大数跨境
0
0

بۇ يۈز ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىز توي قىلايلى

بۇ  يۈز  ئىشنى  قىلىپ  بولغاندىن كېيىن  بىز توي  قىلايلى aymehri
2017-12-04
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىلىمەن، كۈنلەرنىڭ  بىرىدە ھاياتىمغا  شۇنداق  بىرسى  نېسىپ  بولىدۇ.

ئۇ  بەلكىم  ئانچە  ئېگىز  بولماسلىقى مۇمكىن، يەنە  بەلكىم  ئانچە  كېلىشكەن  بولماسلىقى، پۇلىمۇ  ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم  مېنىڭ  كەلگۈسىدىكى ھەمراھىم  ئۈچۈن  تۈزۈپ  قويغان  بىرمۇنچە ئۆلچەملىرىمنىڭ  بىرىگىمۇ  چۈشمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن  مەن  يەنىلا ئۇنىڭ  بىلەن  بىللە  ياشاشنى  خالايمەن، ئۇزاق  كەلگۈسۈمدە ئۇنىڭ  ماڭا  ئىزچىل ھەمراھ  بولىشىنى ئۈمىد  قىلىمەن.

بىلىمەن، سىز  دەل  شۇ  ئادەم.

ھاياتنىڭ تۆت  پەسلىنى  سىز  بىلەن  بىللە  مېڭىپ  تۈگىتىشنى خالايمەن، سىز  بىلەن  قارىماققا ئانچە  كۆزگە  چېلىقمايدىغان، ئەمما  گۈزەل  بولغان  نۇرغۇن ئىشلارنى  بىللە  قىلىشنى خالايمەن.

1.بىر-بىرىمىزنىڭ  قولىنى مەھكەم  تۇتۇشۇپ  كوچىلاردا يۈرەيلى،  ئاۋات  شەھەرلەردە پەقەت  ئىككىمىزگىلا  مەنسۇپ بولغان  بەخىتنىڭ  پەيزىنى سۈرەيلى، مېنىڭ  نەگە  بېرىشىم مۇھىم  ئەمەس،  ئەڭ  مۇھىمىيېنىمدا  سىزنىڭ  بولىشىڭىز.



2.ئاشىق-مەشۇقلار كىيىمى  كىيىپ  كوچا  ئايلىنايلى،ئەڭ ئاددىي  ئۇسۇل  بىلەن  كىشىلەرگە  سىزنىڭ ماڭا  تەۋە  ئىكەنلىكىڭىزنى،  مېنىڭ  سىزگە  تەۋە  ئىكەنلىكىمنى  ئېيتايلى.

3.  بىرلىكتە تەقدىرنىڭ  سىزنى  ماڭا  مېنى  سىزگە  ئۇچراشتۇرۇپ،بىزگە  ھاياتىمىزدىكى  ئەڭ  گۈزەل  سوۋغىنى ئاتا قىلغىنىغا  رەھمەت  ئېيتايلى.

4.بىر  مەيدان  ناخشا  كېچىلىكىنى  قول  تۇتۇشۇپ  بېرىپ  كۆرۈپ  كېلەيلى، ناخشا  سادالىرى ئىچىگە  بەلكىم  ئىككىمىزنىڭ ھېكايىسى  يوشۇرۇنغاندۇ.

5.بىرلىكتە  پەلەك  چاقىغا ئولتۇرايلى، ئاڭلىشىمچە  پەلەك  چاقى  ئەڭ  يۇقىرى نۇقتىغا  يەتكەندە، كۆڭلىدىكى ئادىمىبىلەن قول  تۇتۇشۇپ  ئولتۇرالىسا بۇلارنىڭ  مۇھەببىتى  مەڭگۈلۈك بولىدىكەن.

6.بىرلىكتە  ئىككىمىزنىڭ  تويى  بولغان  شۇ  كۈننى  خىيال  قىلايلى،  ئۇ  كۈن  چوقۇم  ھاياتىمىزدىكى  ئەڭ  بەخىتلىك  كۈن  بولۇپ  قالىدۇ.

7.«ماڭامدۇق؟» «ماڭايلى!»مۇشۇنداقلا  ساياھەتكە  چىقايلى، قولىمىزنى  تۇتۇشۇپ  ئوخشاش بولمىغان  گۈزەل  مەنزىرلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ  كېلەيلى.

