

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تاشپاقا يەر يۈزىدە توشقاننىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەن بىلەن، سۇدا مەڭگۈ توشقاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئورنىڭىزنى خاتا تاللىۋالماڭ.
قاغا بۈركۈتنى دوراپ قوي ئوۋلىماقچى بوپتۇ، لېكىن قوينىڭ يۇڭىغا پۇتى ئىلىنىپ قېلىپ، پادىچى تەرىپىدىن تىرىك پېتى ئۇرۇپ ئۆلتۈرلۈپتۇ.
ھەممە قۇشنىڭ ئىسمى بۈركۈت ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى
ھەقىقىي تونىغاندىلا ئاندىن بۇ دۇنيادا خەۋپ-خەتەرسىز ياشىيالايسىز.
بىر كۈنى چۈمۈلە پىل بىلەن كۈچ سىناشماقچى بوپتۇ، چۈمۈلە ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېغىر پىلنى كۆتۈرۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆرەڭلەپتۇ، بۇ چاغدا پىل بەدىنىدىكى لايلارنى قاققان ئىكەن، چۈمۈلە لاينىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپتۇ.
رىقابەتچىڭىزنى خاتا تاللىۋالماڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز.
ئات قۇملۇقتا تۆگە بىلەن ئۇچىرشىپ قاپتۇ، ھەمدە تۆگىنىڭ لوكىسىنى مازاق قىپتۇ،" ھەي بۇرادەر، قارا لوكۇڭ ئەجەپمۇ سەتكەن"، تۆگە ئاتنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، كېيىن تۆگە قۇملۇقتىن ساق - سالامەت چىقىۋاپتۇ، ئات چىقالماپتۇ. ئاتنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپ تۆگە كۈلۈپتۇ.
باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى مازاق قىلماڭ. بەلكىم بىر كۈنلەردە سىزنىمۇ مازاق قىلىدىغان ئادەم چىقىشى مۇمكىن.
بىر توشقان بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھورۇنكەن، داۋاملىق ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەيدىكەن، مۇشۇ سەۋەپلىك توشقان ئوۋچىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ.
ئۇۋىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتنى يېيىشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلاپ بېقىڭ. يەپ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭىز يەڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى ئاياڭ.
ئورمانلىقتا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ، توز بىرىنجى بولۇپ تىزىملىتىپتۇ، ئۇ كۆڭلىدە، مەن شەرتسىز بىرىنجى بولىمەن، دەپ ئويلايدىكەن. نەتىجىدە ئۇ بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا شاللىنىپ قاپتۇ، توز بۇنىڭدىن ناھايتى خاپا بولۇپتۇ، ھەم باھالىغۇچى ئۆچكىنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن دېيىشمەكچى بولۇپتۇ. ئۆچكە توزغا دەپتۇ:" گەرچە سەن قانىتىىڭنى يايغاندا ئىنتايى گۈزەل بولساڭمۇ، لېكىن كۆتۈڭ كۆرىنىپ قالدى." توز ئوڭايسىزلانغىنىچە كەينىگە يېنىپتۇ...
ئەينەككە قارىغاندا ئالدىڭىزغىلا قارىماي، كەينىڭىزگىمۇ قاراپ قويۇڭ.
ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تاغىل ئات دەريا بويىغا سۇ ئىچكىلى بېرىپتۇ، ئۇ بېگىموتنىڭ دەريادا بەخىرامان سۇ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ، ئۇ ئوينىسا بولىدىكەن، مەن ئوينىسام بولمامدىكەن، دەپتۇ-دە، ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپتۇ، لېكىن دەرياغا چۈشىشى بىلەنلا چىشىنى بىلەپ تۇرغان تىمساق ئۇنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
ئىقتىدارىڭىز بولمىسا ئۇدۇل كەلگەن ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ باقماڭ، چۈنكى قىلدىن كەتسىڭىز قېرىقتىن كېتىسىز.
بىر ئۆردەك ياۋا غازنىڭ كۆكتە ئەركىن -ئازادە ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ پەرقىم يوق، مەنمۇ چوقۇم ئۇچالايمەن، دەپ ئويلاپتۇ-دە، تىك قىياغا چىقىپ، پەسكە قاراپ ئۆزىنى ئېتىپتۇ، نەتىجىدە نەچچىنى موللاق ئاتماستىنلا قورام تاشلارغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپتۇ.
تەييارلىقىڭىز يېتەرلىك بولمىسا ئۆزىڭىزگە ناتونۇش بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنماڭ.
شىر يولۋاسنى بىللە ئوۋ ئوۋلاشقا تەكلىپ قىپتۇ، ھەمدە ئوۋلىغان ئوۋنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ماقۇل بولۇپتۇ، يولۋاس سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بېرىشقا ماقۇل بولۇپتۇ. تاغ باغرىغا بارغاندا، شىر تاغ باغرىدىكى بىردىن-بىر چىقىش ئېغىزىنى توسىۋېلىپ يولۋاسنى يەۋىتىپتۇ.
كۈچلۈك رىقابەتچىڭىز بىلەن ھەمكارلاشقاندا چىقىش يولىڭىزنى ياخشى ئويلىشىڭ.
بىر تاشپاقا دەريا ساھىلىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرغان ئىكەن، بۇ ۋاقىتتا بىر بۈركۈت كەپتۇ، تاشپاقا مېنىڭ قېپىم قاتتىق، بۈركۈت مېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ-دە، ئېرەنشىمەپتۇ. نەتىجىدە بۈركۈت تاشپاقىنى تىرناقلىرى بىلەن قاماللاپلا، كۆك قەرىگە كۆتۈرلۈپتۇ. بىر قورام تاشنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە بۈركۈت تاشپاقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تاشنىڭ ئۈستىگە تاشلاپتۇ، نەتىجىدە تاشپاقىنىڭ ئۆپكە-ئۈچەيلىرىدىن تارتىپ سۇغۇرلۇپ چىقىپتۇ.
ئۆزىڭىزگە زىيادە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، سىزنى يىغىشتۇرالايدىغان ئادەمنىڭ ئاماللىرى سىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ.
























