大数跨境
0
0

ئىجرا قىلىش كۈچى دېگەن نىمە؟

ئىجرا  قىلىش  كۈچى  دېگەن  نىمە؟ aymehri
2017-12-05
0
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئامرىكىدا بىر  سەپتىن  قايتقان ھەربىي  بار  بولۇپ،  جەڭ  مەيدانىدا  يارلىنىپ، سەپتىن  چېكىنىپ يۇرتىغا  قايتقاندا  يېشى  خېلى  بىر  يەرگە  بېرىپ  قالغان ھەم بەدىنىدە  يارا  ئاسارىتى قالغان  بولۇپ ،  سەپتىن قايتقان  مېيىپ  ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا  ئۇنىڭ خىزمەت  تېپىشى تولىمۇ  تەسكە  چۈشتى، نۇرغۇن ئىش  ئورۇنلىرى ئۇنى  رەت  قىلدى،  لېكىن  ئۇ  ھەرقېتىم قەدىمىنى  ئىشەنچ  بىلەن  تاشلاپ  خىزمەت ئىزدەشنى  داۋاملاشتۇرىۋەردى.

بۇ  قېتىم  ئۇ  ئامرىكىدىكى  ئەڭ  چوڭ  بىر  ياغاچ  ماتىرياللار زاۋۇتىغا  بېرىپ  خىزمەت ئىزدىدى،  خېلى  كۆپ  ئىزدىگەندىن  كېيىن  ئۇ  ئاخىر  بۇ  شىركەتنىڭ مۇئاۋىن  باش  لېدىرى بىلەن  كۆرۈشتى،  ھەمدە  ئىنتايىن  قەتئىيلىك بىلەن  ئۇ  كىشىگە مۇنداق  دېدى:«  مۇئاۋىن باش  لېدىر،  مەن  بىر  سەپتىن قايتقان  ھەربىي  بولۇش  سۈپىتىم  بىلەن  سىزگە  شۇنداق ۋەدە  بېرىمەنكى  ، مەن  چوقۇم  سىز  ماڭا  تاپشۇرغان ھەرقاندا  ۋەزىپىنى  بىجانىدىللىق بىلەن  ئورۇندايمەن،  ماڭا  بىر  پۇرسەت بەرگەن  بولسىڭىز.»

مۇئاۋىن باش  لېدىر  ئۇنىڭ  يېشىنى  ئويلاشتى، ئاندىن  يەنە  ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە  سەپ سېلىپ  قارىدى، ئاخىردا  خۇددى  چاقچاق قىلغاندەكلا  ئۇنىڭغا  خىزمەت بەردى،  بۇ  زادى  قانداق  خىزمەتتۇ؟ ئۇ  ئامرىكىنىڭ   ئوتتۇرا قىسىمدىكى  بىر  سودىسى بۇزۇلغان  بازارغا  ئەۋەتىلگەن ئىدى، بۇنىڭدىن  بۇرۇن  شىركەتتىن نۇرغۇن  ئىقتىدارلىق دېرىكتورلار  ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ ،  لېكىن  ھېچكىم بۇ  خىزمەتنى  ياخشى  قىلالمىغان  ئىدى،  چۈنكى  بۇ  يەردىكى  خېرىدارلار مۇناسىۋىتى  بەك  ناچار  بولۇپ،   شىركەت خېرىدارغا  بەرگەن  زور  سوممىلىق  قەرزنى ئۇزۇنغىچە  قايتۇرۋالالمىغان  ئىدى، شىركەتنىڭ  ئۇ  يەردىكى  ئوبرازىمۇ يەر  بىلەن  يەكسان بولغان  ئىدى.

مۇئاۋىن باش  لىدىر  كۆڭلىدە ئويلىدى:  بەرىبىر  ئۇنىڭدىن ئىقتىدارلىق  كىشىلەرمۇ  بۇ  خىزمەتنىڭ  ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، ئۇنى  ئەۋەتىپ  بىر  سىناپ  باقاي، ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ  باقسۇن.

پېشقەدەم ھەربىي  مۇنداق  دېدى:« مەن  ۋەزىپىنى  ئورۇنداشقا كاپالەتلىك  قىلىمەن.»  ئىككىنجى كۈنىلا  ئۇ  ھېلىقى بازارغا  قاراپ  يولغا  چىقتى.بىر  نەچچە ئايدىن  كېيىن  بۇ بازاردا  شىركەتنىڭ  ئوبرازى قايتىدىن  تىكلەندى،خېرىدارلار  بىلەن  بولغان مۇناسىۋەتمۇ  ياخشىلاندى،ھەممە  خېرىدارلار  قەرزنى تولۇق  دېگۈدەك  قايتۇردى.