8.بىر  چۈشتىن  بۇرۇن  ۋاقتىمىزنى  كىتاپخاندا ئۆتكۈزەيلى، روبىرە  ئولتۇرۇپ،  ئوخشاش بىر  پارچە  كىتاپنى ئوقۇيلى، ۋاقىتمۇ  شۇ  دەقىقىدە توختاپ  قالسۇن.

9.بىر -بىرىمىزگە  سۆيگۈ  مەكتۇپى يېزىشايلى، مەكتۇپقا  كۆڭلىمىزدىكى  قارشى  تەرەپكە  ئەڭ  بەك  دېگىمىز بولغان  قۇرلار  پۈتۈلسۇن، بۇ مەكتۇپلارنى  تېخى قېرىغاندا  چىقىرىپ قارشى  تەرەپكە  ئوقۇپ  بېرىمىز.


10.كىچىك  بىر  چايخانا تاپايلى، شۇ يەردە  چاي  ئىچكەچ كەلگۈسىمىز  ئۈستىدە  خىيال  قىلىشايلى،   بۇ  دەقىقىلەرنىڭ  ئىسمى  بەخىت  بولسۇن.

11.  بىرلىكتە  ساماۋەر شورپىسى يەيلى، ئىلگىرى  بىر  كىنودا مۇنداق  بىر  سەھنە  سۆزى  دېيىلگىنى ئېسىمدە:  سىز  بىلەن  بىللە  ساماۋەر شورپىسى  يېيەلەيدىغان  ئادەم، سىز بىلەب  بىر  دۇنيادىكى ئادەم  بولىدۇ. سىز  بىلەن  بىللە  ساماۋەر شورپىسى  يېيىش،  ئويلىساممۇ خۇشاللىققا  چۆمىمەن.

12.كوچىغا  چىقىپ  زىخلىق يېمەكلىكلەرنى يەيلى، قانداقتۇر  ئوبرازغا  دىققەت قىلىش  دېگەنلەر  بىلەن  كارىم  يوق،  بىز  خۇشال  بولساقلا  بولدى.

13.  بىر  قېتىم  قۇياش  چىققاننى،  بىر  قېتىمقۇياش پاتقاننى  تەڭ  كۆرۈپ، بىر  كۈننىڭ  باشلىنىشى ھەم  ئاخىرلىشىشىغا  تەڭ  شاھىد  بولايلى.

14.بىرلىكتە  كۆكتات  بازىرىغا بېرىپ  كۆكتات  سېتىۋالايلى، تىرىكچىلىك  قىلىشنىڭ قانداق  بولىدىغانلىقىنى  ھېس  قىلىپ  باقايلى.

15.  ئۆز -ئارا بىر -بىرىمىز  ئۈچۈن  بىر  قېتىمدىن  ئەتىگەنلىك ناشتا  تەييارلاپ  باقايلى، گۈزەل  بىر  كۈن  مانا  مۇشۇنداق  باشلانسۇن.

16.  تاماق  يەپ  بولغاندىن كېيىن  قاچىلارنى  بىللە  يۇيۇپ  باقايلى.

17.  ئىككىمىز بىرلىكتە  مول  بولغان بىر  داستىخان  تاماق  تەييارلاپ  باقايلى.



18.بىرلىكتە  گۈل  بازىرىنى ئايلىنىپ  ئۆزىمىز  ئەڭ  ياقتۇرغان  بىردەستە گۈلنى  سېتىۋالايلى.

19.  بىرلىكتە كىنو  كۆرەيلى، مۇھەببەت  فىلىمى بولسىمۇ  مەيلى،  قورقۇنچلىق فىلىم  بولسىمۇ  مەيلى، ئىككىمىزگىلا  مەنسۇپ  بولغان شۇ  دەقىقىلەرنى  بىللە  ئۆتكۈزسەكلا  بولدى.

20.  تىنچ  بىر  قەھۋەخانا تېپىپ، ئىككى  ئىستاكان  قەھۋە  بۇيرۇتۇپ  قويۇپ، قويۇلىۋاتقان  لېرىك  مۇزىكىدىن بەھىرلەنگەچ  قەھۋە  ئىچەيلى.

21.بىرلىكتە ساليوت  ئاتقاننى كۆرۈپ  كېلەيلى،  مېنىڭ  شۇ  گۈزەل  مىنۇتلاردىنسىز  بىلەن  بىللە  بەھىرلەنگۈم  بار.


