىدايدۇ، مودۇر ئۆرلەيدۇ، ئېغىز پۇرايدۇ.
قەۋزىيەت ئاياللار بەدىنىدىكى توكسىننى كۆپەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، ئىچكى ئاجراتما تەرتىپسىزلىشىدۇ، مىكرو ئېلمىنتلار تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ،نەتىجىدە تېرە قارىدايدۇ، قىچىشىدۇ، يۈز تېرىسى سەتلىشىشدۇ، چاچ قۇرغاقلىشىدۇ،سېرىق داغ چۈشىدۇ، دانىخورەك ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېنىك دەرىجىدە قان بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن : ئىستىھاسى تۇتۇلۇش، روھى چۈشكۈنلىشىش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش دېگەندەكلەر.ئەگەر بەك ئۇزاققا سۈرۈلۈپ كەتسە، كەم قانلىق، يېتىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. دائىم كۈچەپ تەرەت قىلىۋەرگەندە گېمروي بۇلۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ، قەۋزىيەت سۈت بېزى توقۇلمىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %5، ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەرەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %25 بولىدۇ.
قېرىش ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ھاياتلىق جەريانى،ئەمما ئۇنى قانداق قىلىپ كەينىگە سۈرۈش سىزنىڭ مۇشۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش- قىلماسلىقىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا قەۋزىيەتكەسەل قارىماڭ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىڭ.






