

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
قوشنىمىزنىڭ بىر قىزى بار بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭغا كۆڭلۈم بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈمنى ئىپادىلايدىغانغا پۇرسەت تاپالماي كېلىۋاتاتتىم.
بىز كۈنى ئۇ ئۆيىمىزگە كىرىپ چىرىقىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ، مېنىڭ ئالماشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان –بېرەلمەيدىغانلىقىمنى سورىدى.
مەن پۇرسەت كەلدى، دەپ ئويلىدىم – دە، ئالدى – كەينىمگە قارىماستىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم.
چىراقنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەن قىزدىن : " لايىقىڭىز يوقمۇ؟" دەپ سورىدىم ، قىز :" بار " دېدى.
سەل ئاچچىقىم كەلدى، ئۇنىڭغا : " نىمىشقا لايىقىڭىزغا ئالماشتۇرغۇزمىدىڭىز ئەمىسە بۇ چىرىغىڭىزنى؟" دېدىم.
قىز كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى :" ئۇنى توك تۇتىۋالارمۇ ، دەپ ئەنسىرەيدىكەنمەن"...





