大数跨境
0
0

ئاستاخاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىكى قاتىللار،كۈندە قىلىسىز

ئاستاخاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىكى قاتىللار،كۈندە قىلىسىز aymehri
2017-09-16
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىرىنجى قاتىل: 12دىن كېيىن ئۇخلاش

ئۇزۇن  مۇددەت ئۇيقۇ  كەمچىل  بولۇش ئادەمنىڭ  ئىممۇنىت  كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەرخىل ئاستا خاراكتىرلىك  كېسەللىكلەرنىڭ  يۈز بېرىشىگە  سەۋەپ  بولىدۇ، يۇقىرى  قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت قاتارلىق  كېسەللەرنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە  ھۈجەيرىلەرنىڭ  تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىپ  راكقا ئۆزگىرىش  نىسبىتىنى  يۇقىرلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن  باشقا كېچىسى  ئۇخلىماسلىق  سەۋەبىدىن ئاشقازان  ۋە  ئۈچەيلەر يېتەرلىك  ئارام  ئالالمايدۇ. سانلىق  مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە  6.5  سائەتتىن ئاز  ئۇخلىغانلار  ئارىسىدا ئۆلۈش  نىسبىتى يۇقىرلىغان  بولۇپ، كېچىسى  ئۇخلىماسلىق ئاستا  خاراكتىرلىك  ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا  تەڭ   ئىكەن.


ئىككىنجى قاتىل:ناشتا قىلماسلىق


ناشتاقىلمىغاندا  ئېنىرگىيە  يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن  چوڭ  مېڭە چارچايدۇ، دىققەتنى  مەركەزلەشتۈرۈش  تەسكە توختايدۇ. ئۇزۇن  ۋاقىت  ئاچلىق سەۋەبىدىن  ئاشقازان  كېسلاتاسى يۇقىرلاپ  كېتىدۇ، ئاسانلا  ئاشقازان  ياللۇغىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ. ئۆتكە  تاش چۈشىدۇ، دىئابىت، يۈرەك كېسىلى  قاتارلىق  كېسەللىكلەر كېلىپ  چىقىدۇ، ئاسان  سەمرىپ كېتىدۇ. بىر  تۈرلۈك  تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە،  ناشتا  قىلىپ ئادەتلەنمىگەن  كىشىلەرنىڭ  ئۆمرى تەخمىنەن  2.5  ياش قىسقىرايدىكەن.


ئۈچىنجى قاتىل:ھاراقنى كۆپ ئىچىش


ئىسپىرتنىڭ  جىگەرگە بولغان  زىيىنى  ناھايتى زور. ئىسپىرتلىق  جىگەرنى  ماي قاپلاپ   كېتىشتىن  ئىسپىرتلىق جىگەر  ياللۇغىغىچە، ئىسپىرتلىق  جىگەر قېتىشىشقىچە ئاندىن   راكقا  ئۆزگىرىشكىچە بولغان  جەريانغا   پەقەت  تۆتلا قەدەم- باسقۇچ  كېتىدۇ. شۇنداق  دېيىشكە بولىدۇكى، ھاراقنى  ھەددىدىنزىيادە  كۆپ  ئىچىدىغانلار، ھەر  بىر رومكا  ھاراقنى  ئىچكەندە جىگەر  راكىغا  بىر قەدەم  يېقىنلىشىدۇ.


تۆتىنجى قاتىل:تاماكا تاشلىماسلىق


تاماكا  تەركىبىدە نەچچە  يۈز  خىل  خىمىيىلىك   ماددا  بار بولۇپ، بۇنىڭ  ئىچىدە  60 خىلىدىن  كۆپرەكى  راك بىلەن   مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى  كىشىلەرنىڭ ئۆپكە  راكىغا  گىرىپتار بولۇش  ئېھتىماللىقىنى  1 دەپ  قارىساق، كۆپ  مىقداردا تاماكا  چېكىدىغان  كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش  نىسبىتى  تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن  17  ھەسسە يۇقىرى  بولىدۇ. 