بىر شەنبە  كۈنى  چۈشتىن كېيىن  مۇئاۋىن  باش لېدىر  بۇ  ھەربىينى ئىشخانىسىغا  چاقىرتتى، ھەمدە  ئۇنىڭغا مۇنداق  دېدى:«  يەكشەنبە كۈنى مېنىڭ  سىرتتا  قىلىدىغان ئازراق  ئىشىم  بار، سىڭلىم  يوتا  شىتاتىدا توي  مۇراسىمى  ئۆتكۈزمەكچى،مەن  ئۇنىڭ تويىغا  قاتناشقىلى  بارىمەن، سىزنىڭ  ماڭا ياردەم  قىلىپ  سىڭلىمغا سوۋغات   ئېلىشىشپ بېرىشىڭىزنى  ئۈمىد قىلىمەن، بۇ سوۋغات  بىر  سوۋغاتلىق بۇيۇملار  ماگىزىنىدا، ئىنتايىن  چىرايلىق بىر  ئەينەك  ئىشكاپنىڭ ئىچىدە  بىر  كۆك رەڭلىك  لوڭقا  بار.» خوجايىن  بۇلارنى  دېگەندىن كېيىن  ئۇ  يەرنىڭ ئادرىسى  يېزىلغان  قەغەزنى ھەربىيگە  ئۇزاتتى.  پېشقەدەم ھەربىي  قولىغا  قەغەزنى ئالغاندىن  كېيىن  ئەدەپ بىلەن  مۇئاۋىن  باش لىدىرغا  قاراپ  مۇنداق دېدى:«  مەن چوقۇم  ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا  كېپىللىك  قىلىمەن.»

مۇئاۋىن باش  لېدىر  ئۇنىڭغا بەرگەن  قەغەزنىڭ  كەينىگە ئۇ  ئولتۇرىدىغان  پويىزنىڭ ۋاگون  نۇمۇرى  ۋە ئورۇن  نۇمۇرى  يېزىلغان ئىدى، چۈنكى مۇئاۋىن  باش  لىدىر ئۇنىڭغا  لوڭقىنى  سېتىۋالغاندىن كېيىن  مۇشۇ  ۋاگونغا ئەۋەتىپ  بەرسىلا  بولىدىغانلىقىنى  دېگەن ئىدى. 



شۇنىڭ بىلەن  بۇ  ھەربىي دەرھال  ھەركەتكە  كېلىپ يولغا  چىقتى،  ئۇ ئىنتايىن  ئۇزۇن  يول ماڭغاندىن  كېيىن  ئاخىر مۇئاۋىن  باش  لېدىر ئۇنىڭغا  بەرگەن  ئادرىسنى تاپتى.لېكىن  ئاران  تەستە بڭ ئادرىسنى  تاپقاندا  ئۇ نىمە  قىلارىنى بىلەلمەي  قالدى، چۈنكى بۇ  يەردە  مۇئاۋىن باش  لىدىر  دېگەن ئۇ  سوۋغاتلىق  بۇيۇملار ماگىزىنى  يوق ئىدى،چىرايلىق  ئەينەك ئىشكاپمۇ  يوق  ئىدى، كۆك  رەڭلىك  لوڭقىمۇ يوق  ئىدى.

ئەگەر  سىز  بولسىڭىز  قانداق قىلىسىز؟  خوجايىنىڭىزغا  مۇنداق دەمسىىز:«  كەچۈرۈڭ،  سىز ماڭا  بەرگەن  ئادرىس خاتاكەن،  شۇڭا  مەن كۆك  رەڭلىك  لوڭقىنى تاپالمىدىم.»  لېكىن  ھەربىي بۇنداق  ئويلىمىدى،  چۈنكى ئۇ  خوجايىنىغا  مەن چوقۇم ۋەزىپىنى   ئورۇنلايمەن،  دەپ  ۋەدە  بەرگەن ئىدى.

