

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
قانداق ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ؟
تۆۋەندىكىدەك كېسەلگە گېرىپتار بولغان ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ:
بىرىنجى:ئۆپكە سىل كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئانىلار بالا ئېمىتسە بولمايدۇ، بولمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىپلا قالماستىن يەنە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ پايدىسىز.
ئىككىنجى:يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئانىلار، چۈنكى بالا ئېمىتىش جەريانىدا ئانىلارنىڭ يۈرىكىنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ.
ئۈچىنجى:ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان ئانىلار.
تۆتىنجى:تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئانىلار.
بەشىنجى:جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار. بالا ئېمىتكەندە، بىر تەرەپتىن كېسەللىك بالىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق. بۇنداق ئانىلار بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى سۆيمەسلىكى،تاماقنى ئاغزىدا چايناپ بەرمەسلىكى لازىم.
ئالتىنجى:دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار.بۇنداق ئانىلار سالامەتلىك ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك.
يەتتىنجى:قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ئانىلار. بۇنداق ئانىلار دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك.
سەككىزىنجى:سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار
توققۇزىنجى:جىددىي خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار، ئۇلار تۈرلۈك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ.
ئونىنجى:گالاكتوزىلىق قان ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى بالا ئېمىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.