22.بىرلىكتە  ئېگىزدىن سەكرەپ  كېلەيلى، ئېگىزدىن سەكرىسە زادى  قانداق ھېسيات بولىدىغاندۇ؟

23.ئىككىمىزنىڭ  ئانا  مەكتىپىمىزگە بېرىپ  ئايلىنىپ  كېلەيلى ، بىر -بىرىمىزنىڭ  بالىلىق ئەسلىمىمىز  قالغان  جايلارنى كۆرۈپ  كەلسەك، چوقۇم  قارشى  تەرەپكە  سۆزلەپ بېرىدىغان  نۇرغۇن  قىزىقارلىق ئىشلار  چىقىدۇ.

24.بىرلىكتە  يۈگۈرەيلى، بەدەب  چېنىقتۇرىشىمىز  مانا  شۇنىڭدىن  باشلانسا،  بىز  بىللە  ماڭىدىغان يول  تېخى  ئۇزاق، شۇڭا  چوقۇم  ساغلام بولىشىمىز  كېرەك.

25.قىقاس  -سۈرەنگە توشقان  شەھەردىن  ئايرىلىپ، تىنچ  سەھراغا   بېرىپ ئايلىنىپ  كېلەيلى، بىرلىكتە  يۇلتۇز كۆرەيلى، سامان  يولىنى  كۆرەيلى.



26.  باغچىغا بېرىپ  ئادەمنى  جېنىنى ئېلىپ ياندا  قويىدىغان  تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى  ئويناپ  چىقايلى، ئاندىن  ياغاچ  ئايلانما ئاتقا  ئولتۇرايلى.

27.بىرلىكتە  لەگلەك ئۇچۇرايلى.

28.بىرلىكتە  مۇز  تېيىلايلى.

29.ۋېلىسپىتقا  مىنىپ  چوڭ-كىچىك كوچىلاردا  ئايلىنايلى، چوقۇم  بىز  ئىلگىرى  ئۇچراتمىغان نۇرغۇن  گۈزەل  نەرسىلەرنى بايقىيالايمىز.


30.دوستلار  چەمبىركىدە   پات –پات  مۇھەببىتىمىزنى كۆز-كۆز  قىلايلى.

31.ئۈندىدار باش  سۈرىتىمىزگە  ئاشىق-مەشۇقلار  باش  سۈرىتى  ئىشلىتىپ باقايلى، ياكى  تېلفون  تەگلىكىمىز ئاشىق-مەشۇقلار  تەگلىكى  بولسۇن، مۇھەببەت  دېگەن  مۇشۇنداق  تاتلىق بولىدۇ.

32.قارشى  تەرەپكە ناخشا  ئېيتىپ  بېرەيلى،  بەرىبىر  ئىككىمىزلا  ئاڭلايمىز، سەت  ئېيتىپ  قالساقمۇ خىجىل  بولۇشنىڭ  ھاجىتى يوق.

33.بىر  تال  چوكا  مۇزنى  ئىككىمىز  بىر  چىشلەم،بىر  چىشلەمدىن  بىللە  يەپ  باقايلى.


34.  بىرلىكتە رەسىم  قوراشتۇرايلى.

35.  بىرلىكتە ساپال  لوڭقا  ياسايلى، بىر  ئىشنى  ئىككى  ئادەم  بىرلىكتە ۋۇجۇدقا  چىقارغاندىكى  خۇشاللىقتىن تەڭ  بەھرىمان  بولايلى.

36.سىز  مېنىڭ  چېچىمنى  تاراپ  قويسىڭىز،مەن  سىزنىڭ ساقىلىڭىزنى  ئېلىپ  قويسام.

37.تورت  ياساشنى ئۈگىنىپ  سىزنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە  ئۆز  قولۇم  بىلەن  ياساپ  سوۋغا  قىلسام دەيمەن.



38.قارشى  تەرەپ  ياخشى  كۆرىدىغان، لېكىن  ئۆزىمىز  قىزىقمايدىغان ئىشتىن  بىرنى  قىلىپ  باقايلى.

39.بىرلىكتە  ماگىزىن ئايلىنىپ، ئۆزىمىز  ياخشى  كۆرىدىغان ئۇششاق  يېمەكلىكلەرنى  سېتىۋالايلى.

40.بىر  كىيىمنى  ئىككىمىز تەڭ  كىيىپ  باقايلى.

41.  بىر  ئىت  باقساق،ئۇ  يېنىمىزدا  چوڭ  بولسا،ئاندىن  كېيىن  ئۇ  بىزنىڭ  بالىمىزغا ھەمراھ  بولسا.


