大数跨境
0
0

ئۈچ ئېشەكنىڭ ھېكايىسى

ئۈچ ئېشەكنىڭ ھېكايىسى aymehri
2017-12-22
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


بىرىنجى  ئېشەك


بىر  ياش ئېشەك  قارىماققا  يامان ئەمەس  كۆرىنىدىغان  بىر دېھقانچىلىق  مەيدانىدىن  يارغۇنچاق سۆرەيدىغان  بىر  خىزمەتنى تېپىپتۇ.  ئۆزىنىڭ  خىزمەت تاپقىنىدىن  ئېشەك  تولىمۇ خۇشال  بوپتۇ  ھەم سۆيىنىپتۇ. مەيلى  قەھرىتان  قىش بولسۇن  ياكى  تومۇز ئىسسىق  بولسۇن  ئېشەك ھەركۈنى  ئەستايىدىللىق  بىلەن يارغۇنچاق  تارتىشنى  داۋاملاشتۇرۇپتۇ،  ئۇنىڭ ئىپادىسىدىن  خوجايىن  تولىمۇ سۆيۈنۈپتۇ.

بىر  مەزگىل ئۆتكەندىن  كېيىن  ئېشەك ئۆزىنىڭ  خىزمىتىنى  تولىمۇ مەنىسىز  ھەم  جاپالىق ھېس  قىلىدىغان  بولۇپ  قاپتۇ، شۇنچە  جاپالىق  ئىشلىسىمۇ تۇرمۇشىدا  ھېچقانداق  ياخشىلىنىشنىڭ بولماسلىقى  ئۇنىڭ  كاللىسىدىن ئۆتمەپتۇ. خىزمەتكە  يېڭى  چۈشكەن چاغدىكى  قىزغىنلىقىدىن  ئەسەرمۇ قالماپتۇ. خوجايىن  ئېشەكتىكى  بۇ ئۆزگىرىشنى  بايقىغاندىن  كېيىن دەرھال  بىر  قارارغا كېلىپ  ئېشەكنىڭ  تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش  ياسىماقچى  بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن  خوجايىن  بىر تاياقنىڭ  ئۇچىغا  بىر باغلام  چۆپنى  باغلاپ ،تاياقنى  ئېشەكنىڭ  دۈمبىسىگە باغلاپ  چۆپ   بار  ئۇچىنى  ئېشەكنىڭ  بېشىدىن  ئارتىلدۇرۇپ  مۇقىملاشتۇرۇپتۇ.

بۇنداق يېڭى ھەم  مەززىلىك  چۆپنى يەپ  باقمىغىنىغا  ئۇزۇن بولغان  ئېشەك  چۆپنى كۆرۈپ  قايتىدىن  كۈچلىنىپتۇ ھەم  بېشىدىن  ساڭگىلاپ تۇرغان  ئاشۇ  چۆپنى يېيىش  ئۈچۈن  بار كۈچىنى  يىغىپ  ئالدىغا قاراپ  چېپىشقا  باشلاپتۇ. لېكىن  ئېشەك شۇنى  بايقاپتۇكى،  مەيلى ئۇ  قانداقلا  تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسۇن، قانچە  كۈچەپ  يۈگۈرمىسۇن، ئالدىدىكى  چۆپنى مەڭگۈ  قوغلاپ يېتەلمەيدىغاندەك، خوجايىن  ئۇنىڭغائىنئام   قىلغان  تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغان  چۆپنى  يېيەلمەيدىغاندەك   قىلىدىكەن. لېكىن  ئېشەك  بۇنىڭلىق  بىلەن  ۋاز كەچمەپتۇ، ئۇ  كۆڭلىدە  مەيلى قانداقلا  بولمىسۇن  ئاشۇ چۆپنى  ھامان  بىر كۈنى  يىگىنىم  يىگەن، مەندە  ئاخىر  ئۈمىد تۇغۇلدى،  دەپ  ئويلاپتۇ. ئېشەك  بارغانسىرى ئىتتىك  يۈگۈرۈشكە  باشلاپتۇ، يارغۇنچاقمۇ  تېز –تېز  ئايلىنىشقا باشلاپتۇ،  خوجايىننىڭ  چىرايىغا يەنە  كۈلكە  يۈگۈرۈپتۇ.

