

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كۆكتات سېتىۋېلىپ كەلگەندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنجى ئىشىڭىز نىمە؟ سېتىۋېلىپ كەلگەن كۆكتاتنى خالتىسى بىلەن قوشۇپلا توڭلاتقۇغا تىقىشمۇ؟ ئۇنداقتا سىز خاتالىشىۋېتىپسىز.
كۆكتاتلارنى سۇلىياۋ خالتا بىلەنلا ساقلاشنىڭ زىيىنى
1 سۇلىياۋ خالتىنىڭ مۇنداق زىيانلىرى بولىشى مۇمكىن بېنزوپىرانىل راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
رەڭگارەڭ سۇلىياۋ خالتىلار قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان سۇلىياۋ خالتا بولۇپ،بۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان رەڭ ماددىسىنىڭ تەركىبىدە بېنزوپىرانىل بار. بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن يېمەكلىك تەركىبىگە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
پىلاستىكىلىق ئاگىنت يەتتە خىل كېسەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
پىلاستىكىلىق ئاگىنت سۇلىياۋ خالتىدىن يېمەكلىككە ئۆتىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى بۇ خىل سۇلىياۋ خالتا بىلەن ئۇچراشقان يىمەكلىكنى يېيىش ئارقىلىق بۇ خخل ماددىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. بۇ ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايتى چوڭ. بىز كۈندە پىلتە قۇيماق، ئىسسىق مانتىلارنى سېتىۋالغاندا ئەگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىشلەتكەن خالتىسى ئۆلچەمگە توشمىغان خالتا بولسا بۇ خىلماددىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ڧتالات: دىئابىتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ
مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، سۇلىياۋ خالتىلارنى ياساش جەريانىدا فتالات دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرلۈك خىمىيەلىك ماددا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئىنسۇلىننىڭ ئىشلەپچىقىرلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ دىئابىتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ.
2 نەملىك يۇقىرى بولغاندا ئاسان سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ سەي – كۆكتاتلارنى سۇلىياۋ خالتىغا سېلىپ ساقلىغاندا سەي – كۆكتاتلارنىڭ ئەتراپىدىكى نەملىكمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ،بۇنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا كېسەللىك مىكروبى تۇغۇلىدۇ، كۆكتاتلارنىڭمۇ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ.شۇڭا ئەگەر كۆكتاتلارنى خالتىغا سېلىپ ساقلاش توغرا كەلگەندىمۇ ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمىسۇن.
3 ھاۋا ئۆتۈشمىگەنلىك سەۋەبىدىن تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق خورايدۇ ئوكسىگىن بولمىغان شارائىت ئاستىدا مېۋە ۋە سەي-كۆكتات تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشىمۇ بىرقەدەر تېز بولىدۇ. ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە زىيانلىق بولغان ئىسپىرت ۋە ئېتانال ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا كۆكتاتلارنى ساقلىغاندا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.