بەشىنجى قاتىل:ئۇزاق ئولتۇرۇش

بۇنىڭدا  ئادەم بەدىنىڭ  يۈرەكنىڭ  خىزمەت مىقدارىغا  بولغان  تەلىپى شۇنىڭغا  ئەگىشىپ  تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، قان  ئايلىنىش  ئاستىلايدۇ، ئۇزۇن  مۇددەت داۋاملاشسا  يۈرەك  ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، يۇرەك  مۇسكۇل  تىقىلمىسى، ئارتىرىيە  قېتىشىش، يۇقىرى  قان بېسىم،  تاجىسىمان  يۈرەك كېسىلى  قاتارلىق  يۈرەك  قان تومۇر  كېسەللىكلىرى  يۈز بېرىدۇ. سانلىق  مەلۇماتلارغا  ئاساسلانغاندا ئولتۇرۇپ  خىزمەت  قىلىدىغانلارنىڭ  تاجىسىمان يۈرەك  كېسىلى  بولۇش ئېھتىماللىقى  %12  ئىكەن، جىسمانىي  ئەمگەك قىلىدىغانلارنىڭ  بولسا  %3 ئىكەن. 


ئالتىنجى قاتىل: سەمرىپ كېتىش


ئامرىكا"يېڭى  ئىنگىلاد  ژۇرنىلى" غا  بېسىلغان  بىر  تۈرلۈك  دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بەدىنى  زىيادە  سەمرىپ كەتكەن  كىشىلەر 13  تۈرلۈك راكقا  ئاسان  گىرىپتار بولىدىكەن،  بۇنىڭ  ئىچىدە ئاشقازان  راكى، جىگەر  راكى، بالىياتقۇ  راكى قاتارلىقلار  بولۇپ، ئەزەلدىن  ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى  بىلەن  ھېساپلاشمىغان كشىلەرنىڭ تېنى  ئاجىز، ئۆمرى  قىسقا بولىدىكەن.


يەتتىنجى قاتىل:يىمەكلىك تالىماسلىق

راك  كېسىلىگە گېرىپتار  بولۇپ. دۇنيادىن  ئايرىلغان بىر  ئايال  دوكتۇرنىڭ دادىسى  ئاشپەز  بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى  بارلىق  ياخشى يېمەكلىكلەرنىڭ  ھەممىسىنى  دېگۈدەك يەپ  باققان  ئىكەن. ئۆلۈپ كېتىش  ئالدىدا  ئۇ مۇنداق دېگەن  ئىكەن:"  بىز ئەقىللىق  ئەجدادلىرىمىزغا  ئىشىنىشىمىز كېرەك، ئۇلار  ھايات  كەچۈرۈش جەريانىدا  قىممەتلىك  تەجىربىلەرنى توپلاپ، ئەڭ  ئاخىردا  بىز ھازىر  يەۋاتقان  يىمەك-ئىچمەكلەرنى  يېسەك بولىدىكەن،  دەپ  ئېتىراپ قىلغان. "  شۇڭا  سىز  بەك  قىممەتلىك،  بەك پايدا قىلىدۇ  دەپ  قارىغان بەزى  ھايۋانلارنىڭ  گۆشىنى يەنىلا  يېمىگىنىڭىز  ياخشى.



سەككىزىنجى قاتىل: غەمكىن يۈرۈش


بىر  تۈرلۈك تەتقىقات  نەتىجىسىگە  ئاساسلانغاندا،يالغۇزلۇق  سەۋەبىدىن ئۆلۈپ    كېتىدىغان  كىشىلەرنىڭ نىسبىتى  سېمىزلىك  سەۋەبىدىن ئۆلۈپ  كېتىدىغان  كىشىلەرنىڭ نىسبىتىدىنمۇ  كۆپ  ئىكەن. يالغۇزلۇق  ۋە غەمكىنلىكنىڭ  سايىسى  ئاستىدا، ئادەم  ئىتتىكلا قېرىپ  كېتىدىكەن. ھەمىشە  يالغۇز، غەمكىن  يۈرۈشنىڭ سىزدىن  تارتىۋالىدىغىنى  سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزلا  ئەمەس  بەلكى يەنە  سىزنىڭ  ئۆمرىڭىزدۇر.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624