42.ھاۋا  سوۋىغاندا تاتلىق  ياڭيۇ  ئېلىپ  ئىككىمىز  تەڭ  بۆلۈشۈپ  يەيلى.

43.قەدەھ  ئالماشتۇرۇش  شەكلىدە ئىچىملىك  ئىچىپ  باقايلى.

44.  مېنى  يۈدۈپ  يول  مېڭىپ  باقسىڭىز بولامدۇ.

45.  باھار  كەلگەندە  بىرلىكتە ئۆرۈك  چېچىكى  سەيلىسى قىلايلى.



46.بىرلىكتە  موزىيغا  بېرىپ  نەچچە  مىڭ  يىل  بۇرۇنقى تۇرمۇشنى  ھېس  قىلىپ  باقايلى.

47.بىرلىكتە  مارافونچە  يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە  قاتنىشايلى، پۈتۈن  مۇساپىنى يۈگۈرۈپ  بولالمىساقمۇ، يېرىمىنىمۇ  بولسا  يۈگۈرسەك،ساغلام  ھەم  رومانتىك بولغان  ئۇچىرشىشتىن  بەھرىمان بولايلى.

48.پىدائىي  بولۇپ  ياردەمگە  موھتاج كىشىلەرگە  بىرلىكتە ياردەم  قىلايلى.

49.ياز  ۋاقتى  بىرلىكتە دېڭىز  بويىغا  بارايلى، قۇياش  نۇرىدىن، دەريا  ساھىلىدىن، دېڭىز  سۈيى، دولقۇن، شامال… مۇشۇ  گۈزەل  مەنزىرلەردىن  بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى.


50.ھەركۈنى  بىر -بىرىمىزگە  خەيىرلىك سەھەر  دېيىشنى  ئۇنۇتمايلى.

51.  ھەركۈنىكەچتە  بىر - بىرىمىزگە  خەيىرلىك كەچ  دېيىشنى  ئۇنۇتمايلى.

52.بىر  مەيدان  تىياتىرنى تەڭ  كۆرۈپ، زىيالىي  بولغاندىكى ھېسياتنىڭ  قانداق بولىدىغانلىقىنى  ھېس  قىلىپ  باقايلى.

53.قارشى  تەرەپنى تۇيۇقسىز  خۇش  قىلىدىغان ئىشتىن  بىرنى  قىلايلى، قىممەت  بولمىسىمۇ، قارشى  تەرەپكە ئۆزىمىزنىڭ  چىن ھېسياتىنى  ئىپادىلەپ بەرسەكلا  بولدى.


54.بىرلىكتە  تاغقا  يامىشايلى.

55.  قار  ياغقاندا   قار  بوۋاي  ياساپ، قار  ئېتىشىپ  ئوينايلى.

56.قەھرىتان  قىش  كۈنلىرى  ئارشاڭغا بارايلى.

57.ئايرىلغاندىن  كېيىن  بىر-بىرىمىزگە  قىيىشالماي  يەنە  مىھرىمىز  بىلەن  قۇچاقلىشايلى،ھەر قېتىملىق  ئۇچىرشىشىمىزنى قەدىرلەيلى.


58.باغچىدىكى  ئۇزۇن  ئورۇندۇقنىڭ  ئۈستىدە ئولتۇرۇپ  ئىككىلىمىز  ئامراق ناخشىنى  بىللە  ئاڭلايلى.

59.  بىرلىكتە يامغۇر  سەيلىسى  قىلايلى.

60.بىرلىكتە  ئويۇن  ئوينايلى،  گەرچە ياخشى ئوينىيالمىساممۇ  لېكىن  سىزگە  ھەمراھ  بولۇپ  بىللە  ئوينىغۇم بار.

61.  شەھەر  سىرتىغا چىقىپ  يېشىل  جايلارنى ساياھەت  قىلايلى، بەزى  گۈزەل  مەنزىرلەردىن  بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى.



62.قارشى  تەرەپكە ئۆزىمىز  ئەڭ  ياخشى  كۆرىدىغان  ئەركىلەتمە ئىسىمدىن  بىرنى  قويۇۋالايلى.

63.مەن  ئەرەنچە كىيىنىپ،  سىز  قىزىق قىلىق چىقىرىپ  نەچچە  پارچە  رەسىمگە  چۈشىۋالايلى، بەك  قىزىق  بولىغاندۇ.