نەچچە  كۈندىن  كېيىن  دېھقانچىلىق  مەيدانىدىكى بىر  ئىشچى  ئېشەكنىڭ يارغۇنچاق  سۆرەۋېتىپ  ئۆلۈپ قالغانلىق  خەۋىرىنى  خوجايىنغا يەتكۈزۈپتۇ، خوجايىن  سوراپتۇ:«ئېشەك  ئۆلگەن  بولسا مېنىڭ  چۆپۈم  ساقتۇ؟» ئىشچى  چۆپنىڭ  ھېچنىمە بولمىغانلىقىنى  دەپتۇ،  خوجايىم مەيدىسىگە  مۇشتلاپ  تۇرۇپ دەپتۇ:«  ھېلىمۇ  ياخشى چۆپ  ئىسراپ  بولماپتۇ، ئېشەكتىن  يەنە بىرنى  ئالساقلا  بولىدىكەنغۇ، ئىشقىلىپ  ھازىر يارغۇنچاق  سۆرەيدىغان  ئېشەكلەر بەك  كۆپ.»

دېھقانچىلىق  مەيدانىغا يەنە  يېڭى  ئېشەك قوبۇل  قىلىنىپتۇ،  پەلەكنىڭ چاقى  ئوخشاش  ئايلىنىۋېرىپتۇ. 



ئىككىنجى  ئېشەك


بىر ئىقتىدارلىق  ئېشەك  قارىماققا يامان  ئەمەس  كۆرىنىدىغان بىر  دېھقانچىلىق  مەيدانىدىن يارغۇنچاق  سۆرەيدىغان  بىر خىزمەت  تېپىپتۇ. ئېشەك  ئۆزىنىڭ خىزمەت  تاپقىنىدىن  بەكمۇ   خۇشال بوپتۇ  ھەم  سۆيىنىپتۇ. ئېشەك   يارغۇنچاقنى  ياخشى سۆرىگەندىن  باشقا  يەنە ئۆزىنىڭ  تىرىشچانلىقى  ئارقىلىق دېھقانچىلىق  مەيدانىنى  باشقۇرۇشقا ئائىت  بەزى  بىلىملەرنى ئۈگىنىۋاپتۇ.

دېھقانچىلىق مەيدانىغا  كىرگەن ئاشۇ  كۈندىن  باشلاپ ئۇ  ئادەملەرنىڭ  خىزمىتىگە تولىمۇ  ھەۋەس  قىپتۇ. ئۆزىنىڭ  ئادەملەردىن  جىق ئىش  قىلىدىغان،  ئۇلاردىن ئىقتىدارلىق  تۇرۇپمۇ  ئۇلاردەك ئەتىۋارلىنىشقا  ئېرىشەلمىگەنلىكىگە  قايىل  بولماپتۇ.ئۇ  كۆڭلىدە  ھامان بىر  كۈنى  مەنمۇ ئادەمگە  ئۆزگىرىمەن ،  دەپ ئويلاپتۇ. كېيىن  تۇيۇقسىز  كەلگەن بىر  پۇرسەتنى  چىڭ تۇتۇپ  خوجايىنىغا  ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى  ئىسپاتلاپ  بېرىپتۇ. خوجايىنى  بەكمۇ تاساددىپىيلىق ھېس  قىپتۇ  ۋە ئېشەكنى قابىليەتلىك،  كەلگۈسىدە  چوڭ  ئىشلارنى   ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ،  دەپ  ماختاپتۇ. ئاندىن  ئېشەكتىن   قانداق ئارزۇسى  بارلىقىنى  سوراپتۇ، ئېشەك  كۆڭلىدە  ساقلاپ يۈرگىنىگە  ئۇزاق  بولغان ئارزۇلىرىنىڭ  ھەممىسىنى  دەپتۇ. خوجايىنى  ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىقلارنى  ئەتىۋارلاپ  ئىشلىتىدىغانلىقىنى  باشقىلارغا كۆرسىتىپ  قويۇش  ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ  ئالدىدا  ئېشەكنىڭ بۈگۈندىن  باشلاپ  «ئادەم» گە  ئايلانغانلىقىنى،  ئادەمگە ئوخشاش  ئىمتىيازلاردىن   بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى  جاكارلاپتۇ.  ھەمدە مۇكاپات  سۈپىتىدە  ئېشەككە بىر  يۈرۈش  كونا  كاستىيۇم–بۇرۇلكا  بېرىپتۇ.

