

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تۇرمۇشنىڭ پۇتىمىزغا سالغان كىشەنلىرى سەۋەپلىك ، ھەممىمىز گويا بىر ماشىنىغا ئوخشاپ قالغان بۇ دەۋردە ، بىمالال ھالدا كۆڭۈل ئاراملىقىدىن ، ئەركىن –ئازادىلىكتىن سۆز ئېچىش تولىمۇ مۇمكىنسىز بىر ئىشقا ئايلاندى . بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقچى بولغىنىمىزدا ، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەسلىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقىدۇق ،مۇشۇ ئالدىراشچىلىقىمىز ،ئاتالمىش مەسئۇلىيەتلىرىمىز سەۋەپلىك بىزگە چىن دىلىدىن مۇئامىلە قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنى يوقاتقان ئىدۇق .
قىسقا كارتون فىلىم «ئوخشىشىش » تا ،بىر دادىنىڭ بالىسىغا «كۈلرەڭ جەمئىيەت» نىڭ ياشاش قانۇنىيىتىنى ئۈگەتمەكچى بولغىنىدەك مەزمۇن سۆزلەنگەن . بىر ئېغىزمۇ سەھنە سۆزى يوق بۇ فىلىم ،64 تۈرلۈك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ،117 تۈرلۈك چوڭ مۇكاپات تۈرلىرىدە ئىسمى ئاتالغان . تورغا تارقالغاندىن كېيىن ئون مىليون ئىككى يۈزمىڭ قېتىم كۆرۈلگەن . ئاتا -ئانىلارنىڭ دوسلۇق چەمبىركىنى پۈتۈنلەي قاپلىغاندىن سىرت ، يەنە كىشىلەرنىڭ مائارىپقا ، تۈزۈمگە ، بالىلارنىڭ خاراكتىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە بولغان قىزغىن بەس - مۇنازىرلىرىنى قوزغىغان .
«ئوخشىشىش»
بۈگۈنكىدەك ھەممە بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالغان شەھەر تۇرمۇشىدا ، ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنى يوقاتماي قەتئىي تىرىشىشلا كىشىنى ئارزۇ – مەقسەتلىرىگە يەتكۈزىدۇ .بالىلىرىڭىزغا ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىش ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىك توغۇرسىدا تەربىيە بېرىڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن : بالىلىرىڭىز «ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويمىسۇن » خۇشال -خۇرام تاقلاپ يۈرۈش ئۇلارغا يارىشىدۇ !!!