64.قارشى  تەرەپنىڭ ئاتا -ئانىسى  ئۈچۈن  سوۋغا  تەييارلايلى،  مەن  چوقۇم  ئاتا -ئانىڭىزنى  ئۆزۈمنىڭ ئاتا -ئانىسىدەك  كۆرىمەن، سىزنىڭمۇ  شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا  چىقىمەن.

65.بىرلىكتە  ئۇسۇل  ئوينايلى،  بەك  ئۆلچەملىك  چىقمىسىمۇ لېكىن  مۇشۇ  خۇشاللىقتىن بىرلىكتە  بەھرىمان بولساق.



66.  ماڭا  سىز  قىلىشقا ئەڭ  ئۇستا  بىر  ئىشنى  ئۈگىتىپ قويۇڭ.

67.كەلگۈسىدىكى  ئۆيىمىزنى بىرلىكتە  لايىھىلەيلى،  ئۇ  كەلگۈسىدىكى  بىزگىلا تەۋە  جاي،  شۇڭا  چوقۇم  ئەستايىدىل بولىشىمىز  كېرەك.

68.ئائىلە  سايمانلىرى بازىرىنى  ئايلىنىپ  ئۆيىمىز ئۈچۈن  ئائىلە  سايمانلىرىنى سېتىۋالايلى.

69.كۆز  يەتكۈسىز  گۈل  ئېتىزىغا  بېرىپ  كۆرۈپ  كېلەيلى، ئاپتاپپەرەس  بولسىمۇ  بولىدۇ، ئۈستىقۇددۇس  بولسىمۇ  بولىدۇ، ھەممىسى  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدەك  گۈزەل  بولسا.



70.كۆزىمىزنى  يۇمۇپ  تۇرساق، قارشى تەرەپ  قولىمىزنى  يېتىلەپ يولدىن  ئۆتكۈزسە،  مەن  سىزگە  ئىشىنىمەن، بۇنىڭغا  ھېچقانداق  سەۋەپ  كەتمەيدۇ.

71.بىرلىكتە ئىلەڭگۈچ  ئۇچۇپ،  شامالنىڭ قۇلاق  تۈۋىمىزدىن  غۇيۇلداپ ئۆتكىنىنى  بىرلىكتە  ئاڭلايلى.

72.ماڭا  گىرىم  قىلىپ  قويسىڭىز، پەقەت  بىر  قېتىملا.

73.بىرلىكتە  ئالۋاستى  ئۆڭكۈرىگە بارايلى،  گەرچە  مېنىڭ  يۈرىكىم  ئاجىز  بولسىمۇ  لېكىن سىز يېنىمدا  بولسىڭىزلا  ھېچنىمىدن قورقمايمەن.



74.بىرلىكتە  مۇسابىقە كۆرەيلى.

75.بىر  ئىستاكان ئىچىملىكنى  تەڭ  ئىچەيلى.

76.  تېلفونلىشىپ جىمجىت  تۇرۇپ  بىر  بىرىمىزنىڭ  نەپىسىنى ئاڭلايلى، بەزىلەر  بەلكىم  بىمەنە ھېس  قىلار،  لېكىن  ئىككى  ئادەم  بىر-بىرىنى  ياخشى  كۆرۈشسىلا ھەرقانداق  ئىش  ئۇلارغا بىمەنە  تۇيۇلمايدۇ.

77.  بىرلىكتە سۇغا  قەغەز  كېمە  قويۇپ  بېرەيلى.



78.  بىر  قېتىم  شام  يورىقىدا  ئولتۇرۇپ رومانتىك  غىزالىنايلى.

79.  بىرلىكتە قارتا  ئوينايلى.

80.  شەھەرنىڭ كېچىلىك  مەنزىرسىنى  كۆرەيلى، كۈندۈزدىكى  مەنزىرسىنى دائىم  كۆرىمىز، كېچىلىك  مەنزىرسى چوقۇم  بەك  گۈزەل.

81.  تاۋۇز  يېيىشتە مۇسابىقىلىشەيلى،كىم  ئەڭ  تېز  يەيدىكەن.



82.بىللە  چۈشكەن  سۈرەتلىرىمىزنى  بىر  ئالبومغا  ساقلايلى، دائىم  كۆرۈپ  گۈزەل  ئەسلىمىلىرىمىزنى  يادىمىزغا ئالايلى.

83.  كوچا  ئاپتوبۇسى  ياكى  مىتروغا  چىققاندا، ئادەم  بەك  كۆپ  بولۇپ  قالسا  سىزنىڭ  بېلىكىڭىزدىن تۇتىۋالاي.

