大数跨境
0
0

بىل گايتىسنىڭ ياشلارغا بەرگەن 11 مەسلەھەتى

بىل گايتىسنىڭ ياشلارغا بەرگەن 11 مەسلەھەتى aymehri
2018-02-02
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


01


تۇرمۇش ئادالەتسىز بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ماسلىشىشڭىز كېرەك





02


بۇ دۇنيا سىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ،  ئۆزۈمچىلىك خاھىشىڭىز شەكىللىنىشتىن ئاۋۋال جەزمەن نەتىجە يارىتىڭ






03


مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىپلا 4000 دوللار مائاش ئالالىشىڭىز، ماشىنىلىق بولالىشىڭىز ناتايىن. تىرىشقاندىن كېيىنلا بۇلارغا ئىگە بولالايسىز






04


ئەگەر ئوقۇتقۇچىڭىزنى قاتتىق قول دەپ قارىسىڭىز، جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى خوجايىنىڭىزنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ






05


ھامبۇرگ بولكىسى سېتىش ئىززەت-ئابرۇيىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە كۆز قارىشى بار. ئۇلار بۇنى«ئامەت»دەپ قارايدۇ






06



ئەگەر سىز مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، بۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىڭىزغا دۆڭگەپ قويماستىن، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىڭ





07


سىز تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك كۈنگە چۈشۈپ قالمىغان. ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ قېلىشى ئىزچىل سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، كىر-قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ كەلگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا، ئانىڭىز  كۆپ سۆزلەپ قويۇشتىن ئاۋۋال ھوجرىڭىزنى تازلاپ قويۇڭ






08



سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە يامان ئوقۇغۇچى دەپ ئايرىلماسلىقى مۇمكىن . لېكىن، تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بەزى مەكتەپلەردە«لاياقەتسىز»دېگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان يوقىلىپ، سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ





09


مەكتەپتىن ئايرىلغان ۋاقىتتىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئوقۇش مەۋسۈمى دەپ ئايرىلمايدۇ، تەتىلمۇ بولمايدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگەياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمۇ يوق. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە تايىنىسىز






10


تېلېۋىزوردىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر چوقۇم تىرىشىپ ئۆز خىزمىتىنى قىلىشى، كىنودىكى چولپانلارغا ئوخشاش كۈندە  قەھۋەخانىلارغا كىرىۋالماسلىق لازىم






11

ئۆزىڭىز نەپرەتلىنىدىغانئادەملەرگىمۇ لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنەشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن  .







【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624