شۇنىڭ  بىلەن  ئۇ  ئالدى  بىلەن  مۇئاۋىن  باش  دېرىكتورغا  تېلفون قىلىپ ئادرىسنى  ئېنىق  سورىماقچى بولدى، لېكىن  دېرىكتورنىڭ  تېلفونى ئۇلانمىدى، چۈنكى  شىمالىي  ئامرىكىدا ھەپتە  ئاخىردىكى  دەمئېلىشتا خوجايىنلار  باشقىلارنىڭ  ئۆزىنى ئاۋارە  قىلىشىنى  ياقتۇرمايتتى، شۇڭا  ئۇلار  باشقىلارنىڭ تېلفونىنى  ئالمايتتى، قانداق  قىلىش  كېرەك؟

ۋاقىت  بىر  مىنۇت، بىر  مىنۇتتىن  ئۆتۈپ  كېتىۋاتاتتى،   ئۇ  دېرىكتور  بەرگەن ئادرىسقا   ئاساسەن  شۇ  يەردىكى  بەش  كوچىنى  بىردىن بىردىن  ئىزدىدى،   ئاخىر خوجايىن  دېگەن  ھېلىقى ماگىزىن  كۆرۈندى، ھېلىقى  چىرايلىق ئەينەك  ئىشكاپمۇ تۇراتتى، كۆك  رەڭلىك لوڭقىمۇ  بار  ئىدى.  ئۇ  بەك  خۇشال  بولدى،  لېكىن  لېكىم  ماگىزىننىڭ ئالدىغا  بارغاندا  ئۇ  شۇنى  بايقىدىكى،  ماگىزىننىڭ  ئىشىكى  ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ  بولغان  ئىدى، خوجايىن بۇرۇنلا  ئىشتىن  چۈشۈپ  كەتكەن  ئىدى.

ئەگەر  سىز  بولغان بولسىڭىز  قانداق قىلغان  بولاتتىڭىز؟ بەلكىم  مۇنداق دېيىشىڭىز  مۇمكىن  ئىدى:  كەچۈرۈڭ  خوجايىن، سىز ماڭا  بەرگەن  ئادرىس خاتاكەن، مەن  ئاران  تەسلىكتە تاپسام  ئۇ  يەرنىڭ خوجايىنى  ئىشتىن چۈشۈپ  كېتىپتۇ. لېكىن  ئۇ  ئۇنداق ئويلىمىدى، چۈنكى  ئۇ  دېرىكتورغا ۋەزىپىنى  چوقۇم  ئورۇندايمەن، دەپ  ۋەدە  بەرگەن ئىدى.

ئۇ دۇكاننىڭ  ئىشىكىگە   يېزىلغان ئۇچۇرلاردىن  پايدىلىنىپ  ئاخىر بۇ  دۇكاننىڭ  خوجايىنىنىڭ تېلفون  نۇمۇرىنى  تاپتى، ھەمدە  نۇمۇرغا  تېلفون قىلىپ  ئۆزىنىڭ  ئاشۇ كۆك  لوڭقىنى  سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى  دېدى،  قارشى تەرەپ:  مەن  دەم ئېلىۋاتىمەن،  تىجارەت  قىلمايمەن، دېدى –دە  تېلفوننى  قويىۋەتتى.

ئەگەر سىز  بولغان  بولسىڭىز بەلكىم:  كەچۈرۈڭ  خوجايىن ئۇلار  تىجارەت  قىلمايدىكەن، مەن  سېتىۋالالمىدىم،  دېيىشىڭىز، بىر  مۇنچە  باھانە سەۋەپلەرنى  كۆرسىتىپ  ئۆزىڭىزنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغىنىڭىزنى  دېيىشىڭىز  مۇمكىن بولار  ئىدى،  لېكىن بۇ  ھەربىي  ئۇنداق ئويلىمىدى، چۈنكى  ئۇ  درىكتورغا ۋەزىپىنى  چوقۇم  ئورۇندايمەن، دەپ  ۋەدە  بەرگەن ئىدى.

ئۇ كۆڭلىدە  ئويلىدى: مەيلى  قانچىلىك بەدەل  تۆلىشىمدىن  قەتئىينەزەر ئۇ  لوڭقىنى  چوقۇم ئېلىشىم  كېرەك،  ئۇ دۇكاننىڭ  ئەينىكىنى  چېقىپ كىرىپ  ئۇ  كۆك لوڭقىنى  ئالماقچى  بولدى، دەرىزە  چاقىدىغانغا  ئەسۋاپ ئىزدىدى.  ئاران  تەستە ئەسۋاپنى  تېپىپ  كەلگەندە بولسا،  ئۇ  دۇكاننىڭ ئالدىدا  بىر ساقچى  تۇرىۋالغان  ئىدى، ھەربىي  ساقچىنىڭ  كېتىشىنى ساقلىدى،  لېكىن  ئۇ ساقچىنىڭ  كېتىش  نىيىتى يوقتەك  قىلاتتى. 


