大数跨境
0
0

چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەپلىرى

چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەپلىرى aymehri
2017-12-15
0
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭچېچى جىق، چۈشۈپ تۇرسىمۇ يەنە


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

چېچى  جىق، چۈشۈپ تۇرسىمۇ  يەنە  ئازلاپ قالمايدىغان   قىزلارغا  ھەۋەس قىلامسىز؟


بۈگۈن  سىزگە دەيمىزكى ، چاچ  قانچە  جىق بولغانسىرى  چۈشىدىغىنىمۇ  كۆپ بولىدۇ.

لېكىن   نۇرغۇن قىزلارنىڭ  چېچى  بەك ئاز  تۇرۇپمۇ    كۈندە  يەنە  تۇتام-تۇتاملاپ  چۈشۈپ تۇرىدۇ.

چاچ  چۈشۈشنىڭ ئازابىنى  تارتىۋاتقان  يالغۇز سىزلا  ئەمەس، بەلكىم  بارلىق قىزلارنىڭ  مۇشۇنداق  بىر كەچمىشى  بار.







ئۇنداقتا  زادى نىمىشقا  چاچ  چۈشىدۇ؟؟؟


ئالدى  بىلەن چاچ  چۈشۈش  دېگەن زادى  نېمە، بۇنىڭ  ئېنىقلىمىسىنى  ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى.ھەربىر  ئادەمنىڭ كۈنىگە  50~100  تالغىچە چېچىنىڭ  چۈشىشى  نورمال ئەھۋال. ئەگەر  چېچىڭىزنىڭ  چۈشۈش مىقدارى  بىر  كۈندە يۈز  تالدىن  جىقلاپ كەتكەن بولسا  ھەمدە  بۇنداق ئەھۋال  ئۇدا  ئىككى ھەپتىدىن  ئارتۇق  داۋاملاشقان بولسا  بۇ   چاچ چۈشۈش  بولۇپ  ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا  ياستۇقىڭىزدىكى  ۋە  تارغاققا  چىققان چاچلىرىڭىزغا  قاراپ  كۆڭلىڭىزنى يېرىم  قىلماڭ.

ئەگەر  سىز چاچ  چۈشۈشنىڭ  ئېنىقلىمىسىغا دەل  چۈشۈپ  چېچىڭىزنىڭ چۈشىۋاتقىنى  ئېنىق  بولغان بولسا، سىز  ئەمدى  چېچىڭىزنىڭ نىمە  ئۈچۈن  چۈشىدىغانلىقىنى  ئايدىڭلاشتۇرىشىڭىز  كېرەك.

تۇغۇتتىن كېيىنكى چاچ  چۈشۈش: يېڭى  تۇغۇپ قوپقان  ئاياللارنىڭ  چېچىنىڭ چۈشىشى  ھەتتا  تۇتام –تۇتاملاپ  چۈشىشى نورمال  ئەھۋال.تۇغۇتتىن  كېيىن ھورمۇنلارنىڭ  ئىقتىدارى  تۆۋەنلەيدۇ، تۈك  خالتىلىرى غىدىقلاشقا  بەرساشلىق  بېرەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن  چاچ  چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ. بۇ  خىل ئەھۋال  ھورمۇنلارنىڭ  ئىقتىدارى ئەسلىگە  كەلگەندىن  كېيىن تەبىئىي  رەۋىشتە  ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.نورمال  دەمئېلىشقا  ۋە مۇۋاپىق  ھەركەتلەر  بىلەن شۇغۇللىنىشقا  دىققەت  قىلسىلا بولىدۇ.

روھىي  بېسىم سەۋەبىدىن : بىز  دائىم  بېسىمىم  ئېغىرلاپ كەتكەچكە  چېچىم  چۈشۈپ كېتىپ  بارىدۇ، دەپ  ئۆزىمىزگە تەسەللىي  بېرىمىز.ھەقىقەتەنمۇ  بېسىمنىڭ  ئېغىر بولىشى، ئۇزۇن  مۇددەت  تەشۋىشلىنىش ئىچىدە   يۈرۈش  سەۋەبىدىن چاچ  چۈشىدۇ.


مىكرو  ماددىلارنىڭ كەمچىل  بولىشى سەۋەپلىك: ئادەم  بەدىنىدە  تۆمۈر، سىنىكقاتارلىق  ماددىلار كەمچىل  بولغاندا  تۈك خالتىلىرىغا  ئوزۇقلۇق  يېتىشمەسلىك سەۋەنىدىن  چاچ  چۈشىدۇ. بۇنداق  ئەھۋالدا  تاماق تاللىماڭ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا  دىققەت  قىلىڭ.


