大数跨境
0
0

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى

ئەلمىساقتىن  قەدرى  يوقتۇر  ياندا  بارى aymehri
2017-09-21
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

نۇرغۇن ئەرلەر ئاجراشقاندىن  كېيىن  ئاندىن ئاياللارنىڭ  ئۆينى  ئۆي قىلىش  ئۈچۈن  نەقەدەر چارچايدىغانلىقىنى  ھېس  قىلىدۇ. يېنىڭىزدىكى كۈندە غېمىڭىزنى يەۋاتقانكىشىلەرنى قەدىرلەڭ، يوقىتىپ قويغاندىن  كېيىن  ئاندىن ئاھ  ئۇرۇپ  زارلىنىپ يۈرمەڭ.

تۇنجى بالىسى  تۇغۇلغاندىن  كېيىن ئۇ  داۋاملىق  ئۆيگە قەچ  قايتىدىغان  بولۇپ قالدى. ئايالى  نىمە  ئىش بولغانلىقىنى  سورىغاندا  پۇل تېپىپ  سىلەرنى  بېقىش ئۈچۈن  مۇشۇنداق  ئەتىگەن چىقىپ  كەچ  قايتىپ يۈرىۋاتىمەن، دەپ خاپا  بولدى. ئايالى  يولدىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى  توغرا  چۈشەندى ھەم  ئارتۇق  گەپ قىلمىدى.

ئىككىنجى  بالىسى تۇغۇلغاندا  ئېرى  تېخىمۇ كەچ  قايتىدىغان  بولۇپ قالدى، ھەتتا  سىرتتا  قونۇپ قالاتتى. ئايالى  ئۇنىڭ  كۆپرەك ۋاقىت  چىقىرىپ  بالىلارغا ھەمراھ  بولىشىنى ئۈمىد  قىلاتتى.ئۇ بولسا  خىزمىتىنىڭ  ئالدىراشلىقىنى  باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ  دېگىنىنى  دېگەن، قىلغىنىنى  قىلغان قىلاتتى.

ئۇنىڭ  قېيىنئاپىسى ئىدىيىسى  قاتمال ئايال  بولۇپ، ھەمىشە ئوغلىغا  يانتاياق  بولاتتى، ئوغلى  دۇچ كەلگەن  قىيىنچىلىقلارنى  كېلىنىنىڭ ئايىغىنىڭ  ياراشمىغىنىدىن  كۆرۈپ كېلىنىگە  تولىمۇ  سوغۇق تېگەتتى.

توي  قىلىپ 8  يىل بولغاندا ،  ئايالى چىدىماي  قالدى، ئۇ  يولدىشىغا دېدى:"توي  قىلغىنىمىزغا  سەككىز يىل  بوپتۇ،  سىز بۇ  ئۆي  ئۈچۈن، بالىمىز  ئۈچۈن، مەن ئبۈچۈن  نىمە  ئىش قىلىپ  بېرەلىدىڭىز؟" ئۇ  ئاچچىقلانغان ھالدا دېدى:" مەن  ئات – ئېشەكنىڭ  ئورنىدا ئىشلەپ  پۇل  تېپىپ سىلەرنى  باقتىم، مۇشۇمۇ  يەتمىدىما ساڭا؟"

ئايالى  دېدى"سىزنىڭچە  مۇشۇلار يېتەرلىك  بولغاندىمۇ؟ بىر  ئايالنىڭ ئېرىدىن  كۈتىدىغانلىرى  ئەجىبا مۇشۇلىمىدۇ؟ "  ئۇ  نارازى بولغان  ھالدا  دېدى:" بولمىسا  ساڭا يەنە  نېمە  كېرەكتى؟ سېنى ئاچ  قويمىدىم ، يالىڭاچ  قويمىدىم، كۈندە  ئۆيدە ئولتۇرۇپ  نىمە  قىلغۇڭ بولسا  شۇنى  قىلدىڭ، بىر ئايالغا  نىسبەتەن  بۇنىڭدىنمۇ راھەت  تۇرمۇش  بولامدۇ؟"

ئايالى ئازاپلانغان  ھالدا  دېدى:" شۇنچە  يىلدىن بېرى  پەقەت  ئۆزىڭىز تۆلىگەن  بەدەلنىلا  كۆرۈپ ، مەن  تارتىۋاتقان جاپانى  كۆرەلمىدىڭىز. سىز  ھەتتا بالىڭىزنىڭ  نىمىشقا  شۇنچە تۇيۇقسىزلا  چوڭ  بولۇپ، بۇنچە  ئىش  ئۇقىدىغان بولۇپ  كەتكەنلىكىنىمۇ  بىلمەيسىز، ھەممە  ئىشلار  ئۆزلىكىدىن يۈرۈشۈپ  كېتىۋاتىدۇ،  دەپ ئويلايسىز." ئۇ  بەكمۇ  نارازى بولدى:"  ئەجىبا  مەن جاپا  تارتمىغاندىمەنمۇ؟ ساڭا  پۇل تېپىپ  بېرىۋاتقان  كىم؟ بالىلارنىڭ  ياخشى چوڭ  بولىشى  مېنىڭ پۇل  تېپىپ  ئۇلارنى بېقىۋاتقىنىم  ئۈچۈن"  ئايالى ئۈندىمىدى، مۇشۇ  دەقىقىدە  ئۇنىڭ كاللىسى  تۇيۇقسىز  سەگەكلىشىپ قالغان  ئىدى.