بۇ ۋاقىتتا  ھەربىي  بىر نەرسىنى  سەزگەندەك  بولدى –دە، يەنە  بىر  قېتىم بۇ  دۇكاننىڭ  خوجايىنىغا تېلفون  قىلدى،  خوجايىن تېلفوننى  ئېلىشىغا  ئۇ مۇنداق  دېدى:«  مەن ئۆزۈمنىڭ  ھاياتى  ۋە بىر  ھەربىينىڭ  شان – شەرىپى  نامىدىن شۇنداق  كاپالەتلىك  قىلىمەنكى، مەن  چوقۇم  ئاشۇ كۆك  لوڭقىغا  ئېرىشىشىم كېرەك،  چۈنكى  مەن باشقىلارغا  ۋەدە  بەرگەن، بۇ  بىر  ھەربىينىڭ شان – شەرىپى  ۋە  ھاياتىغا تاقىشىدىغان  ئىش،  شۇنىڭ ئۈچۈن  ماڭا  چوقۇم ياردەم  قىلىڭ.»

قارشى تەرەپ  تېلفوننى  قويىۋەتمىدى. ھېچنىمە  دېمەستىن  ئۇنىڭ سۆزلىرىنى   ئاڭلاۋاتاتتى.  ئۇ قارشى  تەرەپكە  ئۆزىنىڭ جەڭ  مەيدانىدا  قانداق يارلانغانلىقىنى  ئېيتىپ بەردى،  ئۇ جەڭ  مەيدانىدا  بىر سەپدېشىنىڭ  ھاياتىنى  قۇتقۇزۇش ئۈچۈن  ئۈچۈن  ئېغىر يارلىنىپ  يارا  ئاسارىتى قالغان  ئىدى.

دۇكاننىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ  ھېكايىسىدىن  تەسىرلەندىمۇ ئېھتىمال  ئاخىر  بىر ئادەم  ئەۋەتىپ  كۆك لوڭقىنى  ئۇنىڭغا  ئېلىپ بېرىدىغان  بولدى.    ھەربىي لوڭقىنى  ئالغاندىن  كېيىن ئىنتايىن  خۇشال  بولدى، لېكىن سائىتىگە  قاراپ  مۇئاۋىن دېرىكتور  ئولتۇرغان  پويىزنىڭ ئاللىبۇرۇن  قوزغىلىپ بولغانلىقىنى  بايقىدى.

ئەگەر سىز  بولسىڭىز   قانداق قىلغان  بولاتتىڭىز؟  سىز بەلكىم  بىرمۇنچە  سەۋەپلەرنى كۆرسەتكەن  بولىشىڭىز مۇمكىنتى:  سىز  ماڭا بەرگەن  ئادرىس  خاتاكەن، مەن مىڭ  تەسلىكتە  تاپسام، دۇكاننىڭ  ئىشىكى تاقاقكەن،  مىڭ  تەسلىكتە بۇ  لوڭقىنى  ئالغان چېغىمدا  سىز  ئولتۇرغان پويىز  قوزغىلىپ  بوپتۇ... لېكىن  بۇ  ھەربىي ئۇنداق  ئويلىمىدى،  چۈنكى ئۇ  خوجايىنغا  مەن چوقۇم  ۋەزىپىنى  ئورۇنلايمەن، دەپ  ۋەدە  بەرگەن ئىدى.

ھەربىي ئۆزىنىڭ  بۇرۇنقى  سەپدىشىغا تېلفون  قىلدى،  ئۇ بىر  شەخسىي تىك  ئۇچارنى ئىجارە  ئالماقچى  بولغان ئىدى،  چۈنكى  شىمالىي ئامرىكىدا  نۇرغۇن  كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ  شەخسىي  تىك ئۇچارى   بار  ئىدى.ئۇ ئاخىر  ئۆزىگە  تىك ئۇچار  ئىجارە  بېرىپ تۇرۇشنى  خالايدىغان  ئادەمنى تاپتى. ئاندىن ئۇ  تىك  ئۇچارغا ئولتۇرۇپ  مۇئاۋىن  دېرىكتور ئولتۇرغان  پويىزنىڭ كەينىدىن   پويىز  توختايدىغان يەنە  بىر  بېكەتكە قاراپ   ماڭدى. ئۇ  ھاسىرغىنىچە  بېكەتكە كىرگەن  ۋاقتىدا  پويىز دەل  بېكەتكە  كېلىپ توختىغان  ئىدى. 



