

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئۆيگە كىرىپ ئانامنىڭ بىر قەغەز يېشىكنى قايچا بىلەن كېسىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، قەغەز يېشىك قاتتىق بولۇپ ئانام چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ كېسىۋاتاتتى، شۇنچە كېسىپمۇ ئارانلا كىچىككىنە يېرىنى كەسكەن ئىدى.
دادام بىرنەچچە ۋاراق كوچىدىن تېرىۋالغان ئېلان قەغىزىنى كۆتۈرۈپ كىردى –دە ، دېدى:" ما قەغەز يۇمشاقكەن، كەسمەك ئاسان، مۇشۇنى كەس."
ئانام دىمىقىنى قېقىپ قويدى ۋە قەغەز يەشىكنى يەرگە تاشلاپ پۈتۈن ئاچچىقىنى ئېلان ۋارىقىدىن چىقىرىشقا باشلىدى.
دادام قەغەز يەشىكنى تېرىپ تېشىغا چىقىپ كەتتى.
"ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ؟" كۈلگۈم كېلىپ سورىدىم.
"بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردى، دوختۇر داداڭنى قان بېسىمى ئۆرلەپ قاپتۇ، ھاراق-تاماكىغا يېقىن كەلمىسۇن دېگەن، ئۇ دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىپ چەككىلى تۇرۇپتىكەن، قولىدىن تارتىۋېلىپ تاشلىۋەتسەم ماڭا دومسىيىپ ئىشىمغا ئارلاشما، دەيدۇ. ئارلاشمىسام ئارلاشماپتىمەن، بىكار قالمىدىم مەنمۇ."
"سائەتكە قاراپ باقە، قانچە بوپتۇ؟" ئانام سورىدى.
"سەككىز بولاي دەپتۇ." مەن تامدىكى سائەتكە قاراپ قويۇپ جاۋاپ بەردىم.
"داداڭنىڭ دورا يەيدىغان ۋاقتى كەپتۇ، سەن بۇ يەرنى يىغىشتۇرۋەت، مەن داداڭغا دورا ئاپىرىپ بېرەي. ھە راس، بۇ كەچتە ئۆيۈڭدە ئولتۇرماي بۇ يەرگە كەپسەنغۇ؟ ئېرىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭما؟"
"ياقەي، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن، يولدىن ئۆتكەچ كىرگەنتىم."
"تېز ئۆيۈڭگە كەت، ئېرىڭ ئەنسىرەپ قالمىسۇن. داداڭ ئاپىرىپ قويسۇنمۇ، كەچتە بىخەتەر ئەمەس."
"ياق بولدى، ئۇ مېنى ئالغىلى كېلىدۇ."
تېلفونۇمغا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى :" خوتۇن، خاپا بولما، مەن خاتا قىپتىمەن."
"مەن ئانامنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇم، مېنى ئالغىلى كېلىڭ." مەن قايتۇردۇم.
"ماقۇل، ھازىرلا بارىمەن." ئۇ ھىجايغان چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى ئەۋەتتى.
"بېزەڭ..." ئۇچۇر قايتۇردۇم.
"ھەي قېرى، دورا يەيدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى!" ئانام دورىلارنى كۆتۈرۈپ دادامنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتى.
ئۇرۇشۇپ قالغان بولسىمۇ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنە قارشى تەرەپنى ئويلاپ تۇرسا، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى بولسا كېرەك، ئۆيگە قايتىپ ئۇنىڭغا مۇشۇ توغۇرلۇق دەرس ئۆتۈشكە باشلىدىم...