كېسەللىك  سەۋەبىدىن :  كىچىك  بولغاندا  زۇكام ، قىزىپ قېلىش، چوڭ  بولغاندا  تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىچە، مۇشۇنداق كېسەللىكلەر  سەۋەبىدىن  ئىممۇنىت سېستىمىسى  نورمالسىزلىشىدۇ  ياكى  ئىچكى  ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىدۇ،  شۇڭا  چاچمۇ ئاسان  چۈشىدۇ.كېسەل  ساقايغاندىن كېيىن  چاچنىڭ  چۈشىشىمۇ توختايدۇ، ئەگەر  چاچ  ئۇزۇن  مەزگىل  چۈشۈپ  توختىمىسا ھەمدە  باشقا  ئالامەتلەر(ھەيىز  قالايمىقانلىشىش، يۈرەك  سوقۇش تېزلىشىپ  كېتىش) كۆرۈلگەن  بولسا دوختۇرخانىغا  بېرىپ  تەكشۈرۈش قىلىش  كېرەك.

دورىنىڭ  تەسىرىدىن: خولىستىرىنى  تۆۋەنلىتىش، قان  بېسىمنى چۈشىرىش  دورىلىرى،ھامىلدارلىقتىن  ساقلىنىش  دورىلىرى قاتارلىق  دورىلار  قىزلاردىكى چاچ  چۈشۈشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۆزىڭىزدىكى  چاچ چۈشۈش  سەۋەپلىرىنى  بىلگەندىن كېيىن  ئەمدى   شۇنىڭغا قارىتا  داۋالىنىش  ئېلىپ بارسىڭىز  بولىدۇ،ياخشى  ئارام ئېلىشقا  تېگىشلىك  بولسا ئارام  ئېلىڭ، دورا  يېيىشكە تېگىشلىك  بولسا  دورا يەڭ. ئەڭ  مۇھىمى  چاچ ئاسراش  مەھسۇلاتلىرىنى  ئىشلىتىدىغان ئادەتنى  يېتىلدۈرۈڭ، چاچ  يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش  ھەممىدىن  مۇھىم.


چاچ  ئاسراشتىكى  خاتا  چۈشەنچىلەر


چاچنى  ئاز  يۇيسا  چۈشۈشمۇ  ئاز  بولىدۇ

چاچ  چۈشكەندە باش  تېرىسىنىڭ  تازلىقى تېخىمۇ  ياخشى  بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ  چېچى  ئاسان مايلىشىدىغان  قىزلار. باشنىڭ  تېرىسى پاكىز  بولغاندىلا  ئاندىن يېڭى  چاچلار  ئىتتىك ئۆسۈپ  چىقىدۇ.


چاچ  سوپۇننى  بىراقلا  باشقا  سۈرۈش

چاچ  سوپۇننى ئاۋال  قولدا  ئۇۋۇلاپ مازغاپ  چىقىرىپ  بولغاندىن كېيىن  ئاندىن  چاچقا سۈرگەندە  چاچتىكى  مايلارنى تېخىمۇ  ياخشى  چىقىرىدۇ.


چاچ  ئاسراش  مەلھىمى ئىشلىتىشكە  ھورۇنلۇق  قىلىش

چاچ  ئاسراش مەلھىمى  ئىشلىتىشكە  ھورۇنلۇق قىلسىڭىز، بۇنىڭ  ئېلىپ   كېلىدىغان زىيىنىمۇ  كۆپ  بولىدۇ. چاچ ئاسراش  مەلھىمى  ئىشلەتمىگەندە چاچنىڭ  ئۇلترا  بىنەپشە نۇر ، ماينىڭ زىيىنىغا ئۇچىرشى  تېخىمۇ  ئېغىر بولىدۇ.


يۇيۇپ بولغاندىن  كېيىن  قۇرۇتماسلىق ياكى  ھەددىدىن  زىيادە  بەك  قۇرىتىۋېتىش

چاچنى  يۇيۇپ بولغاندىن  كېيىن  پەقەتلا قۇرۇتماسلىق  ياكى  ھەددىدىن زىيادە  بەك  قۇرىتىۋېتىش ياخشى  ئەمەس،  ئەڭ ياخشىسى  5-8ئۈلۈشكىچە  قۇرۇتقان ياخشى.


چاچنى  تارىمىسا  جىق  كۆرىنىدۇ

ھەركۈنى  چاچنى تاراپ  بېرىش  چاچتىكى كېپەكنى  ئېلىپلا قالماستىن  يەنە  باش تېرىسىنىڭ  قان  ئايلىنىشىنى ئىلگىرى  سۈرىدۇ.چاچ  چۈشۈش ۋە  ئۈزۈلۈشنىڭ  ئالدىنى ئالىدۇ.لېكىن  چاچنى  ھۆل ۋاقتىدا  ئەمەس  قۇرىغاندا تاراش  كېرەك.



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读1.2k
粉丝0
内容624