大数跨境
0
0

ياخشى كۆرۈش دېگەن نىمە

ياخشى كۆرۈش دېگەن نىمە aymehri
2017-10-17
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ








ياشانغا  بىر ئايالدىن « ياخشى  كۆرۈش»  دېگەن نىمە ،  دەپ  سورالدى.

ياشانغان  ئايال جاۋاپ  بەردى:

تۇنجى  قېتىم بۇ  گەپنى  ئاڭلىغان ۋاقتىمدا  سەبىي  گۆدەك بىر  بالا  ئىدىم. دادام  مېنىڭ  مەڭزىمگە سۆيۈپ  تۇرۇپ:«  سېنى ياخشى  كۆرىمەن»دېدى.  شۇ  چاغدا  مەن ياخشى  كۆرۈشنىڭ  مىھرىبانلىق، خاتىرجەملىك، مېھىرلىك  قۇچاقلاش ئىكەنلىكىنى  بىلدىم.

بويىغا  يەتكەن چاغلىرىم  ئىشىكىمىزنىڭ  ئاستىدىن كىرگۈزۈلگەن  بىر  پارچە خەتنى  تاپشۇرۇپ  ئالدىم، خەتنى قوشنىمىزنىڭ  ئوغلى  يازغان ئىكەن. خەتتە :«   سېنى  ياخشى كۆرىمەن»  دەپ  يېزىلغان ئىكەن. شۇ  چاغدا  مەن ياخشى  كۆرۈش  جۈرئەت ۋە  ساراڭلىق  ئىكەن دېدىم.

قوشنىمىزنىڭ  ئوغلى بىلەن  بېشىمىز  باغلاندى، بېشىمىز  باغلانغاندا   ئۇنىڭ ماڭا  قىلغان  تۇنجى گېپى :«  سېنى  ياخشى كۆرىمەن»  بولدى.  شۇ  چاغدا  مەن  ياخشى كۆرۈش  غايە  ۋە كۆڭلىگە  پۈكۈش  ئىكەن دېدىم.

ئىككىمىزنىڭ  تويى بولدى،  توينىڭ  ئىككىنجى كۈنى  ئېرىم  پېشانەمگە سۆيۈپ  تۇرۇپ، «  سېنى ياخشى  كۆرىمەن»  دېدى. شۇ چاغدا  مەن  ياخشى كۆرۈش  ئىنتىلىش، سېغىنىش  ئىكەن، دېدىم.

يىللار  ئۆتتى، تۇنجى بالامنى  تۇغدۇم. كارۋىتىمدا  تۇغۇتتىن ھالسىزلىنىپ  ياتسام  يولدىشىم كېلىپ قولۇمنى  تۇتۇپ  تۇرۇپ «سېنى  ياخشى  كۆرىمەن» دېدى.  مەن  ياخشى كۆرۈش  مىننەتدارلىق،  تەقدىم قىلىش،  ئاقكۆڭۈللۈك،مۇلايىملىق  ئىكەن  دېدىم.

ئۇزۇن  يىللار ئۆتتى،  چاچلىرىم  ئاقاردى، يولدىشىم  ئاقارغان چاچلىرىمغا  قاراپ  كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، «  سېنى  ياخشى كۆرىمەن»دېدى.  مەن  ياخشى كۆرۈش  مېھىر-شەپقەت،مېھرىبانلىق  ئىكەن،  دېدىم.

ياشقا  چوڭىيىپ موماي  بولۇپ  قالدىم. ھەرقېتىم  ئېرىم ماڭا  «سېنى  ياخشى كۆرىمەن» دېگەندە،  مەن  ياخشى كۆرۈش  ۋاپادارلىق، سادىقلىق،ئۆزىنى  بېغىشلاش،  ئىخلاش قىلىش  ئىكەن  دېدىم.






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624