大数跨境
0
0

قورقۇنچلىق ئالتۇن

قورقۇنچلىق  ئالتۇن aymehri
2017-10-05
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىر راھىب  ئالاقىزادە  بولغان ھالدا  ئورمانلىقتىن  يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ  ۋە  ئورمانلىقتا سەيلە  قىلىۋاتقان  ئىككى دوستىغا  ئۇچراپ  قاپتۇ. ئۇلار  راھىبنىڭ  نىمىشقا مۇنچە  ئالاقىزادە  بولۇپ  كەتكەنلىكىنى  سوراپتۇ.

راھىب دەپتۇ :"  بەك  قورقۇنچلۇق ئىش  بولدى، مەن  ئورمانلىقتىن بىر  دۆۋە  ئالتۇن قېزىۋالدىم."

ئىككى دوستى  دەپتۇ:"  توۋا، دۇنيادا  سەندەكمۇ  ھاماقەت ئادەم  بولىدىكەن، ئالتۇن  قېزىۋېلىش دېگەن  بىر  ياخشى ئىش  تۇرسا، ئۇنى  قورقۇنچلۇق دېگىنىڭ   نېمىسى؟  غەلىتە ئادەم-دە  سەن،  ئالتۇن قەيەردىكەن، بىزگە  دەپ  بەرگىنە ."

راھىب دەپتۇ :"  بۇنداق  قورقۇنچلۇق نەرسىدىن  سىلەر  قورقمامسىلەر، ئۇ  ئادەم يەيدۇ."

ئۇ ئىككىسى  دەپتۇ:"  بىز قورقمايمىز، سەن  بىزگە  ئالتۇنلارنىڭ قەيەردىلىكىنى  دەپ  بەرسەڭلا بولدى."

راھىب دەپتۇ :"  ئالتۇنلار  ئورمانلىقنىڭ ئەڭ  شەرقىدىكى  چوڭ دەرەخنىڭ  تۈۋىدە."

ئىككىسى ھاپىلا –شاپىلا  راھىبنىڭ  دېگەن يېرىگە  بېرىپتۇ،  راست دېگەندەك  دەرەخنىڭ  تۈۋىدە  بىر  دۆۋە  ئالتۇن بار  ئىكەن.ئالتۇنلارنى  كۆرۈپ ئۇلار  قىن –قىنىغا  پاتماي قاپتۇ،  بىرى  يەنە بىرىغا  دەپتۇ  :" نىمېدىگەن  ئەخمەق  راھىب ئۇ، ھەممە  ئادەم  ئېرىشسەم دەيدىغان  ئالتۇن  ئۇنىڭ نەزىرىدە  ئادەم  يەيدىغان نەرسىكەن." يەنە  بىرى بېشىنى  لىڭشىتىپ  ئۇنىڭ سۆزىنى  تەستىقلاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن  ئۇلار  بۇ ئالتۇنلارنى  قانداق  ئېلىپ كېتىشنىڭ  پىلانىغا  چۈشۈپتۇ.بىرى دەپتۇ:"  ئەگەر  كۈندۈزى توشۇساق  بىخەتەر  بولمايدۇ، شۇڭا  كەچتە توشۇيلى،  مەن  بۇ يەردە  ئالتۇنلارغا  قاراپ تۇراي،  سەن  بېرىپ تاماق  ئېلىپ  كەل، بىز  تاماق  يەۋېلىپ، قاراڭغۇ  چۈشكەندە ئاندىن  توشۇشنى باشلايلى."

يەنە بىرى  ئۇنىڭ  دېگىنى بويىچە  تاماق  ئەكەلگىلى كېتىپتۇ. قېلىپ  قالغان  ھېلىقى ئادەم  كۆڭلىدە  ئويلاپتۇ:" ئەگەر  بۇ ئالتۇنلارنىڭ  ھەممىسى  مېنىڭ بولغان  بولسا  بەك ياخشى  بولاتتى، ئۇ  كېلىشىگە مەن  ئۇنىڭ  كاللىسىنى يېرىپ  ئۆلتۈرۋېتەي، مۇشۇنداق  قىلسام بۇ  ئالتۇنلارنىڭ  ھەممىسى مېنىڭ  بولىدۇ."

تاماق ئەكەلگىلى   كەتكەن  ھېلىقى ئادەم  كۆڭلىدە  ئويلاپتۇ:" مەن  قايتىپ بېرىپ  ئاۋال   ئۆزۈمنىڭ قورسىقىنى  توقلىۋېلىپ، ئاندىن  ئۇنىڭ تامىقىغا  زەھەر  سېلىۋېتەي، ئۇ  ئۆلسە  ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسى  مېنىڭ  بولىدۇ."

ئۇ تاماقنى  ئېلىپ  ئالتۇننىڭ يېنىغا  كېلىشىگە  يەنە بىرى  كەينىدىن  كېلىپ ئۇنىڭ  بېشىغا  تاش بىلەن  بىرنى  قويۇپتۇ، ئۇ  شۇ  جايىدىلا جان  بېرىپتۇ.  يەنە بىر  ئادەم :"  كەچۈر دوستۇم ، ئالتۇن  مېنى  شۇنداق قىلىشقا  مەجبۇر  قىلدى." دەپتۇ –دە، ئۇ  ئەكەلگەن  تاماقتىن يەپ  قورسىقىنى  تويغۇزىۋېلىپ ئاندىن  ئالتۇنلارنى توشىماقچى  بولۇپ، تاماقتىن  قورسىقى تويغۇچە   يەپتۇ.  بىر ئازدىن  كېيىن  ئۇنىڭ قورسىقى  قىزىپ  ئىچىدە ئوت  كۆيىۋاتقاندەك  بوپتۇ،  شۇ چاغدىلا  ئۆزىنىڭ  زەھەرلەنگەنلىكىنى  بىلىپتۇ. ئۆلىدىغان  ۋاقىتتىلا ئۇ ئاندىن  راھىبنىڭ  دېگەن سۆزىنىڭ  تېگىگە  يېتىپتۇ.

قۇش دان ئۈچۈن  ئۆلىدۇ،  ئادەم پۇل  ئۈچۈن. ئاچكۆزلۈك  ئادەمنى ھەممە  نەرسىسىدىن  ئايرىغۇچى ئەشەددىي  قاتىلدۇر. 





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624