大数跨境
0
0

مىكرو ھېكايە : ئىشەنچ

مىكرو ھېكايە : ئىشەنچ aymehri
2017-09-20
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئۇ ئوغۇرلۇق  قىلىش  جىنايىتى بىلەن  ئىككى  يىل تۈرمىدە  ياتتى. تۈرمىدىن  چىققاندىن كېيىن  ئۇ  داۋاملىق ئوڭايسىزلىق  ھېس  قىلاتتى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ  ئۇنىڭغا قارىغان  چاغدىكى  چىراي ئىپادىسى  بەكمۇ  غەلىتە بولۇپ، ئۇنى  ئازاپلايتتى.

بىر  قېتىم مەھەللىدە  بىرەيلەننىڭ  ئۆيىدىن 2000  يۈەن  يۈتۈپ كېتىپ ، پۇلنىڭ  ئىگىسى  دېلو مەلۇم  قىلغاندىن  كېيىن ، ساقچى  ئالدى – كەينىگە  قارىماستىن ئۇنى  ئىزدەپ  كەلدى- دە، تەكشۈرىشىمىزگە  ماسلاشمىساڭ بولمايدۇ، دەپ  ئۇنى  نەچچە كۈن  تۇتۇپ   تۇردى. نەتىجىدە  ئوغۇرلۇق قىلغان  باشقا  ئادەم بولۇپ  چىقتى.

كوچا  ئاپتۇبۇسىدا ئۇ  بىر  ئوغرىنىڭ بىر  ھامىلدار  ئايالنىڭ سومكىسىدىن  نەرسە  ئوغۇرلاۋاتقانلىقىنى  كۆرۈپ ، توسماقچى  بولدى-دە، ئەمدى  بېرىپ ھېلىقى  ئوغرىغا  قول ئۇزىتىشىغا  ئوغرى  بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭ  قولىنى  كاپپىدە تۇتىۋالدى  ۋە  ۋارقىراشقا باشلىدى، "ئوغرىنى  تۇتۇڭلار،نومۇسسىزلىقىنى قاراڭلار،  ھەتتا  ھامىلدار ئايالنىمۇ  بوش  قويماپتۇ..." ئۇنىڭ  كاللىسى قۇپقۇرۇق  بولۇپ  قالدى، ئۇ ھەرقانچە  قىلسىمۇ  ئۆزىنى ئاقلاپ  بولالمايدىغانلىقىنى  بىلەتتى.

كۆپچىلىك  تەرەپ-تەرەپتىن  ئۇنى ئەيىبلەشكە  باشلىدى،"يەنە  كونا  ھۈنىرىنى تېپىۋاپتۇ-دە، ئىت  دېگەن  زادى پوق  يەيدىغان  ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ..."  دېگەندەك  گەپلەر ئۇنى  ئارىغا  ئېلىۋالدى. ئۇ ئامالسىز  بېكەتكە  كەلمەي تۇرۇپلا  ماشىنىدىن  چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ  بەكلا  ئاچچىقى كەلگەن  ئىدى، ئۇ  كۆپچىلىكنىڭ زادى  نىمىشقا  ئۆزىگە مۇنچىۋالا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى  چۈشەنمەي  قالغان ئىدى. ئۇ  بەكمۇ  ئۈمىدسىزلەندى...

يولدا  كېتىۋېتىپ ئۇ  بىر  دېھقاننىڭ پۇل ئېلىش  ماشىنىسىدىن  پۇل ئېلىۋاتقانلىقىنى  كۆردى-دە،پۈتۈن  غەزەپ – نەپرىتىنى  مۇشۇ دېھقاندىن  چىقارماقچى – كونا  كەسپىنى قايتىدىن  قولىغا  ئالماقچى بولدى.

بانكىدىكىلەر  ئاللىبۇرۇن  ئىشتىن چۈشۈپ  كەتكەن  بولۇپ، دېھقان ئۇنىڭ  كەلگەنلىكىنى  كۆرگەندىن كېيىن  ئۇنىڭغا: "  يىگىت، مەن بۇ  ماشىنىنى  قانداق ئىشلىتىشنى  بىلمەيدىكەنمەن، ماڭا  ياردەملىشىپ  بالامغا  پۇل  سەپ  بېرەلەرسەنمۇ؟ بالام  بېيجىڭدا  ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇيتتى، مەن كارتا  نومۇرى  بىلەن مەخپىي  نۇمۇرنى  ساڭا دەپ  بەرسەم..." دېدى.

ئۇ  سەل ھەيران  قالدى، "ئەجىبا  مېنىڭ پۇلنى  ئۆزۈمنىڭ  كارتامغا سېلىۋېلىشىمدىن  قورقمامسىز؟"

"قارا  دېگىنىڭنى،مەن قارىسام ھېچ  ئۇنداق  ئادەمدەك قىلمايسەن."

دېھقانغا  ياردەملىشىپ پۇلنى  سېلىۋەتكەندىن  كېيىن، ئۆيگە  قايتىش  يولىدا ئۇ  كۆڭلىدىكى  مۇزنىڭ ئاستا –ئاستا ئېرىۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ يەڭگىللەپ  قالغانلىقىنى  ھېس قىلدى...





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624