شۇ كۈندىن  ئېشەكنىڭ  خوشلىقىدىن نەچچە  ئايغىچە  ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ.  خوجايىن  ئۆزىگە يارىتىپ  بەرگەن  گۈزەل كېلەچەكنى  كۆرگەندەك  بوپتۇ-دە، كۈچەپ  يارغۇنچاق  سۆرەشكە باشلاپتۇ. بۇرۇنقىغا  ئوخشىمايدىغان  يېرى ئۇ  ھازىر  يارغۇنچاق سۆرىگەندە  خوجايىنى  ئۇنىڭغا مۇكاپات  قىلىپ  بەرگەن كونا  كاستىيۇم –بۇرۇلكىنى  كىيىۋالىدىكەن. خوجايىننىڭ  شەپقىتىگە جاۋاپ  قايتۇرۇش  ئۈچۈن ئېشەك  بەزىدە  كىشىنى چۆچىتىدىغان  ئىشلارنى  قىلىدىكەن.

 كاستىيۇم–بۇرۇلكا  كىيگەن  ئېشەك ئۆزىنى   راستىنلا  ئادەم  دەپ چاغلاپ   قاپتۇ. ئۆزىنىڭ  تۇغما تالانتى  بولغان  ھاڭراش ماھارىتىدىن  پايدىلىنىپ،خوجايىننىڭ  ئىدىيىسىگە  ماشلاشقان، خوجايىن  بىلەن  پىكىر  بىردەكلىكىنى ساقلىغان  ئاساستا  ئادەملەرنىڭ ئالدىدا  دېھقانچىلىق  فېرمىسىنى باشقۇرۇش  قائىدىلىرىنى سۆزلەپتۇ،باشقا  ئېشەكلەرنىڭ  ئالدىدا ئۈمىد –ئارزۇ،  كەلگۈسى  توغۇرلۇق سۆزلەپتۇ، ھەمدە  ئۆزىنىڭ  ئۇزۇن مەزگىللىك  تەجىربىسىگە  بىرلەشتۈرۈپ باشقا  ئېشەكلەرنى   ياخشى ئىشلەشكە  دەۋەت   قىپتۇ. خوجايىن  ھەرقېتىم ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان  ئاۋازىنى  ئاڭلىسا تولىمۇ  مەمنۇن  بولىدىكەن.ھەمدە  ئېشەككە نۇرغۇنلىغان  مۇكاپاتلارنى  بېرىدىكەن.  ئېشەك كۆرەڭلەپ  بۇرۇنقىدىنمۇ  كۈچەپ ھاڭرايدىغان  بولۇپ   قاپتۇ، مەغرۇرلىقىدىن  ھەتتا ئۆزىنىڭ  ئەسلىدە  بىر ئېشەك  ئىكەنلىكىنى  ئۇنتۇپ قاپتۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي  نىمە  سەۋەپتىنلىكى نامەلۇم، دېھقانچىلىق  فېرمىسىدىكى  كىشىلەرنىڭ بىر  قېتىملىق  يىغىنىدىن كېيىن  ئېشەك  مەززىلىك بىر  ۋاق  تاماققا ئايلىنىپتۇ. خوجايىن  ئېشەكنىڭ  گۆشىنى ھاراق  بىلەن  زاكوسكا قىلىپ  مەززە  قىلىپ يېگەچ  مۇنداق  دەپتۇ:« بۇ ئېشەك  گۆشىنىڭ  تەمى نىمىدېگەن  ياخشى. ئېشەك  دېگەن ئېشەك،  قانداقسىگە  ئادەم بولسۇن! »  ئۇلارنىڭ  كۈلكە ئاۋازى  دېھقانچىلىق  فېرمىسىنىڭ ئاسمىنىدا  ئۇزۇنغىچە  ياڭراپتۇ، ئېشەكنىڭ  يارغۇنچاق سۆرەيدىغان  ئۆيىدە  پەقەت ئېشەكتىن  قالغان  كونا كاستىيۇم  بۇرۇلكا  بىلەن   ئېسىپ قويۇلغان  ئېشەكنىڭ  تېرىسى شامالدا  يەلپۈنۈپ  تۇراتتىكەن...