 ئۇن  دېرىكتور ئۇنىڭغا  بەرگەن  ۋاگون نۇمۇرى  بويىچە  ئىزدەپ ئاخىر  دېرىكتورنى  تاپتى، دېرىكتورنى  كۆرۈپ  ئۇ لوڭقىنى  ئاۋايلىغىنىچە  دېرىكتورنىڭ ئالدىغا  قويدى  ھەم  مۇنداق دېدى:« باش  دېرىكتور،  بۇ سىز  دېگەن  كۆك رەڭلىك  لوڭقا،  سەپىرىڭىز كۆڭۈللۈك  بولغاي.»  ئاندىن ئارقىغا  بۇرۇلۇپلا  پويىزدىن چۈشۈپ  كەتتى. 

يېڭى بىر  ھەپتە  باشلاندى، ئىشقا  چۈشكەن بىرىنجى  كۈنى  مۇئاۋىن باش  لىدىر  بۇ سەپتىن  قايتقان  ھەربىينى ئىشخانىسىغا  چاقىرتتى:«  ماڭا ياردەم  قىلىپ  لوڭقىنى سېتىۋالغىنىڭىزغا  رەھمەت،  سىڭلىم بەك  ياقتۇردى،  ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق  تاماملىغىنىڭىزنى  تەبرىكلەيمەن، سىزگە  رەھمەت  ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە  بىز  نەچچە  يىلدىن بۇيان  ئىزچىل  دېرىكتور ئىزدەۋاتقان،  ئۇنى يىراق  بىر  جايدىكى تارماق  شىركەتكە  ئەۋەتىپ باش  لىدىرلىق  ۋەزىپىسىنى بەرمەكچى  ئىدۇق،  بۇ شىركەتنىڭ  ئەڭ  مۇھىم تارمىقى ،لېكىن  ئىلگىرى  بىز تاللىغان  كىشىلەر  ۋەزىپىنى كۆڭۈلدىكىدەك  ئورۇندىيالمىدى.  كېيىن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى  بىزگە  كۆك لوڭقا ئارقىلىق  سىناش  تەدبىرىنى كۆرسەتتى.  بۇ   جەرياندا نۇرغۇن  كىشىلەر  ۋەزىپىنى ئادا  قىلالمىدى،  چۈنكى بىز  بەرگەن  ئادرىس خاتا، دۇكان  خوجايىنىڭ بۇرۇن  ئىشتىن  چۈشىشىنىمۇ بىز  ئورۇنلاشتۇرغان،  ئۇنىڭ پەقەت  ئىككى  قېتىملا تېلفون  ئېلىشىنىمۇ  بىز ئورۇنلاشتۇرغان،  ئىلگىركى  سىناقلاردا بىر  ئادەم  ۋەزىپىنى ئورۇندىدى،  ئۇ  دۇكاننىڭ ئەينىكىنى  چېقىپ لوڭقىنى  ئالغان  ئىدى، بۇ  شىركەتنىڭ  ئەخلان مىزانىغا  ئۇيغۇن  بولمىغاچقا بىز  ئۇ  ئادەمنى ئويلاشمىدۇق.  شۇڭا  كېيىنكى قېتىم  بىز  مەخسۇس بىر  ئادەمنى  ساقچىدەك كىيىنىپ  دۇكاننىڭ ئالدىدا  تۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردۇق،  لېكىن  بۇلارنىڭ ھەممىسى  سىزنىڭ  ۋەزىپىنى  ئىجرا  قىلىش  ئىرادىڭىزنى توسۇپ  قالالمىدى،  ۋەزىپىنى ئىنتايىن  ياخشى  تاماملىدىڭىز، مەن  ھازىر  سىزنىڭ تارماق  شىركەتنىڭ باش  لىدىرى بولغانلىقىڭىزنى  جاكارلايمەن.»

ئىجرا قىلىش   كۈچى  دېگەن نىمە؟  مانا  بۇ ئىجرا  قىلىش  كۈچى، ئەمدى  ئۆزىڭىزدىن  سوراپ بېقىڭ،  سىز  قىلالاپسىزمۇ؟ 






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读506
粉丝0
内容624