84.بىر - بىرىمىزنىڭ  ئەڭ  سەت  ھالىتىنى  رەسىمگە تارتىۋالايلى.

85.بىر - بىرىمىزگە  ئارزۇ -ئارمانلىرىمىزنى  ئېيتايلى، مەيلى  قانداق غەلىتە  بولىشىدىن  قەتئىينەزەر قارشى  تەرەپنى  مازاق  قىلىشقا  بولمايدۇ.



86.بىر  مۇھەببەت  ئەينەك بوتۇلكىسى  ياساپ،  ئىچىگە بىزنىڭ  ھېكايىمىزنى  يېزىپ  يىراقلارغا  ئېقىتايلى.

87.دەرەخنىڭ  ئاستىغا  ئىككىمىزنىڭ ئەھدىمىزنى  كۆمەيلى.

88.  كۈندىلىك خاتىرە  يېزىپ  ئاندىن ئالماشتۇرۇپ  ئوقۇيلى.

89.  بىر -بىرىمىزدىن  سوئال  سورىشايلى،  قارشى  تەرەپ  چوقۇن  راست  گەپ  قىلىشى  كېرەك، چوقۇم  جاۋاپ  بېرىشى كېرەك،  مۇشۇنداق  بولغاندا قارشى  تەرەپنىڭ  نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلىرىنى  بىلىۋالالايمىز.


90.سىزنىڭ  مۆرىڭىزگە بېشىمنى  قويۇپ  ئۇخلىۋالسام دەيمەن.

91. بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدىكى  كىچىك  ئويۇنلارنى بىرلىكتە  ئوينايلى.

92.  ئەستايىدىللىق بىلەن  قارشى  تەرەپنىڭ كۆزىگە  قاراپ  تۇرۇپ :«سىزنى  سۆيىمەن »  دېيىشەيلى.

93.مەن  يىقىلىپ  چۈشكەندە بىرىنجى  بولۇپ  مېنى  يۆلەيدىغىنىنى  سىز بولسىكەن  دەيمەن.



94.  تور  ئىسمىمىزغا  ئاشىق-مەشۇقلار  ئىسمىنى قوللىنىپ  باقايلى.

95.  ئەستايىدىللىق بىلەن  قارشى  تەرەپ  ئۈچۈن  بىر  ئىشقىلىپ  بېرەيلى، گەرچە  بۇ  ئىش  بەك  چوڭ  ئىش  بولمىسىمۇ،لېكىن  چىن  كۆڭلىمىز بولسىلا  شۇ  كۇپايە.

96.مەلۇم  بىر  دەمئېلىش كۈنى ھېچقانداق  پىلان  تۈزمەي، سەھەرمۇ تۇرماي  ھورۇنلۇق  بىلەن  جىم  ئولتۇرۇپ بىر  كۈنىمىزنى  ئۆتكۈزۈپ باقايلى.

97.دوستلىرىمىزنىڭ  ئالدىدا ھېچنىمىدىن  ئەنسىرمىگەن ھالدا  قارشى  تەرەپنى  تونۇشتۇرايلى.


98.ئاغرىپ  قالغان ۋاقىتتا  قارشى  تەرەپنىڭ ھالىدىن  خەۋەر  ئالايلى، قايناقسۇنى  كۆپرەك  ئىچىڭ، دەپلا  ئۆتكۈزۋەتمەيلى.

99.  يىلنىڭ ئەڭ  ئاخىرقى  كۈنىدە تۈنەپ،  يېڭى  يىلغا  بىرلىكتە  قەدەم  باسايلى.

100.  ئازادە ،  جىمجىت  بىر  جاينى  تېپىپ  ئەستايىدىللىق  بىلەن  كەلگۈسىمىز  ئۈستىدە پاراڭلىشايلىىخخ


مۇشۇ 100ئىشنى  قىلىپ  بولغاندىن كېيىن  بىز  توي  قىلايلى،ھاياتىمىزنىڭ  يېڭى  بىر  مۇساپىسى  ئېچىلسۇن، مەيلى  باي  ياكى  نامرات  بولايلى، مەيلى  ساغلام ياكى  كېسەل  بولايلى ،  مەن  داۋاملىق سىزنى  ياخشى  كۆرىمەن، سىزنى  ھۆرمەتلەيمەن، سىزنى  قوللايمەن…ىخخ





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624