ئۈچىنجى  ئېشەك


ئۈچىنجى ئېشەك  ئۆزىنىڭ  ئېشەك ئىكەنلىكىنى  ناھايتى  ئېنىق بىلىدىكەن،  ئۇنىڭدا  ئېشەكلەرگە خاس  بولغان  كۈرەش نىشانى  بار  ئىكەن. ئۇ ئىنتايىن  تىرىشىپ  خوجايىن ئۆزىگە  تاپشۇرغان  ھەربىر ۋەزىپىنى  ۋايىغا  يەتكۈزۈپ ئورۇندايدىكەن. ھەمدە  ئۆزىنىڭ  ئۆزگىچە بولغان  پىكىر –تەكلىپلىرىنى  ئوتتۇرغا قويىدىكەن. ئۇ ئېشەك  بولغاچقا  ئۇ  ئوتتۇرغا قويغان  پىكىر  - تەكلىپلەرنى باشقىلار  قوبۇل  قىلمايدىكەن، ياكى  ئوغۇرلاپ  ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىكەن  ياكى  بولمىسا  مازاق  قىلىدىكەن. لېكىن  ئۇ بۇنىڭلىق  بىلەن  ۋاز كەچمەپتۇ،   نىيىتىدىن  يانماپتۇ. ئۇ خىزمەتنى  بۇرۇنقىدىنمۇ  ياخشى ئىشلەشكە  باشلاپتۇ. ئۆزىگە  بولغان ئىشەنچنى  تېخىمۇ  مۇستەھكەملەپتۇ، توختىماستىن  يېڭى بىلىملەرنى  ئۈگىنىپتۇ، ئەمەلىيەت  ئارقىلىق تەجىربىلەرنى  توپلاپتۇ. ئۇ  ھامان بىر  كۈنى  ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىدىغانلىقىغا  ئىشىنىدىكەن،  لېكىن  دېھقانچىلىق  فېرمىسىنىڭ كونا  قائىدە –تۈزۈملىرى  ئۇنىڭغا ئىقتىدارىنى  نامايەن  قىلىدىغان پۇرسەت   بەمەپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئېشەك  دېھقانچىلىق فېرمىسىدىن  ئايرىلىپتۇ. بۇ  ئۇنىڭ دېھقانچىلىق  فېرمىسىنى  ياخشى كۆرمىگەنلىكى  سەۋەبىدىن  ئەمەس بەلكى  ئۇ  ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ  بۇ   يەردە نابۇت  بولۇپ  كېتىشىنى خالىمايدىكەن. ئۇ  دېھقانچىلىق  مەيدانىدىن ئۈمىدىنى  پۈتۈنلەي  ئۈزگەندىن كېيىن  ئاندىن  بۇ يەردىن  ئايرىلىپتۇ. چۈنكى  بۇ يەردە تۇرىۋېرىش   ئۇنىڭغا ھېچقانداق  ئۈمىد  ئاتا قىلالمايدىكەن. ئۇ بۇ  يەردىن  ئايرىلىشتىن بۇرۇن  ئۆزىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى  بىر  تال  لايىھىسىنى  خوجايىنغا  بېرىپتۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي  ئېشەكنىڭ  بىر ئۆي –مۈلۈكچىلىك  شىركىتى  بۇ شەھەردە  قەد  كۆتىرىپ، كۆپچىلىككە  تونىلىپتۇ، شۇنىڭ  بىلەن بىر  ۋاقىتتا  ئۇ يەنە  خوجايىننىڭ  شىركىتىنى سېتىۋاپتۇ. مۇخبىرلار  ئېشەكتىن  قانداق قىلىپ  مۇۋەپپىقىيەت  قازانغانلىقىنى  سورىغاندا ، ئۇ مۇنداق  دەپتۇ:«  مەن پەقەت  بىر  ئېشەك مېڭىشقا تېگىشلىك  يولدىن  ماڭدىم.»






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624