ئايالى  ئاخىر ئاجىرشىشنى  تەلەپ  قىلدى،ئۇنىڭ تەلەپ  قىلغىنى  شەرتسىز ئاجىرشىش  ئىدى، پۇل ، بالا  ھېچنىمىنى ئېرىدىن  تالاشمىدى، ئايالى  پەقەت ئۆزىنىڭ  ياشلىق  باھارىنى بىئەجەل  خازان  قىلغان بۇ  ئەردىن، ئۇنى  ئازاپقا قويغان  مۇشۇ  ئۆيدىن  ئايرىلىشنىلا  ئويلىغان  ئىدى.

ھېكايىسىنى  ئېيتىپ مۇشۇ  يەرگە  كەلگەندە ئۇنىڭ  بېشى  پەسكە ساڭگىلىدى،  سورۇندىكى  ھەممىمىز جىمجىتلىققا  چۆكتۇق، مەن  تەسەللىي بېرىش  مەقسىتىدە  ئۇنىڭ مۆرىسىنى  قېقىپ   قويدۇم.

"بىلەمسىلەر، ئاجراشقاندىن  كېيىن  مەن  بالام  ۋە  ئۆزۈم ئۈچۈن  يەنە  بىر ئايالغا  ئۆيلەنمەكچى  بولدۇم، لېكىن مەن  ياخشى كۆرگەننىڭ  ھەممىسىنى  بالىلىرىم ياخشى  كۆرمىدى..."

ئۇنىڭدىن  سورىدىم:"  بالاڭ ياخشى  كۆرمىگەنلا  بولسا سەنمۇ  بولدى  قىلدىڭمۇ؟"  ئۇ بېشىنى  لىڭشىتتى.

"ئەسلىدە  بالا ئۆزلىكىدىن  چوڭ  بولۇپ قالمايدىكەن..."  ئۇ  ئۆز –ئۆزىگە  سۆزلەۋاتقاندەك پەس  ئاۋازدا  سۆزلەۋاتاتتى.

"مېنىڭ ئاناممۇ بەزىدە  بەك  يولسىزلىق قىلىدۇ.    ئەسلىدە ئۆيدىكى  ئۇششاق- چۈششەك  ئىشلارنى مەڭگۈ  قىلىپ  تۈگەتكىلى بولمايدىكەن،  ئەسلىدە  ئىككى بالا  بىلەن  بىرەر يەرگە بېرىش  ئەسلا  مۇمكىن ئەمەسكەن، ئەسلىدە  تەرەت  تۇڭىنى كۈندە  تازلاپ  تۇرمىسا ئۇنداق  پارقىراپ  تۇرمايدىكەن..."

ئۇ  ئاۋازىنى قويىۋېتىپ  يىغلاشقا  باشلىدى...ئويلىنىپ  قالدىم. بەزى  ئەرلەرنىڭ  مەڭگۈ بىر  ئايالنى  قانداق ئۇسۇلدا   ياخشى  كۆرۈشنى بىلەلمەي  ئۆتۈپ  كېتىدىغانلىقى ماڭا  ئايان. بەزى  ئەرلەر ئاياللارغا  موھتاج، چۈنكى  ئۇلارنىڭ ئۆيىدە  بىر  بالا باققۇچى  كەمچىل ياكى  ئۇلار ئۆزى  ئۈچۈن  بالا تۇغۇپ ، ئەۋلات  كۆپەيتىپ  بېرىدىغان بىر   ماشىنىغا موھتاج.

مېنىڭ  ئۇ دوستۇم  تەرەت  تۇڭىنى تازلىمىسىمۇ كۈندە  شۇنداق  پارقىراپ  تۇرىدىغانلىقىغا  شەكسىز  ئىشىنەتتى، كېيىن  ئايالى كېتىپ  ئۆزى  ھاجەتخانىغا كىرىپ زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپ  تەرەت تۇڭىنى  تازلاشقا  مەجبۇر بولغاندا،  ئاندىن  بىر ئايال  بولغۇچىنىڭ  ئۆيدە قىلىدىغان  ئىشلىرىنىڭ  مەڭگۈ تۈگەپ  ئۆتمەيدىغانلىقىنى  چۈشىنىپ يەتكەن  ئىدى.

ئۈچ  نەرسە كەتسە  قايتىپ  كەلمەيدۇ: ۋاقىت، ھاياتلىق، ياشلىق

ئۈچ  نەرسە بىر  ئادەمنى  نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ : ئاچچىق، مەغرۇرلۇق، بېخىللىق

ئۈچ  نەرسىدىن مەڭگۈ  ېاز  كېچىشكە بولمايدۇ: سەمىمىيلىك، غايە، ئۈمىد

ئۈچ  نەرسە دۇنيادا  بىباھا : مۇھەببەت، ئاقكۆڭۈللۈك،دوستلۇق

ئۈچ  نەرسە ئادەمگە  بىر  ئۆمۈر ھەمراھ  بولالمايدۇ: مۇۋەپپىقىيەت،بايلىق، ئارزۇ

ئۈچ  نەرسە ئادەمنى  غەلبىگە  ئىگە قىلىدۇ: پۇرسەت، شارائىت، كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئۈچ  نەرسىنى قەدىرلەش  كېرەك: ئاتا-ئانا، بالا،كۆز  ئالدىڭىزدىكى  ئادەم

ئۈچ  نەرسىنى ئۆلچەم   قىلىپ  ياشاش كېرەك:  نىشان، ئۇسۇل،ئۈزلۈكسىز  ياخشىلىنىش

ئۈچ  نەرسىنى  ئۆلچەم قىلىپ  دوست  تۇتۇش كېرەك: سەمىمىيەت، ئاتا  قىلىش،شەخسىيەتسىزلىك

ئۈچ  نەرسىنى چىڭ  تۇتۇش  كېرەك: پۇرسەت، كىشىلىك  ھايات، نىكاھ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624